مۇسۇلمانلار

ئىمامنىڭ ئارقىسىدا قىرائەت

سوئال:
ئىمامنىڭ ئارقىسىدا قىرائەت قىلامدۇق؟ ياكى جىم تۇرىمىزمۇ؟ ئىمامنىڭ ئارقىسىدا قىرائەت قىلساق قايسى نامازلاردا قىلىمىز؟ قىرائىتى ئۈنلۈك نامازلاردىمۇ قىلىمىزمۇ؟
جاۋاب:
«وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآَنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا (قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار)»- (ئەئراف 7/204)، دېگەن ئايەت قىرائەت ئۈنلۈك ئوقۇلغان نامازدا جامائەتنىڭ جىم تۇرۇپ ئاڭلىشىنىڭ لازىملىقىغا، «وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ (رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن پېشىن ۋە نامازدىگەر ۋاقىتلىرىدا زىكىر قىلغىن)»- (ئەئراف 7/205)، دېگەن ئايەت بولسا قىرائەت مەخپىي ئوقۇلغان نامازدا جامائەتنىڭمۇ ئىچىدە مەخپىي قىرائەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەتنىڭ «إِذَا قُرِئَ الْقُرْآَنُ (قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا)» دېگەن ئىپادىسى قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ بىر كىشى (ئىمام) ئىكەنلىكىنى، «فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا (دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار)» دېگەن ئىپادە بولسا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىك (جامائەت) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ئايەتنىڭ «وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآَصَالِ (رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن پېشىن ۋە نامازدىگەر ۋاقىتلىرىدا زىكىر قىلغىن)» دېگەن ئىپادىسىدە زىكىر قىلغۇچى كىشىنىڭ بىرلىك شەكلىدە (مۇفرەد) كېلىشى، قىرائىتى مەخپىي ئوقۇلىدىغان نامازدا ئىمام بولسۇن جامائەت بولسۇن ھەر كىشىنىڭ قىرائەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «بىز ئىمامنىڭ ئارقىسىدا پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرىنى، ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە پەقەت فاتىھەنىلا ئوقۇيتتۇق»[1] دېگەن سۆزىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
مۇپەسسىرلەردىن ئىبنى كەسىر «وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآَنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا (قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار)» دېگەن ئايەتنىڭ ئىمام ئۈنلۈك ئوقۇغان پەرز نامازلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، «ئىمام ئەگىشىلىش ئۈچۈن ئىمام بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام تەكبىر كەلتۈرسە سىلەرمۇ تەكبىر كەلتۈرۈڭلار، قىرائەت قىلسا سىلەر جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار»[2] دېگەن ھەدىسنىڭ بۇنىڭغا دالالەت قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ[3].
ئىمامى تەبەرى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە ئەبۇ ھۇرەيرە، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، مۇجاھىد، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە داھھاك قاتارلىق ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ بۇ ئايەتنىڭ پەرز نامازلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ[4].
ھەنەفىيە مەزھىپىدە «كىم ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان بولسا ئىمامنىڭ قىرائىتى ئۇنىڭ قىرائىتىدۇر»[5] دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلىپ پەرز نامازلارنىڭ ھېچبىر رەكىتىدە جامائەتنىڭ قىرائەت قىلماسلىقى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھەدىس ئىمامنىڭ قىرائىتىنى جامائەت ئاڭلىغان ئاۋۋالقى ئىككى رەكەت ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، قىرائىتى ئاڭلانمايدىغان ئاخىرقى ئىككى رەكىتى بىلەن پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ ھەممە رەكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
شافىئىيە مەزھىپىدە بولسا «ھەر كىم ئۇممۇل قۇرئان (فاتىھە) ئوقۇماستىن ناماز ئوقۇسا، ئۇ ناماز كەمدۇر، كەمدۇر، كەمدۇر، تولۇق ئەمەستۇر»[6] دېگەن ھەدىسكە ئاساسلىنىپ ئىمام ئۈنلۈك ئوقۇغان نامازلاردىمۇ جامائەتنىڭ فاتىھەنى ئوقۇشىنىڭ لازىم دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلغان نامازلاردا جامائەتنىڭ جىم تۇرۇپ ئوقۇلغان قۇرئاننى ئاڭلىشى ئەئراف سۈرىسىنىڭ 204- ئايىتىنىڭ ئوچۇق ئەمرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى يالغۇز ناماز ئوقۇغانلارنىڭ ۋە ئىمامنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىيالمىغان جامائەتنىڭ ھېچبولمىغاندا فاتىھەنى ئوقۇشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان بامداتتا، نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە، جۈمە ۋە ئىككى ھېيت نامىزى قاتارلىق نامازلاردا ئىمام ئۈنلۈك قىرائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلىشى لازىم. ئىمام مەخپىي قىلغان باشقا نامازلاردا (يەنى پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ پۈتۈن رەكەتلىرىدە، نامازشامنىڭ ئۈچىنچى رەكىتىدە ۋە خۇپتەننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە) جامائەتمۇ ئىچىدە قىرائەت قىلىشى لازىم.

[1]– ئىبنى ماجە، ئىقامەت 11.

[2]– بۇخارى، سالات 18؛ ئەزان 51، 82؛ مۇسلىم، سالات 77، 82، 86، 89؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 68؛ تىرمىزى، سالات 150؛ بەسەئى، تەتبىق 22؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 13.

[3]– ئەبۇلفىدا ئىمامۇددىن ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر، تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم، تەھقىق: سەييىد مۇھەممەد سەييىد، دارۇل ھەدىس، قاھىرە، 2005، 3- جىلد، 587- بەت.

[4]– ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، 1992، 6- جىلد، 161-163- بەتلەر.

[5]– ئىبنى ماجە، ئىقامەت 13؛ مۇۋەتتا، سالات 43.

[6]– مۇسلىم. سالات 38 (395).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر