مۇسۇلمانلار

بالدۇر ئوقۇمدىم، كېيىنمۇ؟

سوئال:
نامازنىڭ كەينىدىن تەسبىھ ئىتش (يەنى سۇبھاناللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش) تەكىتلەنگەن سۇننەتمۇ؟ چوڭلار پەرز ۋە نەپلە نامازلانى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تەسبىھ ئەيتىدىكەن …. بەزى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاڭلىساق پەرز نامازنىڭ كەينىدىن ئوقۇش ياخشى دەيدۇ. لېكىن بۇنداق تەسبىھ ئىتىشنى چوڭلار قۇبۇل قىلالمايدىكەن. بىز چوڭلاردەك قىلساق ئەۋزەل بولامدۇ ياكى ئۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىز دېگەندەك قىلساق ئەۋزەلمۇ؟
جاۋاب:
پەرز نامازلاردىن كېيىن ئاللاھۈممە ئەننەتسسەلام…نى ۋە ئايەتەلكۇرسىينى بىر قېتىمدىن ئوقۇش، سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەرنى ئوتتۇز ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش، لائىلاھە ئىللەللاھنى بىر قېتىمدىن ئوقۇش پەيغەمبىرىمىز تەشۋىق قىلغان ئىبادەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ناماز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ناماز سالام بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ زىكىر-تەسبىھلەرنى پەرز نامازلاردىن كېيىن ئوقۇش تەشۋىق قىلىنغان بىر ئىش بولۇپ ئەمر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى ئوقۇغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.
 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى پەرز نامازدىن كېيىنلا ئوقۇش ياخشى، سۈننەت نامازلاردىن كېيىن ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەدىسلەردە پەرز نامازدىن كېيىنلا زىكىر-تەسبىھ ئوقۇڭ دەپ بىر ئەمر بولمىغاندەك سۈننەت نامازلاردىن كېيىن زىكىر-تەسبىھ ئوقۇماڭ دەپ بىر چەكلىمىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىچىك ئىشلاردا ئۇ قەدەر «چىگۇڭ» يىغىپ كېتىشكە ھاجەت يوق. مۇستەھەب دەرىجىلىك ئىشلارنى قىلىمەن دەپ ياكى مۇستەھەب دەرىجىلىك ئىشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىلگىرى-كېيىن قىلىمەن دەپ پەرز بولغان ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇش ئەقىللىق ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
 بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك بولغان مەسىلىمىز پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش بولىشى كېرەك. مۇسۇلماننىڭ پىكرى، زىكرى ۋە قابىليىتى ئۇنداق كىچىك ئىشلارغا ئىشلىتىلمىگۈدەك دەرىجىدە قىممەتلىكتۇر. «نە شەھىتتۇر نە غازى، بىكار كەتتى نىيازى» دېگەندەك كىچىك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ «مۇجاھىد» بولغانلار شەھىتمۇ ئەمەس، غازىمۇ ئەمەس بىكار كەتكەن بولىدۇ.
كۈنىمىزدە قىلغىلى باشقا ساۋابلىق ئىش تېپىلمىغاندەك ئەنە ئاشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشۋاتقان «مۇجاھىد»چاقلارغا تەكلىپىم شۇكى:
ئەگەر سىلەر راستىنلا دىنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولساڭلار مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنى يۇقىرىدىكىدەك ئاددىي مەسىلىلەر بىلەن بۆلۈشكە ئۇرۇنماي مەسچىتكە كىرمىگەن لېكىن ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلارنى مەسچىتكە ئەكىرىشكە تىرىشىشىڭلار لازىم. چۈنكى بىر شائىرنىڭ «كوچىدا ماڭماق قىيىن نامى مۇسۇلمان دەستىدىن، مەسچىتى قالماقتا بوش يەر ئالسىمۇ گەر رەستىدىن» دېگىنىدەك يولدا مۇسۇلمانغا پۇتلىشىپ ماڭغىلى بولمايدۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان مەسچىتلىرىمىز مۇسۇلمان كىرمىگەنلىكتىن ياكى ئاز كىرگەنلىكتىن زەي بېسىپ، كونا تۈگمەن پۇراپ تۇرماقتا.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر