مۇسۇلمانلار

باھادا نەق بىلەن نېسىنىڭ پەرقى توغرىمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بىرىنچى سوئالىڭىزدىكى «دەلىل» نى شۇ ئۇستازدىن سورىسىڭىز ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇستازىڭىز «بولمايدۇ» دېسە، ئۇنىڭ «بولمايدۇ» سىغا مەندىن دەلىل سورىسىڭىز، مەن: «دەلىلى بار» ياكى «دەلىلى يوق» دېسەم يەنە ئۈچىنچى بىر ئۇستازدىن مېنىڭ «بولىدۇ» ياكى «بولمايدۇ» يۇمغا «دەلىل» سورىسىڭىز، بۇ ئىشنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى «تىكەننى كىرگەن يەردىن ئېلىشقا تىرىشىڭ».

ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،

«بىر مالنىڭ نېسى باھاسىنىڭ نەق باھاسىدىن پەرلىق بولۇشى تېخىمۇ توغرىسى بىر مالنىڭ نېسى باھاسى نەق باھاسىدىن يۇقىرى بولسا، جازانە بولمايدۇ، ئۈسۈم بولمايدۇ» دېگەن پەتىۋانى بىرقانچە قېتىم دەلىللىرى بىلەن يازدىم ۋە مۇشۇ توردا نەشىر قىلدىم.

بەزى تورداشلار بۇ مەسىلىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن يەنە سورىدى، مەنمۇ ئۇلارنىڭ سوئالىنى قەستەن ئۆچۈرۈۋەتتىم. چۈنكى بىر گەپنى بىر قېتىم دېسەم چۈشەنمىسە، ئىككى قېتىم دېسەم چۈشەنمىسە، ئۈچ قېتىم دېسەممۇ يەنە چۈشەنمىسە، مەن قانداق قىلىمەن؟ مەن چۈشەندۈرەلمىگەن بولسام باشقىلاردىن سوراپ «كۆڭلىدىكىدەك پەتىۋا» ئېلىۋالسا بولمامدۇ؟ بىر ـ بىرىمىزگە بۇ قەدەر ئازار بېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

سىزدە بىرئاز سەمىمىيلىك ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىڭىزغا قىسقىچە جاۋاب بېرىمەن:

قېرىندىشىم! «ئاللاھ تەئالا بەيئىنى ھالال، رىبانى ھارام قىلغان» ـ (بەقەرە سۈرىسى 275). بەيئ دېمەك سودا ـ سېتىق، تىجارەت ۋە ئېلىم ـ سېتىم دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. رىبا بولسا، ئۆسۈم مۇئامىلىسى، ئۆسۈم دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.

سودا ـ سېتىق دېگەندە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازىلىقى بىلەن مال بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ مەلۇم بىر ئۆلچىمى يوق. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنى ئالدىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇم بىر باھاغا كېلىشسە، شۇ باھا شۇ مالنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باھا، نەق سودىدا بىر خىل، نېسى سودىدا باشقا بىر خىل بولىشى مۇمكىن. ھەتتا بىر سودىگەر نەق سودىدا بىر مالنى بىر خېرىدارغا بىر باھادا، يەنە بىر خېرىدارغا باشقا بىر باھادا سېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن:

سىز بىر كىيىم ـ كېچەك سودىگىرىنى چۈشىنىڭ، بىر ئىشتاننى بىر كىشىگە 20 كوي دەپ، خېرىدارنىڭ باھا تالىشىشى بىلەن 17 كويغا سېتىشى، 5 مىنۇتتىن كېيىن كەلگەن باشقا بىر كىشىگە 16 كويغا سېتىشى مۇمكىن. بۇ، تىجارىي ھاياتنىڭ بىر تەبىئىتىدۇر. بۇ سودىگەر، پۇلىنى ئەتە بېرەي دەپ بىر كۆڭلەك سېتۋالماقچى بولغان بىر كىشىگە، كۆڭلەكنى 20 كويغا ساتسا، پۇلىنى ھازىرلا نەق بېرىمەن دەپ ئوخشاش كۆڭلەكتىن بىرنى سېتىۋالماقچى بولغان باشقا بىر كىشىگە 17 كويغا ساتسا، بۇ كىشى تىجارەت قىلغان بولىدۇ. يەنى ئاللا تەئالا ھالال قىلغان بەيئىنى قىلغان بولىدۇ. سودىگەر مېلىنى ئۆزى ئالغان باھانىڭ ئۈستىدە بىر باھادا ساتالىسا، ئۈستىدىكى مىقدار پايدا ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما رىبا دېگەندە پۇل بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ ياكى ئۆخشاش جىنسىتىكى نەرسىلەر بىر ـ بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇ بەدەللەرنىڭ بىرى نەق، يەنە بىرى نېسى بولىدۇ. بۇ مۇئامىلىدە، بەرگۈچى ئالغۇچىدىن بەرگىنىنىڭ ئوخشىشىنى ئالسا ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالغان بولىدۇ. ئارتۇق ئالسا، ئارتۇقى ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. يەنى ھارام بولىدۇ. مەسىلەن:

سىز بىر كىشىگە 3 ئايلىق يۈزدە ئون ئۆسۈم بىلەن 100 كوي پۇل بەرگەن بولسىڭىز، 3 ئاي توشقاندا، قەرزدار 110 كوي ئەكەلگەن بولسا، 100 كوي سىزنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پۇلىڭىز، 10 كوي ئۆسۈمدۇر. باشتا بۇنداق بىر مۇئامىلىنى قىلىشىڭىز ھارام بولغاندەك، قەرەل توشقاندا 10 كوي پۇلنى ئېلىشىڭىزمۇ ھارامدۇر. چۈنكى بۇ رىبادۇر.

رىبا شەكىللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇغداي، ئارپا، ئالتۇن، كۈمۈش، خورما قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز جىنسى بىلەن ئالماشتۇرغاندا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر. لېكىن بۇ نەرسىلەرنى باشقا جىنسىتىكى نەرسىلەر بىلەن، مەسىلەن: ئالتۇنىى كۈمۈشكە، بۇغداينى ئارپىغا…. ئالماشتۇرغاندا پەقەت نەقمۇنەق بولۇشىلا شەرت قىلىنىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ئۆسۈم قەرزدىن قولغا كەلگەن ئارتۇق مىقداردۇر. پايدا بولسا، سودا ـ سېتىقتا قولغا كەلگەن ئارتۇق مىقداردۇر.

سودا ـ سېتىقتا بەدىلى تۆلىنىش شەرتى بىلەن مال سېتىلىدۇ. بۇ بەدەلنىڭ نەق ـ نېسى بولۇشىنىڭ، نەق بىلەن نېسىنىڭ پەرقلىق بولۇشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر.

جازانىدە ئوخشىشى قايتۇرۇلۇش ۋە ئوخشىشى بىلەن بىرلىكتە بىر مىقدار ئارتۇق نەرسە تۆلىنىش شەرتى بىلەن قەرز بېرىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر