مۇسۇلمانلار
ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان ئاياللار 1

ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان ئاياللار

ئەرلەرنىڭ نىكاھىغا ئېلىشى ھارام قىلىنغان ئاياللار

﴿حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ وَعَمَّاتُكُمْ وَخَالَاتُكُمْ وَبَنَاتُ الْأَخِ وَبَنَاتُ الْأُخْتِ وَأُمَّهَاتُكُمُ اللَّاتِي أَرْضَعْنَكُمْ وَأَخَوَاتُكُم مِّنَ الرَّضَاعَةِ وَأُمَّهَاتُ نِسَائِكُمْ وَرَبَائِبُكُمُ اللَّاتِي فِي حُجُورِكُم مِّن نِّسَائِكُمُ اللَّاتِي دَخَلْتُم بِهِنَّ فَإِن لَّمْ تَكُونُوا دَخَلْتُم بِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ وَحَلَائِلُ أَبْنَائِكُمُ الَّذِينَ مِنْ أَصْلَابِكُمْ وَأَن تَجْمَعُوا بَيْنَ الْأُخْتَيْنِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا٢٣وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ النِّسَاءِ …٢٤﴾

«سىلەرگە ئانىلىرىڭلار، قىزلىرىڭلار، ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى، ھەمشىرەڭلەرنىڭ قىزلىرى، سىلەرنى ئېمىتكەن ئانىلىرىڭلار، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئانىلىرى ۋە تەربىيەڭلاردىكى ئۆگەي قىزلىرىڭلار ھارام قىلىندى. بۇلار سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ قىزلىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولمىغان بولساڭلار ئۇ قىزلارنى ئېلىشتا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر[1]. شۇنىڭدەك، سىلەرگە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئىككى قىز قېرىنداشنى بىرلىكتە نىكاھىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى، ئۆتۈپ كەتكىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر‏. سىلەرگە ئېرى بار ئاياللارمۇ ھارام قىلىندى…» – (4 – سۈرە نىسا، 23 ~ 24 – ئايەتلەر).

[1] بىر قىزنىڭ ئۆگەي ئاتىسىغا ھارام بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئۆگەي ئاتىنىڭ تەربىيەسىدە بولغان بولۇشى شەرت ئەمەس، لېكىن ئانىسى بىلەن بىر يەردە بولغان بولۇشى شەرت. مەسىلەن: بىر كىشى قىزى بار بىر ئايال بىلەن ئۆيلىنىپ بىر يەردە بولمايلا ئۇنى تالاق قىلىۋەتكەن ياكى ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشىگە بۇ ئايالنىڭ ھېلىقى قىزى ھالال بولىدۇ يەنى ئۇ قىزىنى نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. ناۋادا بۇ كىشى ئۇ ئايالنى ئېلىپ بىر يەردە بولغاندىن كېيىن تالاق قىلىۋەتكەن ياكى ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ قىز بۇ كىشىگە ھالال بولمايدۇ. بۇ قىزنىڭ ئۆگەي ئاتىسىنىڭ تەربىيەسىدە بولۇپ بولمىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بۇ يەردىكى: «تەربىيەڭلاردىكى» دېگەن ئىپادە جەمئىيەتتە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، خالاس. چۈنكى بىر بالا بىلەن ئېرىدىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ تولىسى بالىسىنى يېڭى تەگكەن ئېرىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ يېنىدا باقىدۇ، ئۇ بالا ئانىسىنىڭ بۇ يېڭى ئېرىنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ ئايەت بۇ ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە بالىسى بار خوتۇن ئالغان ئەر كىشىنىڭ ئۆگەي بالىسىنى تەربىيەلىشى لازىملىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.   

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر