مۇسۇلمانلار

نېمە دەپ دۇئا قىلىۋاتىمىز

سوئال:
فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىر قىسمى «اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ» «ئى ئاللاھ! بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن:  سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا!» دېگەن دۇئا ئىكەن.
ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار كىملەردۇر؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلار ۋە ئېزىپ كەتكەنلەرچۇ؟
ئۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرسىڭىز، ئاندىن ئۇ دۇئانى ئىزاھلاپ بەرسىڭىز، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب:
1- ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار
ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلاردۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر!»- نىسا 4/69.
2- ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلار
ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلار  مۇنۇلاردۇر:
ئا- يەھۇدىيلار
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى يەھۇدىيلار، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: ‹ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن› دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: ‹ياخشى نەرسىلەرنى ئاددىي نەرسىلەرگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، تىلىگىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!› دېگەن ئىدى. ئۇلار خارلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى»- بەقەرە 2/61.
تۆۋەندە سۈرىسى ۋە نومۇرى كۆرسىتىلگەن ئايەتلەرمۇ بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ: بەقەرە 2/90، ئال ئىمران 3/112، مائىدە 5/60، ئەئراف 7/152، مۇمتەھىنە 60/13.
ئە- مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگۈچى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«كىم بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ»- نىسا 4/93.
ب- غازاتتىن قاچقۇچى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار. كىمكى ئۇ كۈندە قايتا ئۇرۇشۇش ياكى مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جا!» ئەنفال 8/15-16.
پ- مۇرتەد بولغۇچى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئۇنداقلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ، مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى ئىزھار قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. لېكىن كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلار مۇستەسنا ئەمەس»- نەھل 16/106.
ت- ئەر-ئايال مۇشرىك ۋە ئەر- ئايال مۇناپىقلار
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ يەنە ئاللاھنىڭ، ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇماندا بولغان مۇناپىق ئەرلەرنى ۋە مۇناپىق ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر. يامانلىق ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياغىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»- فەتىھ 48/6.
3- ئېزىپ كەتكەنلەر
ئا- ئىماننى كۇفرغا تېگىشكەنلەر
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…كىم ئىماننى ئورنىغا كۇفرغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ»- بەقەرە 2/108.
ئە- ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئاستىدىكى گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ»- نىسا 4/116.
ب- ئىنكارچىلار
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كاپىر بولىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ»- نىسا 4/136.
پ- توغرا يولنىڭ دۈشمەنلىرى
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ ۋە ئۇ يولنى ئەگرى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەنە شۇلار چوڭقۇر بىر ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر»- ئىبراھىم 14/3.
ت- ئاسىيلار
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق-ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ»- ئەھزاب 33/36.
ج- قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار قىيامەتنىڭ تېز قايىم بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشىنىدىغانلار قىيامەتتىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ ۋە قىيامەتنى ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ، دەپ بىلىدۇ. بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدىغانلار ئەلۋەتتە بىر ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر»- شۇرا 42/18.
چ- دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«كىم ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، بىلسۇنكى ئۇ زېمىندا ئاللاھدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھدىن باشقا قوغدىغۇچىلىرى بولمايدۇ. ئەنە شۇنداقلار ئاشكارا ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر»– ئەھقاف 46/32.
خ- ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقۇچىلار
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار. سىلەر ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر، ھالبۇكى ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى رەببىڭلار ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. سىلەر ئەگەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ۋە مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن چىققان بولساڭلار ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر، ھالبۇكى مەن سىلەر يوشۇرغان نەرسىلەرنى ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن. سىلەردىن كىم شۇنداق قىلسا، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ»- مۇمتەھىنە 60/1.
بىر مۇسۇلمان ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 40 قېتىم نامىزىمىزدا ئاللاھقا «اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ» «ئى ئاللاھ! بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن:  سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا!» دەپ دۇئا قىلىدۇ.
يۇقىرىدا تەرجىمىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە بۇ دۇئانىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
ئى ئاللاھ! مېنى سەن ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، راستچىللارنىڭ، شېھىتلەرنىڭ ۋە ياخشىلارنىڭ يولىغا باشلىغىن.
ئى ئاللاھ ! مېنى سەن غەزەپ قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ، مۇئمىن ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ، غازاتتىن قاچقۇچىلارنىڭ، مۇرتەد بولۇپ كەتكۈچىلەرنىڭ، ئەر-ئايال مۇشرىك ۋە ئەر-ئايال مۇناپىقلارنىڭ يولىدىن ساقلىغىن.
ئى ئاللاھ! مېنى ئىماننى كۇپۇرغا تېگىشىدىغان، ساڭا شېرىك كەلتۈرىدىغان، سېنى، پەرىشتىلىرىڭنى، كىتابلىرىڭنى، پەيغەمبەرلىرىڭنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىغان، قىيامەت ھەققىدە مۇنازىرىلىشىدىغان، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى دوست تۇتىدىغان ئازغۇنلارنىڭ يولىدىن ساقلىغىن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر