مۇسۇلمانلار

بالا قاچان بالىغ بولىدۇ؟

سوئال: ناماز قانچە ياشتا پەرز بولىدۇ؟
جاۋاب: دىنىمىزدا ئىبادەت مەسئۇلىيىتى بالاغەت يېتىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن قەلەم (مەسئۇللۇق) كۆتۈرۈلدى (يەنى ئۇلارغا گۇناھ ياكى ساۋاب يېزىلمايدۇ): ئۇخلىغاندا كىشىدىن تاكى ئۇ ئويغانغۇچىلىك، نارەسىدە بالىدىن تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكۈچىلىك، ئەقلى يوقالغان كىشىدىن تاكى ئۇ ئەقلىگە كەلگۈچىلىك»[1].
باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش نامازمۇ بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقىل جايىدا بولغان ئەر-ئايال ھەر مۇسۇلمانغا پەرز بولىدۇ. ئوغۇللار ئېھتىلام بولۇشقا باشلىغان چېغىدا، قىزلار ئادەت كۆرۈشكە باشلىغان چاغدا بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ.
بالاغەتكە يېتىشنىڭ باشلىنىشى قىزلار ئۈچۈن توققۇز، ئوغۇللار ئۈچۈن ئون ئىككى ياشتۇر. ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ كۆزقارىشىچە ئوغۇللار ئون سەككىز، قىزلار ئون يەتتە يېشىنى توشقۇزغاندا، كۆپچىلىك فىقىھ ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزقارىشىچە قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن بالىلار ئون بەش ياشنى توشقۇزغان چاغدا بالاغەتكە يەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ[2]. بۇ ياشقىچە ئادەت كۆرمىگەن قىز ۋە ئېھتىلام بولمىغان ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ ياشتا ناماز ئوقۇشى پەرز بولىدۇ.
لېكىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ، بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇلارغا نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى، ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشتا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ بالىلىرىدىن ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«ئائىلەڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن»-تاھا 20/132.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە، ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»[3].

[1]– تىرمىزى، ھۇدۇد 1. بۇ مەنىدىكى ھەدىس ئۈچۈن قاراڭ: بۇخارى، تالاق 11، ھۇدۇد 22؛ ئەبۇ داۋۇد، ھۇدۇد 17؛ نەسەئى، تالاق 21؛ ئىبنى ماجە، تالاق 15؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 1/116، 118.

[2]– ئەلى بارداق ئوغلۇ، «بۇلۇغ» دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل، 1992، 6- جىلد، 414- بەت.

[3]ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر