مۇسۇلمانلار

بالامنى ئىككى يېشىغىچە ئېمىتمىسەم ھەققىنى ئادا قىلمىغان بولامدىم؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا، ئىككى ئىشتا ھەر كىشى ئۆزىنى «بىلەرمەن» چاغلايدىغان، بۇ ئىككى ساھەدە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە گەپ بەرگۈسى كەلمەيدىغان ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇ ئىشنىڭ ئۇ قەدەر سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلمەپتىكەنمەن، ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىز بىلەن بۇنىمۇ بىلىۋالدىم.

يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر كىشى بىر مەسىلىنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمىنىڭ نېمىلىكىنى بىلسۇن، بىلمىسۇن ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «بۇ ئىش خاتا» ياكى «بۇ ئىش توغرا» دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋىتىپ «قورسىقىنى بوشىتىۋالىدىغان» ئىشلار بار ئىدى، لېكىن تېخىمۇ ئەزىۋەيلەپ قارشى تەرەپنى ئەيىپلەيدىغان ئىش يوق ئىدى. ھازىر بۇ مۇ پەيدا بوپتۇ ـ دە!

ئۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى دىن، يەنە بىرى تېب (تېبابەت). مەسىلەن: بىرقانچە ئادەم يىغىلغان بىر سورۇندا بىر كىشى: «بىر يېرىم ئاغرىيدۇ» دېسە، شۇ سورۇندا بولغان ھەر ئادەم ئۇ كىشىگە بەس ـ بەستە دورا بۇيرۇشقا باشلايدۇ، «شۇنى يېمەڭ، بۇنىڭدىن ساقلىنىڭ» دەپ پەھىز تۇتۇشقا بۇيرۇشۇپ كېتىدۇ. ئۇ سورۇندا بىرەر دوختۇر بولسا، ئۇ دوختۇرغا گەپ قىلىش نۆۋىتى كېلىپ بولغۇچە ئۇ كېسەل كىشىنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى «بىر تەرەپ» قىلىنىپ بولىدۇ.

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر سورۇندا بىرەر دىنى مەسىلە ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، ھەر ئادەم سۆزلەشكە باشلايدۇ، ھەر كىشى پەرقلىق بىر ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ سورۇندا بىرەر ئەھلى ئىلىم بولسا، بۇ ئەھلى ئىلىمگە سۆز قىلىش نۆۋىتى كەلمەيدۇ. ناۋادا بۇ ئەھلى ئىلىم پۇلى يوق ياكى يۈزى يوق ۋە ياكى جەمئىيەتتە ئېتىبارسىز دەپ قارىلىدىغان بىر كىشى بولسا، ئۇنداق سورۇندا ئاغزىنىمۇ ئاچالمايدۇ. ئاچقان تەقدىردىمۇ دەرھال تۇۋاقلىنىدۇ. چۈنكى ھەر يەردە ئەنبەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى سامساقنىڭ سېسىق پۇرىقى بېسىۋالىدۇ، تەنبۇرنىڭ زىل ئاۋازىنى دۇمباقنىڭ بوم ئاۋازى بېسىۋالىدۇ. ھەر يەردە قاغىنىڭ ئاۋازى بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى چىقىدۇ.

مانا بۇ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالى. قېرىندىشىم! سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، سىز «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نى ئېچىپ، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 233 ـ ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى (39 ـ بەت بولۇشى مۇمكىن) دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىققايسىز. چۈنكى سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى شۇ ئايەتتە بار. شۇنداق قىلسىڭىز ھەم سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىسىز، ھەمدە قۇرئان كەرىمنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئوقۇغان بولىسىز. بىر ئىنساننىڭ، پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابىنى قولىغا ئالغان ۋاقتى، ئۇنىڭ ئەڭ مەنىلىك ئۆتكەن ۋاقىتلىرىدىن بىرىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر