مۇسۇلمانلار

ئەھلى جەننەتنىڭ كىيىمى

ئەھلى جەننەتنىڭ كىيىمى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
1- { إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ مَنْ أَحْسَنَ عَمَلاً. أُوْلَئِكَ لَهُمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَيَلْبَسُونَ ثِيَاباً خُضْراً مِّن سُندُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُّتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ نِعْمَ الثَّوَابُ وَحَسُنَتْ مُرْتَفَقاً}.
«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز. ئەنە شۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ھەر خىل ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدن جەننەتلىرى بار. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. ئۇلار نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن يېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! ئۇ نېمىدېگەن ياخشى جاي!»- كەھف 18/30-31.
2- {إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤاً وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ}
«ئاللاھ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلار پىرقىسىنى، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرى يىپەكتىن بولىدۇ»- ھەج 22/23.
3- {جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤاً وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ}
«ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ئەدن جەننەتلىرىگە كىرىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرى يىپەكتىن بولىدۇ»- فاتىر 35/33.
4- {إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي مَقَامٍ أَمِينٍ. فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ. يَلْبَسُونَ مِنْ سُنْدُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُتَقَابِلِينَ}
«شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار بىخەتەر جايدا، باغلاردا ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ. ئۇلار نېپىز ۋە قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ»- دۇخان 44/51-53.
5- {وَجَزَاهُم بِمَا صَبَرُوا جَنَّةً وَحَرِيراً}
«ئاللاھ ياخشىلارنى سەۋر قىلغانلىقىلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلىدى»- ئىنسان 76/12.
6- {عَالِيَهُمْ ثِيَابُ سُندُسٍ خُضْرٌ وَإِسْتَبْرَقٌ وَحُلُّوا أَسَاوِرَ مِن فِضَّةٍ وَسَقَاهُمْ رَبُّهُمْ شَرَاباً طَهُوراً}
«ياخشىلارنىڭ ئۈستىدە يۇپقا ۋە قېلىن يىپەكلەردىن يېشىل كىيىملەر بولىدۇ. ئۇلار كۈمۈش بىلەزۈكلەر بىلەن زىننەتلىنىدۇ. رەببى ئۇلارنى پاك ئىچىملىك بىلەن سۇغۇرىدۇ»- ئىنسان 76/21.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر