مۇسۇلمانلار

بىز يەتتە بالا، بىر ئانا

سوئال:
يېقىندا دادام ۋاپات بولۇپ كەتكەن. مىراس تەقسىماتى ھەققىدە سوئال سورىماقچى ئىدىم. دادامنىڭ 4 ئوغۇل، ئۈچ قىز بولۇپ، جەمى 7 بالىسى بار. دادامنىڭ ئايالىمۇ بار. بۇ ئايال 6 بالىغا ئۆگەي، لېكىن ئەڭ كىچىك ئۇكىمىزنىڭ ئۆز ئانىسى. دادامنىڭ ۋارىسلىرى مانا بۇلاردىن ئىبارەت. دادامنىڭ مىراسى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ…  … وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم…»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ… … ئاياللىرىڭلارغا، سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ….»- نىسا 4/11- ۋە 12- ئايەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرى.
ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنىڭ ھۆكمى بويىچە دادىڭىزنىڭ ئايالىغا مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. قالغىنى مۇۋاپىق ھەسسىگە بۆلۈنۈپ تۆت ئوغۇلغا ئىككىدىن، ئۈچ قىزغا بىردىن تېگىدۇ.
ۋارىسلارنىڭ ئارىسىدا سەككىزدىن بىرىنى (1/8) ئالىدىغان كىشى (بۇ دادىڭىزنىڭ ئايالى)، ئىككىدىن ھەسسە ئالىدىغان كىشىلەر (بۇلار دادىڭىزنىڭ تۆت ئوغلى) ۋە بىردىن ھەسسە ئالىدىغان كىشىلەر (بۇلار دادىڭىزنڭ ئۈچ قىزى) بولغانلىقى ئۈچۈن دادىڭىزدىن قالغان مىراسنى ھەممەيلەننىڭ ھەسسىلىرىنى ئاسان چىقارغىلى بولىدىغان بىر ھەسسىگە بۆلۈش كېرەك.
شۇنداق بولغاندا دادىڭىزنىڭ مىراسى88 ھەسسىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ سەككىزدىن بىرى 8/1 بولغان 11 ھەسسىسى دادىڭىزنىڭ ئايالىغا تېگىدۇ. قالغان 77 ھەسسىدىن ئوغۇللارنىڭ ھەر بىرى 14 دىن، قىزلارنىڭ ھەر بىرى 7 دىن ھەسسە ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش:
1- دادىڭىزنىڭ مىراسى تەقسىم قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن دادىڭىزنىڭ قەرزى بولسا ئۇ قەرز تۆلىنىدۇ، ئاندىن دادىڭىزنىڭ قەرزىدىن ئېشىپ قالغان مال-مۈلكى مىراس سۈپىتىدە ۋارىسلارغا يۇقىرىدىكى نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن دادىڭىزنىڭ قەرزى بولۇپ بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىغايسىز.
2- دادىڭىزنىڭ ئايالىنىڭ دادىڭىزنىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن يەتتە بالىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانىسى بولۇشى شەرت ئەمەس. دادىڭىزنىڭ ئايالى بولغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ. ئۇ ئايال ھازىر دادىڭىزنىڭ بىر بالىسىنىڭ ئانىسى ئىكەن. ھېچبىرىڭلارنىڭ ئانىسى بولمىغان بولسىمۇ (يەنى سىلەر يەتتە بالا ھەممىڭلارغا ئۆگەي بولغان تەقدىردىمۇ) يەنە دادىڭىزنىڭ مىراسىنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالالايتتى. چۈنكى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھ دادىڭىزغا رەھمەت، سىزلەرگە سەبىر ئاتا قىلغاي.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر