مۇسۇلمانلار

ئەسىرگە زاكات جايىزمۇ

سوئال:
كۈنىمىزدە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز «دىنى ئەسەبىيلىك» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» «جىنايىتى» بىلەن قارىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالماقتا، زىندانلارغا تاشلانماقتا، لاگېرلاردا تۇتۇلماقتا. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش، بالا-چاقىسىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھاكازالار… ئۈچۈن زاكات بېرىشكە ۋە زاكاتتىن ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب
ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسلىدە جىنايەتچى ئەمەس، بەلكىدە ئەسىرلەردۇر. ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش، ئەسىرلەرگە تائام بېرىش، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئىنسانىي مەجبۇرىيەت، مىللىي بۇرچ ۋە دىنى ۋەزىپىدۇر، بۇلارنىڭ ئىزاھى مۇنداق:
1- ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ۋە مىللىي بۇرچ:
ئاللاھ تائالا ھەر جانلىقنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ياشاش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىنىڭ ياشاش يولىغا باشلىغان. تاھا سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى بىلەن ئەئلا سۈرىسىنىڭ 2- ۋە 3- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. تارىخ بويى ئەنە شۇ ئىلاھىي يولغا كىرىپ ياشىغان جانلىقلارنىڭ ھاياتى داۋاملاشقان، ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. بۇ ئۇلارنىڭ كۈچسىزلىكىدىن ئەمەس، يۇقىرىقى قانۇنغا رىئايە قىلمىغانلىقىدىن بولغان.
ئاللاھ تائالا جانلىقلارنىڭ ئىچىدىن ئىنسان تۈرىنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن يارىتىپ، ئۇلارنى ئۆزئارا تۆنۇشسۇن دەپ مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىغان. مېنىڭ قانۇنلىرىمغا مۇخالىپلىق قىلىشتىن بەك ساقلانغانلار ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدۇ دەپ ئېلان قىلغان، شۇنداقلا كىمنىڭ رىئايە قىلىپ، كىمنىڭ رىئايە قىلمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن (ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى).
ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى رەھمىتىنى قەۋم ھالىتىدە لايىق بولغانلارغا ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، لاياقىتىنى يوقاتقانلاردىن تارتىپ ئېلىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن (ئەنفال 8/53، رەئد 13/11، نەھل 16/112). شۇڭا بىر مىللەتنىڭ ھەر ئەزاسى شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇش ئېڭىغا ئىگە بولۇپ ياشىسىلا ئۇ مىللەتنىڭ يەر يۈزىدىكى  مەۋجۇتلۇقى ساقلىنىپ قالىدۇ، بولمىسا ئۇ مىللەت مۇنقەرز بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ بېشىغا ھەر كۈن كېلىۋاتقان مىللىي جەھەتتىن كەمسىتىش، دىنى جەھەتتىن بېسىش، ئىجتىمائىي جەھەتتىن يەكلەش، ئىنسانىي جەھەتتىن خورلاش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇلاش ۋەھاكازالار…نى ھەر پۇرسەتتە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان قېرىنداشلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللاش، ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇش، ئۇنى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پىداكارلىق قىلىش بىر ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتۇر ۋە بىر مىللىي بۇرچتۇر، ھەتتا ئۆزىگە كۆيۈنگەنلىكتۇر، كېلەچىكىگە مەبلەغ سالغانلىقتۇر.
2- دىنى ۋەزىپىدۇر:
مۇھەممەد (ئە.س)نى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن چاغدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قۇللۇق بار ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ مەۋجۇت قۇللۇقنى قۇللارنى ئازاد قىلىش يوللىرىنى بەلگىلەپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە يوق قىلدى. ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى يا بەدەلسىز قويۇۋېتىشكە ياكى ئۇلاردىن پىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يېڭىدىن قۇل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ مەسىلىنى مۇنۇ ئىككى نۇقتىدا خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:
1- قۇل ئازاد قىلىشنىڭ يوللىرى
 ئاللاھ تائالا قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە تۈگىتىش ئۈچۈن زاكاتتىن بىر فوند ئاجراتقان (تەۋبە 9/60)، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان (نىسا 44/92)، قەسىمىدە تۇرمىغانلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان (مائىدە 5/89)، زىھار قىلغۇچىلارنى بىر قۇل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇغان (مۇجادەلە 58/3)، خالىغان دېدەكلەرنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرغان (نىسا 4/25)، خالىغان قۇللارغا ھۆرلۈككە ئېرىشىش توختامى تۈزۈشكە رۇخسەت بەرگەن (نۇر 24/33)، قۇل ئازاد قىلىشنى نېمەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ يوللىرىدىن قىلغان (بەلەد 90/13)، قۇل ئازاد قىلىشنى تەقۋادارلىقنىڭ شەرتلىرىدىن قىلغان (بەقەرە 2/177).
2- ئەسىرگە ئېلىش رۇخسىتى ئاندىن قويۇۋېتىش ئەمرى
ئاللاھ تائالا ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇرۇش ئەسناسىدا دۈشمەن قوشۇنلىرىدىن ئەسىر ئېلىشقا رۇخسەت قىلغان لېكىن ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن ئەسىرلەرنى قويۇۋېتىشكە بۇيرۇغان (مۇھەممەد 47/4). ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان (نىسا 4/36)، ئۇلارغا تائام بېرىشنىڭ «ياخشى ئادەم» بولۇشنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن (ئىنسان 76/8-10). شۇڭا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ ئاخىرقى ۋەسىيەتلىرىنىڭ بىرى: «نامازغا ئەھمىيەت بېرىڭلار، قول ئاستىڭلاردىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دېگەن سۆزى بولغان (مۇسنەد ئەھمەد 3/117؛ ئىبىن ماجە (1625).
دىنى ئېتىقادىغا قارىماستىن مەۋجۇت قۇللارنى ئەنە شۇنداق يوللار بىلەن تۈگەتكەن ۋە ئىنسانلارنىڭ قۇل بولۇپ قالماسلىقى ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر يۈرۈش پىرىنسىپلارنى بەلگىلىگەن ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىنى كاپىرلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا ئەمىر قىلىپ مۇنداق دېگەن:
﴿وَمَا لَكُمْ لاَ تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللّهِ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاء وَالْوِلْدَانِ الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْ هَذِهِ الْقَرْيَةِ الظَّالِمِ أَهْلُهَا وَاجْعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا وَاجْعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا﴾
 «ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە: ‹رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم كەنتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن بىر دوست ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن بىر ياردەمچى ئاتا قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇشمايۋاتىسىلەر؟»- نىسا 4/75.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئەسلىدە كاپىرلار ئەسىرگە ئالغان مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش كېرەك. لېكىن بەندىلىرىگە مېھرىبان ئاللاھ تائالا كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئىككى دانە شەرت قويغان: بىرى يېتەرلىك دەرىجىدە قورال-ياراغنىڭ تەييار قىلىنىشى (ئەنفال 8/60)، يەنە بىرى ئەسكەر سانىنىڭ دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ يېرىمىغا بولسىمۇ تەڭ كېلىشى (ئەنفال 8/66). يۇقىرىدىكى ئايەت مانا بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان مۇئمىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئاللاھ تائالا كۈچى يەتمىگەنلەرگە مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم﴾
«ئاللاھ تائالا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- تەغابۇن 64/16.
﴿لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْساً إِلا وُسْعَهَا﴾
«ئاللاھ ھېچكىمىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»– بەقەرە 2/286
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«إِذَا أَمَرْتُكُمْ بِأَمْرٍ فَأْتُوا مِنْهُ مَا اسْتَطَعْتُمْ»
«مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم!
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك كاپىرلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇشۇشقا قادىر بولالمىغانلار قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى بىر مىللىي بۇرچ ۋە بىر دىنىي ۋەزىپىدۇر. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ خىزمەت قىلغانلارنى تەقدىرلىمەسلىكى دۈشمەنگە بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتىدۇر. قىلغان ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماسلىق ناشۈكۈرلۈكتۇر. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا تەشەككۈر ئېيتمىغان كىشى ئاللاھقا شۈكۈر قىلمىغان بولىدۇ»- (ئەبۇ داۋۇد، ئەدەپ 4811؛ تىرمىزى، ياخشىلىق ۋە سىيلە-رەھىم قىلىش بابلىرى 1954). سىيلە- رەھىم قىلىش، ياخشىلىققا ياردەم قىلىش، مۇئمىنلارنىڭ مۇئمىن قېرىنداشلىرىغا قېرىنداشلىق ھەقلىرىنى ئادا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلاھىي پەرمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر بۇنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە زاكات بېرىشكە بولامدۇ، بولمامدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى دىنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قۇل ياكى ئەسىرلا بولىدىكەن، ئۇنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن زاكاتتىن بىر فوند ئاجراتقان (تەۋبە 9/60) ئاللاھ تائالا بۇ ھۆكمى بىلەن زاكاتنى مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر