مۇسۇلمانلار

ئەمەلنى بىكار قىلغۇچىلار

سوئال:
ئەمەل-ئىبادەتنى بىكار قىلىۋەتكۈچى ئىشلار قايسى؟
جاۋاب:
ئۈچ ئىشنىڭ بىرى ئەمەل-ئىبادەتنى بىكار قىلىۋېتىدۇ:
1- شېرىك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ}
«ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن»، دەپ ۋەھىي قىلىندى»- زۇمەر 39/65.
2- مىننەت، 3- رىيا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُبْطِلُوا صَدَقَاتِكُمْ بِالْمَنِّ وَالْأَذَى كَالَّذِي يُنْفِقُ مَالَهُ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا لَا يَقْدِرُونَ عَلَى شَيْءٍ مِمَّا كَسَبُوا وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ}
«ئى مۇئمىنلار! سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە رەنجىتىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مېلىنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىدەك بولماڭلار. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالى، قاتتىق يامغۇر يېغىش بىلەن ئۈستىدىكى توپىلار كېتىپ قىپيالىڭاچ بولۇپ قالغان سىلىق تاشنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئەمەللىرىدىن ھېچبىر ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ بۇنداق كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- بەقەرە 2/264.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر