مۇسۇلمانلار
ئەزان 1

ئەزان

4§. ئەزان

1.     ئەزاننىڭ يولغا قويۇلۇشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذَا نَادَيۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ ٱتَّخَذُوهَا هُزُوٗا وَلَعِبٗاۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡقِلُونَ  ٥٨﴾

«سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر»[1].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بەش ۋاخ نامازنى مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ ئۆتىشىنىڭ ۋە ئۇ نامازلارغا ئەزان ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 62 – سۈرە جۇمۇئەنىڭ 9 – ئايىتىدە بولسا جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەزكۇر ئايەت مۇنداق:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَوٰةِ مِن يَوۡمِ ٱلۡجُمُعَةِ فَٱسۡعَوۡاْ إِلَىٰ ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَذَرُواْ ٱلۡبَيۡعَۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ  ٩﴾

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم – سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار»[2].

2.     ئەزاننىڭ ئالاھىدىلىكى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئىنسانلار ئەگەر ئەزان ئېيتىشنىڭ ۋە ئاۋۋالقى سەپتە ناماز ئۆتەشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتىن باشقا چارە تاپالمىسا ئىدى، چوقۇم چەك تاشلىغان بولاتتى»[3].

«نامازغا ئەزان ئېيتىلسا، شەيتان ئەزاننى ئاڭلىماي دەپ ئوسۇرغان پېتى كەينىگە قاراپ تىكىۋېتىدۇ»[4].

3.     مۇئەززىننىڭ ۋەزىپىسى

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام «مۇئەززىن ئامانەتچىدۇر»[5] دېگەن. چۈنكى مۇئەززىنگە نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن ئامانەت قويۇلغان، ئۇ بۇ ئامانەتنى ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا ئەزان ئوقۇش ئارقىلىق ئامانەت ئىگىلىرى بولغان مۇسۇلمانلارغا تاپشۇرىدۇ.

شۇڭا مۇئەززىن نامازنىڭ ۋاقتىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ ۋاقىت كىرگەن ھامان ئەزان ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كەتكەنلەر تۇيۇقسىز ئەزاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ – دە، ناماز ۋاقتى بوپتۇ دەپ تاھارەت ئېلىپ مەسچىت – جامەلەرگە يۈگۈرىدۇ. ھېچبولمىسا تۇرغان يەرلىرىدە بولسىمۇ نامازلىرىنى ئادا قىلىدۇ.

4.     ئەزاننى ئاڭلىغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى

ئەزاننى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ۋەزىپىسى، ئەزان ئېيتىلغان جايغا كېلىپ جامائەت نامىزىغا قېتىلىشتۇر. ئەزان ئېيتىلىشنىڭ مەقسىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ ۋە ئەزاننىڭ يولغا قويۇلىشىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەر (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 58 – ئايەت، 62 – سۈرە جۇمۇئە، 9 – ئايەت) بۇنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس تۆۋەندىكىچە:

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئەما كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلەللاھ! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئەكىلىدىغان ئادىمىم يوق، ئۆيۈمدە ناماز ئۆتىشىمگە رۇخسەت بارمۇ؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە: «ئەزاننى ئاڭلامسىز؟» دېدى، ئۇ كىشى ھەئە دېدى، رەسۇلۇللاھ: «رۇخسەت يوق، مەسچىتكە كېلىڭ» دېدى[6].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 59 – 61.

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 58 – ئايەت.

[2] 62 – سۈرە جۇمۇئە، 9 – ئايەت.

[3]  بۇخارى، «ئەزان»، 9، 32، «شاھادەت»، 30؛ مۇسلىم، «سالات»، 129؛ تىرمىزى،  «سالات»، 52؛ نەسەئى،  «مەۋاقىت»، 22، «ئەزان»، 31؛ مۇۋەتتا، «سالات»، 3.

[4] بۇخارى، «ئەزان»، 49، «ئەمەل فىسسالات»، 18، «سەھۋى»، 6، «بەدئۇلخەلق»، 11؛ مۇسلىم، «سالات»، 19، «مەساجىد»، 83؛ ئەبۇ داۋۇد،  «سالات»، 31؛ نەسەئى، «ئەزان»، 30؛ مۇۋەتتا، «سالات»، 6.

[5]  ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 32؛ تىرمىزى،  «سالات»، 39؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 14: 485، 16: 390.

[6] مۇسلىم، «مەساجىد»، 335؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 47؛ ئىبنى ماجە، «مەساجىد»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 27:7.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر