مۇسۇلمانلار
ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى3 1

ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى3

ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى3 2
2-نىسا سۈرىسىنىڭ 24-ئايەت
نىسا سۈرىسىنىڭ 22-ئايىتىدىن باشلاپ نىكاھقا ئېلىش ھارام قىلىنغان ئاياللار زىكىر قىلىنىدۇ ۋە 24-ئايەتتە مەسىلە مۇنداق داۋاملىشىدۇ:
{وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ النِّسَاء إِلاَّ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ}
«قول ئاستىڭلاردا بولغان (ئۇرۇش ئەسىرلىرى)دىن باشقا ئېرى بار ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلارمۇ ھارام قىلىندى».
بۇ ئايەت ئېرى بار ئاياللار ئەسىرگە چۈشۈپ قالسا، ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى يەنى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئۇرۇش ئەسىرى بولغان ئەرلىك ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ھۆكمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ مەزھەپلەر ئايەتنىڭ بۇ ئىپادىسىنى ئەسىرگە چۈشكەن ئەرلىك ئاياللار بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشقا دەلىل قىلغان . تەپسىر ئالىم، ئەشئەرى كالام ئالىمى، شافىئىي مەزھىپىنىڭ فەقىھى ۋە قازى بولغان ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر بىن مۇھەممەد ئەلبەيداۋى (ۋاپاتى: 685/1286) تەپسىرىدە بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلىدۇ:
والمحصنات من النساء إلا ما ملكت أيمانكم {يريد ما ملكت أيمانكم من اللاتي سبين ولهن أزواج كفار فهن حلال للسابين والنكاح مرتفع بالسبي{[8]
«ئىگىدارچىلىقىڭلاردا بولغانلاردىن باشقا ئەرلىك» دېگەن مەنىدىكى ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى شۇدۇر: قول ئاستىڭلاردىكى ئەسىر ئاياللاردىن كاپىر ئەرلىرى بولغانلار، ئۇلارنى ئەسىرگە ئالغانلارغا ھالالدۇر. ئۇلارنىڭ كاپىر ئەرلىرى بىلەنكى نىكاھى ئەسىرگە چۈشۈشى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ»10.
جەئفەرى مەزھىپىگە مەنسۇپ تاباتابانىڭ تەپسىرىدە بۇ مەسىلە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :
قوله “إلا ما ملكت أيمانكم» رفعا لحكم المنع عن محصنات الاماء على ما ورد في السنة أن لمولى الامة المزوجة أن يحول بين مملوكته وزوجها ثم ينالها عن استبراء ثم يردها إلى زوجها.
ئاللاھنىڭ «قول ئاستىڭلاردىكىدىن باشقا» دېگەن سۆزى سۈننەتتىمۇ كەلگەندەك كۆرسىتىدۇكى، ئەرلىك دېدەكنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ بىلەن ئېرى ئارىسىغا كىرەلەيدۇ. دېدەكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ھامىلىدار ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولىدۇ، ئاندىن ئېرىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ11.
بۇ يەردە كىتابنىڭ ۋە سۈننەتنىڭ نەقەدەر چوڭ يامانلىققا ۋاسىتە قىلىنىغانلىقى ئاشكارا كۆرۈنمەكتە.
دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى نەشر قىلغان «قۇرئان يولى » تۈركچە تەرجىمە ۋە تەپسىرىدە بۇ مەسىلە مۇنداق ئىزاھلىنىدۇ:
نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى «مۇھسەن ئاياللار»دىن مەقسەت ئەرلىك ئاياللاردۇر. … «قول ئاستىڭلاردا بولغانلار مۇستەسنا» دېگەن جۈملە بىلەن دېدەكلەرنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىدا ئالىملار ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى بار. قۇللۇق ئوموملاشقان كونا جەمئىيەتلەردە خوجايىننىڭ ئۆز  دېدىكى بىلەن بىر يەردە بولۇشى (ئىستىفراش) ھاياتنىڭ بىر ئەمەلىيىتى ئىدى. بۇ مەسىلىنى ئىسلام ئالىملىرى-قۇللۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەمەلىيىتى، نەسەب ھۆكۈملىرى ۋە ئىسلامنىڭ قۇللۇقنى ئازايتىش ۋە تەدرىجىي ھالدا يوق قىلىش نىشانى ئاستىدا- مۇئەييەن پىرىنسىپلارغا باغلاشقا تىرىشقان. ئىسلام ئۆتمۈشتىن تاپشۇرۇۋالغان ۋە زامان ئىچىدە يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان قۇللۇق تۈزۈمىگە ئائىت بۇ ھۆكۈملەر تارىخقا يۆتكەلگەن12.
بۇ تەپسىردىكى خاتالىقلار مەسىلىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋەتكەن. ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاخىرى نازىل قىلغان ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
{اليوم أكملت لكم دينكم وأتممت عليكم  نعمتي ورضيت لكم الاسلام دينا}
«بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا تاللىدىم» مائىدە 5/3.
ئەگەر قۇللۇق «ئىسلام ئۆتمۈشتىن تاپشۇرۇۋالغان ۋە زامان ئىچىدە يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان» بىر تۈزۈم بولىدىغان بولسا، بۇ كىتابتا چۈشەندۈرۈلگەن ئىسلام يۇقىرىدىكى ئايەتتە چۈشەندۈرۈلگەن ئىسلام ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ تەپسىرنى يازغانلار تىخى پىشمىغان ۋە مۇكەممەل بولمىغان بىر دىندىن سۆز ئېچىۋاتىدۇ. ئەگەر «…قۇللۇق تۈزۈمگە ئائىت بولغان بۇ ھۆكۈملەر تارىخقا يۆتكەلگەن» بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى دىننىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قاچان كەلگەنلىكىنىمۇ بايان قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ مۇكەممەل قىلىپ تاماملىغان ئىسلامغا بىر نەرسە قوشقىلى ۋە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چىقارغىلى بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر