مۇسۇلمانلار

ئاياللارنىڭ بىرقانچە سوئالى

 ئسسالامۇ ئەلەيكۇم!

بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بىرنەچچە سوئالىمىز بار ئىدى، سىلەرنىڭ تېزراق جاۋاپ بىرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.
1- تەنتەربىيە دەرسىدە ئىشتان بىلەن كەڭرى كوپتىلارنى كىيىپ قاتناشسىمۇ بولامدۇ؟
 2- ئادەتتە كەڭرى ئىشتان بىلەن تىزىدا كەڭرى كۆڭلەكلەرنى كىيىپ يۈرسىمۇ بولامدۇ؟
3- ياغلىقنى ئالدىغا چىگىشكە كۈنۈپ بولغۇچە ئارلىقتا، كەينىگە چىگىپ يۈرسىمۇ بولامدۇ؟
 4- چوقۇم جىلباب كىيىش كېرەكمۇ؟
گەرچە سوئالىمىز سەل قاملاشمىغان بولسىمۇ، ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمىز. رەھمەت ~
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
1 ـ تەنتەربىيە دەرسىدە ئىشتان بىلەن كەڭرى كوپتىلارنى كىيىپ قاتناشسا بولىدۇ، لېكىن مۇمكىن بولسا ئىشتاننىڭ رەڭگىنىڭ ئەرلەرنىڭ ئىشتىنىنىڭ رەڭگىدە بولۇپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلغىنىڭلار ياخشى. چۈنكى پەيغەمبەرپەلەيھىسسالام «ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغائوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان» ـ (بۇخارى ۋە ئەھمەد رىۋايەتقىلغان(.
قېرىنداشلىرىم! مەن سىلەرگە ئاياللارنىڭ ئەۋرىتى ۋە ئۇنى يېپىش ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرەي، شۇنىڭ بىلەن قالغان سوئاللىرىڭلار جاۋابلانغان بولسۇن:
ئاياللارنىڭ يۈزلىرى ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرى ئەۋرەتتۇر يەنى يېپىلىشى قەتئىي پەرزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق يېپىشى لازىمدۇر.
تار ياكى نىپىز كىيىملەر بىلەن ئەۋرەت يېپىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق كىيىملەر، ئاستىدا نېمە بولسا ئۇنى مەلۇم قىلىدۇ ياكى كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە ئۇ يەر يېپىلمىغان بولىدۇ.
دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ قىياپىتى (كىيىم – كېچىنىڭ پاسونى) توغرۇلۇق بىر كۆرسەتمە يوق. يەنى دىنىمىز ئايال مۇسۇلمانلارنى، يۈز ۋە قوللىرىدىن باشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يېپىشقا بۇيرۇغان. يېپىش شەكلىنى يەنى كىيىمنىڭ پاسونىنى ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىغا قويىغان.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئايال مۇسۇلمانلارغا «ئىسلامىي قىياپەت دېگەن مۇنداق بولىدۇ، مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمىنىڭ مودىسى بۇ شەكىلدە بولۇشى لازىم» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە «دىققەت قىلىنىدىغان» ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە، ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان ساداقىتىدىن پايدىلىنىپ زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
بۇنى قىلغانلار ئەگەر بىلىپ قىلغان بولسا، خۇدالىق دەۋاسى ياكى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشقان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھ بۇيرۇمىغان، پەيغەمبەر كۆرسەتمىگەن بىر ئىشنى دىن نامىدىن «ئەمر» قىلىشلىرى، «مېنىڭمۇ بۇ دىندا ئەمر ۋە چەكلىمە قويۇش ھوقۇقۇم بار» دېگەنلىك بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھغا ياكى پەيغەمبەرگە ئۆزىنى تەڭ قىلغانلىق بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىىشى ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەمەس. بەلكىدە ئۇ، بەزى ئالىملارنىڭ بەزى ھەدىسلەردىن ئىجتىھاد بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ بىرىدۇر.
مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىم شەيخ ئەلبانىي مۇناسۋەتلىك ھەدىسلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدا، ئاياللارنىڭ يۈزلىرىنى يۆگىشىنىڭ مۇستەھەب دەرىجىسىدە بىر ئىش يەنى بۇنىڭ قىلسا ياخشى بولىدىغان، قىلمىسا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دۇنيا مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنى ھەر خىل قىياپەتلەردە كۆرىمىز، لېكىن ھېچبىرىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرى ئېچىىلىپ قالغىنى يوق. دېمەك، دىنىمىز ئاياللارنى ئەۋرەت يەرلىرىنى يېپىشقا بۇيرۇغان، لېكىن يېپىش شەكلىنى ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىگە، ئۆرپ ـ ئادەتلىرىگە ۋە زوقلىرىغا قويغان.
دىنىمىزدا مەخسۇس بىر شەكىلدە جىلباب دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىيىم يوق.  جىلباب ئەرەبچە كەلىمە بولۇپ، مەنىسى رومال، ئاياللارنىڭ كەڭ كۆينىكى دېگەن بولىدۇ. بۇمۇ ھەر يەرنىڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆر ـ ئادەتلىرىگە كۆرە بولىدۇ.
ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر