مۇسۇلمانلار

قوشنا ھەققى

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

دىنىمىز مۇسۇلماننى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار» – (ھەج سۈرىسى، 77- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

1 – «مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر – بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2 – «كىمكى دۇنيا ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى بىر مۇئمىندىن كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ…» – (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

دىنىمىز مۇسۇلمانلارنى يېتىم ئوغۇل ۋە يېتىم قىــزلارنىڭ بېشىنى سىلاشقا، مىســكىن، دىــلى سۇنۇق كىشىـــلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، ئۇلارغا شەپقەت قىلىشقا، ئۇلار بىلەن كەمتەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇلارنى قانــات ئاســتىــغا ئېـــلىــشقا بۇيرۇيدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن» – (ھىجىر سۈرىسى، 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

«سەن، پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن – ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان ئاجىز ۋە كەمبەغەل مۇسۇلمانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى دەپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن» – كەھف سۈرىسى، 28- ئايەت).

«يىتىمنى خارلىما، سائىلغا قوپاللىق قىلما» – (زۇھا سۈرىسى، 9- ۋە 10- ئايەت).

«دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۈشكەللەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىبمۇ قىلمايدىغان ئادەمدۇر» – (مائۇن سۈرىسى، 1 ~ 3- ئايەتلەر)

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

1- سەھل ئىبن سەئد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن يېتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن»، دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. – بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

2 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇل خوتۇنلارغا ۋە مىسكىنلەرگە خەير – ئېھسان قىلغۇچىغا ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ياكى كېچىسى ئىبادەت قىلىپ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابى بولىدۇ»، دېيىلگەن. – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3 – مۇسئەب ئىبن سەئد ئىبن ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەئد ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ سىلەرگە، ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكاتىدىن مەدەت قىلىپ تۇرىدۇ ۋە رىزقىڭلارنى بېرىپ تۇرىدۇ»، دېدى. – (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

دىنىمىز قوشنىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ۋە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا – ئاناڭلارغا، خىش – ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن – يىراق قوشنىلارغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار» – نىسا سۈرىسى، 36- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

1 – ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرگەچكە، قوشنىلارنى بىر – بىرىگە مىراسخور قىلامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2 – ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ زەر! ئەگەر سەن شورپا قىلساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغىمۇ سۇنغىن» – (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ»، دېگەن. «ئى رەسۇلۇللاھ! كىم كامىل مۇئمىن بولمايدۇ؟»، دەپ سورالغاندا، ئۇ: «قوشنىلىرىغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم»، دەپ جاۋاب بەرگەن. – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «قولۇم – قوشنىلىرىغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»، دېگەن، دېيىلگەن.

4 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشنىلىرىڭلارغا قوينىڭ تۇۋىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئاز كۆرمەي سۇنۇڭلار» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

5 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، قولۇم – قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرسۇن» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

6 – ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەمراھىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە قوشنىسىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى كىشى ھېسابلىنىدۇ». – (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).

قېرىندىشىم! دىنىمىزنىڭ، سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقلىرى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. لېكىن بىر كىشى ئۇلارنى قىلمىسا، ھېسابىنى ئاللاھقا ئۆزى بېرىدۇ. بىزنىڭ كىشىلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە توغرىنى يەتكۈزۈشتىن باشقا ۋەزىپىمىز يوق. ئەمەل قىلمىسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. بىز تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۆزىمىز توغرا يول ئۈستىدە مەھكەم تۇرۇشقا تىرىشىمىز: ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» – (مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر