مۇسۇلمانلار

بازارلاردىكى سۈت ھاراممۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

قېرىندىشىم! ئەگەر ئۇ سۈتلەر ھالال مالنىڭ سۈتى بولسا ھالال بولىدۇ. سۈت دېگەن زاۋۇتتىن چىقمايدۇ، ھايۋاندىن چىقىدۇ. ھالال ھايۋاننىڭ سۈتىنى سېغىپ، بىر نەرسىگە مەلۇم مقىداردىن قاچىلاپ ساتسا، سىز ئۇنداق سۈتتىن ئېلىپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

ھالال مالنىڭ سۈتى، ساغقانلارنىڭ ياكى قاچىلىغانلارنىڭ دىنىغا ياكى مىللىتىگە قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. ھارام مالنىڭ سۈتىنى مۇسۇلمان ساغسىمۇ ھارامدۇر، مۇسۇلمان قاچىلىسىمۇ ھارامدۇر. مۇھىم بولغىنى سۈت سېغىلغان ھايۋاننىڭ ھالال بولىشىدۇر.

ئەگەر سىز بۇ سۈتكە ھارام بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ شەخسىي گۇمانىڭىزدۇر. بۇ گۇمانىڭىز بىلەن ئۇ سۈت ھاراملىققا ئايلىنىپ قالمايدۇ.

ئەگەر ئۇ سۈتكە ھارام بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى سىز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن بولسىڭىز، بۇ تەقدىردە ئۇ سۈت سىز ئۈچۈن ھارام بولىدۇ.

ئەگەر ئۇ سۈتكە ھارام بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن بولسىڭىز، دىنىمىز سىزنى ئۇ سۈت توغرىسىدا گۇمانلىنىشقا ياكى ئۇ سۈتنى تەكشۈرۈشكە ۋە ياكى ئۇ سۈتنى ئىستېمال قىلماسلىققا بۇيرۇمايدۇ. خالىسىڭىز ئىستېمال قىلىسىز، خالىسىڭىز ئىستېمال قىلمايسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر