مۇسۇلمانلار

بىز رادىئو سەجدە ئايىتىنى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلمىزمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ياق، سەجدە قىلمايمىز. قېرىندىشىم! بۇ توغرۇلۇق بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىش ھەنەفىيە مەزھىپىدە ۋاجىپتۇر، لېكىن بۇ مەزھەپ ئاساسلانغان ھەدىسنى بۇ مەزھەبنىڭ ئالىملىرىدىن زەيلەئىي ئۆزىنىڭ نەسبۇررايە دېگەن كىتابىنڭ 2 ـ توم 178 ـ بەتتە «غەرىب» دەيدۇ.

باشقا ئۈچ مەزھەپتە تىلاۋەت سەجدىسى سۈننەتتۇر، قىلغانلار ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ، قىلمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. بۇلارنىڭ دەلىلى كۈچلۈكتۇر.

بۇ مەزھەبلەرنىڭ بەزىسى ھەتتا كۆپىنچىسى سەجدە ئايىتىنى ئاڭلىغۇچىنىڭ تىلاۋەت سەجدىسى قىلىشى ئۈچۈن، ئۇ ئايەتنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاڭلىغۇچىغا ئىمام بولالايدىغان بىرى بولۇشىنى ۋە ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئوقۇغان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن رادىئودىن، ئۈنئالغۇدىن، شاتۇتىدىن سەجدە ئايىتى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تىلاۋەت سەجدىسى قىلىشىغا كېرەك يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ، بىر سۈننەت ئەمەل، يەنى قىلسا ياخشى بولىدىغان، قىلمىسا يامان بولمايدىغان بىر ئىشتۇر. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، ئاڭلاش، چۈشىنىش قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئەمەللەرگە تىلاۋەت سەجدىسىگە ئوخشاش بىرەر سۈننەت ئەمەلنىڭ توسالغۇ بولۇپ قېلىشى تولىمۇ خەتەرلىكتۇر.

چۈنكى تىلاۋەت سەجدىسىگە تاھارەت، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش، بەدەننىڭ ۋە كىيىم ـ كېچەكنىڭ پاك بولۇشى، ماكاننىڭ پاك بولۇشى… قاتارلىق ئىشلار شەرت قىلىنىدۇ. بۇ شەرتلەر تولۇق تېپىلمىغان كىشى تىلاۋەت سەجدىسى قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇمايدۇ، ئاڭلىمايدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى چۈشەنمەيدۇ.

نەتىجىدە قىلمىسىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدىغان بىر ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر