مۇسۇلمانلار

ئەزان چاقىرامدىم؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئىنىم يېڭى تۇغۇلغاندا ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا «جەسۇر» دەپ ئىسىم قويماقچى بولۇپ بىر قارى كىشىنى ئىسىم قويۇپ بېرىش ئۈچۇن تەكلىپ قىلغان، ئەمما ئۇ كىشى بۇ ئىسىم ئېغىزغا كەلمەيدىكەن دەپ بالىغا «نەسۇرۇللا» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەزان چاقىرىلغان ئىسمى شۇ بولۇپ قالدى، لېكىن نوپوستىكى ئىسمى ھېلىھەم جەسۇر.
بۇ ئىشقا ئويدىكىلەر سەل قاراپتۇ، بۇ يىل ئىنىم 7 گە كىردى، ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا ئەزان چاقىرىپ جەسۇر دەپ قويساق بولامدۇ؟ مەن ئاكىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەزان چاقىرىپ قويسام بولامدۇ؟ (ئاتام تۈگەپكەتكەن)، سىلىدىن جاۋاپ كۈتۈپ ـ ئەزىمەت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئۇنىڭغا ئەزان چاقىرىش كەتمەيدۇ. بالىنىڭ ئىسمىنىڭ قايسى ئىسىم بولۇشىنى خالىساڭلار، ئۇنى شۇ ئىسىم بىلەن ئاتىساڭلار ۋە شۇ ئىسمىنى نوپۇسىغا يازدۇرساڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئەزان، بالا دۇنياغا كېلىپ تۇنجى قېتىم ئىسلامنىڭ شۇئارىنى ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ئاڭلىسۇن دەپ، ئۇ تۇغۇلغان چېغىدىلا ئوقۇلىدۇ. بۇ، سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بار.
دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىنسان سەكراتتا چاغدىمۇ ئۇنىڭغا تەۋھىد كەلىمىسى تەلقىن قىلىنىدۇ (يەنى ئۇنىڭ يېنىكىدىكى كىشى ياكى كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭغا تەۋھىد كەلمىسىنى ئۆگىتىدۇ، ئەگەر ئوقۇيالمىسا ئۆزى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ) بۇمۇ، سۈننەتتۇر.
دېمەك ئىنسان دۇنياغا كەلگەن چېغىدا تۇنجى قېتىم تەۋھىد كەلىمىسىنى ئاڭلايدۇ. دۇنيادىن كەتكەن چېغىدىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا تەۋھىد كەلىمىسىنى تىلىغا ئېلىپ ياكى ئاڭلاپ كېتىدۇ.
بالىنىڭ ئىسمىنى قويغاندا «ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان سول قۇلىقىغا تەكبىر ئوقۇلىشى» غا دائىر ھېچقانداق ئاساس يوق. شۇنداقتىمۇ بالىنىڭ ئىسمىنى قويغاندا «ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئوقۇش» ئادىتى پەيدا بولۇپ، بۇ ئادەتنىڭ تۈپەيلىدىن بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەزان ئوقۇش سۈننىتى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن. بۇ سۇننەت ئۆز جايىدا ئادا قىلىنسا ياخشى بولىدۇ. بۇ سۈننەت، بالىنى بىرى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ نامازغا ئوقۇغاندەك بىر ئەزان ئوقۇش بىلەن ئادا بولىدۇ.
يېغىپ ئېيتقاندا بالىغا ئەزان ئوقۇلىدىغان ئىش، بالا تۇغۇلغان چاغدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بالىنىڭ ئىسمى، بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى قويۇلىدۇ. بۇ، «بۇ بالىنىڭ ئىسمى مۇنداق بولسۇن» دەپ بالىنىڭ ئەقىقىسىگە يىغىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىشتىنلا ئىبارەت. ئىسىم يۆتكىگەندىمۇ ئەزان- تەكبىر ئوقۇلمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر