مۇسۇلمانلار
ئەدەبىيات - سەنئەت 1

ئەدەبىيات – سەنئەت

  ئەدەبىيات – سەنئەت

ئەدەبىيات – تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى كۈرەشلەرنى ئوبرازلىق ئىپادىلەيدىغان سەنئەت بولۇپ، سەھنە ئەسىرى، شېئىر، ھېكايە ۋە نەسرىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[1]. سەنئەت – ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، رېئاللىققا قارىغاندا تىپىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە بولۇپ، ئەدەبىيات بىلەن بىرلىكتە رەسساملىق، نەققاشلىق، بىناكارلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، كىنو ۋە ئەلنەغمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[2]. كىتابنىڭ «مۇھىت» بۆلۈمىدە بىناكارلىق توغرىسىدا «مېمارچىلىق» سەرلەۋھىسى ئاستىدا مەلۇمات بېرىلدى. بۇ يەردە ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قالغان قىسىملىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

1§. ئەدەبىيات

ئەدەبىيات – ئاساسەن سۆز ئۇستىلىقى بولۇپ، ياخشىغا ئىشلىتىلسە ياخشى، يامانغا ئىشلىتىلسە يامان بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى بولغان شېئىر ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلشُّعَرَآءُ يَتَّبِعُهُمُ ٱلۡغَاوُۥنَ ٢٢٤ أَلَمۡ تَرَ أَنَّهُمۡ فِي كُلِّ وَادٖ يَهِيمُونَ  ٢٢٥ وَأَنَّهُمۡ يَقُولُونَ مَا لَا يَفۡعَلُونَ  ٢٢٦ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَذَكَرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱنتَصَرُواْ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْۗ وَسَيَعۡلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَيَّ مُنقَلَبٖ يَنقَلِبُونَ  ٢٢٧﴾

«شائىرلارغا ئازغۇنلار ئەگىشىدۇ. قارىغىنا! ئۇلار ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى قىلمىغان ۋە قىلمايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ. لېكىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغان شائىرلار ئۇنداق ئەمەس. زالىملار يېقىندا  ئۆزلىرىنىڭ تامامەن يىقىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ»[3].

مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «شائىر» دېگەن[4]. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن[5]، جۈملىدىن بۇ ئايەتتە شائىرلارنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننىڭ ھېكمەت ۋە ھۆكۈم ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان. ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغان شائىرلارنى ئىستىسنا قىلغان. بۇ كۆرسىتىدۇكى، ھەقنى مۇداپىئە قىلىپ، ھەققانىيەتنى ياقلاپ شېئىر يېزىشقا ۋە ئوقۇشقا بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىكنى قامچىلاپ، يالغاننى ۋە ياماننى سۆكۈپ، ياخشى خىسلەتلەرگە مۇھەببەت، يامان ئىللەتلەرگە نەپرەت ئىپادىلەپ شېئىر ئوقۇشقا ۋە يېزىشقا بولىدۇ. شېئىر ئارقىلىق ئىسلامغا تەنە قىلغان ياكى مۇسۇلمانغا ھاقارەت قىلغان ۋە ياكى ئىسلامىي تەۋەررۈكلەرنى مەسخىرە قىلغان ئادەملەرگە ئوخشاش ماھىيەتتە شېئىر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغانلىق، زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ يامانلىقنى ئاشكارا سۆزلىشى ۋە تاجاۋۇز قىلغۇچىغا ئوخشىشى بىلەن تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ[6].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ شېئىر توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«شېئىرمۇ بىر تۈرلۈك سۆزدۇر، ئۇنىڭ ياخشىسى سۆزنىڭ ياخشىسىغا ئوخشاشتۇر، قەبىھى سۆزنىڭ قەبىھىگە ئوخشاشتۇر»[7]،

«شېئىرنىڭ بەزىسى ھېكمەتتۇر»[8]

دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ شائىر ساھابىلىرى بار ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا ياكى ئىسلامغا تەنە – ھاقارەت قىلىپ شېئىر ئوقۇغان مۇشرىكلارغا شېئىر بىلەن جاۋاب قايتۇراتتى. شېئىر بىلەن ھەقنى مەدھىيەلەيتتى، ھەقكە دەۋەت قىلاتتى. ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە، ھەسسان ئىبنى سابىت، كەئب ئىبنى مالىك ۋە كەئب ئىبنى زۇھەير قاتارلىق ساھابىلەردۇر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي).

ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى بولغان شېئىرنىڭ ياخشىلىققا ئىشلىتىلىش شەرتى بىلەن جائىز بولۇشى، ئەدەبىياتنىڭ باشقا تۈرلىرىنىڭمۇ ياخشىلىققا ئىشلىتىلىش شەرتى بىلەن جائىز بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىپ، ئۇنىڭغا باياننى ئۆگەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ  ٣ عَلَّمَهُ ٱلۡبَيَانَ  ٤﴾

«رەھمان ئىنساننى ياراتتى، ئۇنىڭغا باياننى ئۆگەتتى»[9].

«بايان»نىڭ مەنىسى مەقسىتىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەش قابىلىيىتى دېگەن بولۇپ، بۇنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى پاساھەت بىلەن سۆز قىلىش، شېئىر ئىجاد قىلىش ۋە يېزىقچىلىق سەنئىتىدۇر.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«باياننىڭ بەزىسى سېھرىي كۈچكە ئىگىدۇر»[10].

2§. سەنئەت

1.      رەسساملىق ۋە نەققاشلىق

رەسساملىق – رەسىم سىزىش ۋە فوتو ئاپپاراتى بىلەن رەسىمگە تارتىش سەنئىتى، نەققاشلىق – نەقىش ئويۇش سەنئىتى دېمەكتۇر. ھەيكەلتاراشلىق بولسا، لايغا ئوخشاش يۇمشاق ماددىلارنى مەلۇم شەكىلدە قاتۇرۇش ياكى مېتال، ياغاچ، تاش قاتارلىق ماتېرىياللاردىن چېكىش، ئويۇش، يونۇش ئارقىلىق  تەسۋىرى شەكىل ياساش سەنئىتىدۇر[11].

بۇ ئۈچ سەنئەت بىر – بىرىگە يېقىن كەسىپلەردۇر. قۇرئان كەرىمدە رەسساملىق ۋە نەققاشلىق سەنئىتىنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق بىرەر ئىپادە يوق، لېكىن ھەيكەلتاراشلىقنىڭ مۇباھلىقىغا (قىلسا بولىدىغان سەنئەت ئىكەنلىكىگە) دالالەت قىلىدىغان ئىككى ئايەت بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 

﴿… وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡئَةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ … ١١٠﴾

«مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى»[12].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى بايان قىلغان ئايىتىنىڭ ئىچىدە ئۆتىدۇ. دېمەككى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇچارقاناتلارنىڭ شەكلىگە ئوخشاش ھەيكەل ياسايتتى. ھەيكەل ئىچىگە پۈۋلىنىپ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەقىقىي ئۇچارقاناتقا ئايلىنىپ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولاتتى. بۇ، رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساشنىڭ جائىزلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ھەيكەل ياساش بۇ ئۈچ سەنئەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدىكىدۇر. يۇقىرى سەۋىيەدىكىنىڭ جائىز بولۇشى تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئىككىسىنىڭمۇ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئايەتنىڭ بۇ مەزمۇنىغا بەزىلەر مۇنداق دەپ ئېتىراز بىلدۈرىدۇ: بۇ ئايەت جانلىق نەرسىنىڭ رەسىمىنى سىزىش ۋە ھەيكىلىنى ياساشنىڭ جايىزلىقىغا دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ھەيكەل مۆجىزە بولۇشى ئۈچۈن ياسالغان. بۇ ئالاھىدە ئەھۋالدۇر، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن «رەسىم سىزىش، سۈرەتكە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساش جائىز» دېگەن ئومۇمىي ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. ‏

ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىرازى ئورۇنسىزدۇر، قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ «مۆجىزەم بولسۇن» دەپ بىرەر ھارام ئىشنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.

﴿يَعۡمَلُونَ لَهُۥ مَا يَشَآءُ مِن مَّحَٰرِيبَ وَتَمَٰثِيلَ وَجِفَانٖ كَٱلۡجَوَابِ وَقُدُورٖ رَّاسِيَٰتٍۚ …  ١٣﴾

«ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى…»[13].‏‏

بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ھەيكەل ياساشقا ئەمر قىلاتتى. ئەگەر ھەيكەل ياساش ھارام بولۇپ، ئاللاھنىڭ بىر پەيغەمبىرى بولغان سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ئۇ ھارامغا ئەمر قىلغان بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن چوقۇم ئاگاھلاندۇرۇلغان بولاتتى. لېكىن بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەل ياساشنى خالىغانلىقىنى (بۇيرۇغانلىقىنى)، بۇيرۇلغان جىنلارنىڭ ئۆزلىرى بۇيرۇلغان ھەيكەللەرنى  ئۇنىڭغا ياساپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قىلىنغان ئىنئام سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ.

رەسىمگە تارتىش، رەسىم سىزىش، سىنغا ئېلىش ۋە ھەيكەل ياساش قاتارلىق ئىشلارنى يامان كۆرىدىغان، ئۇلارنى مەنئى قىلىدىغان ۋە «ھارام» دەپ ھۆكۈم قىلىدىغانلار يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بىلەن بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمىغان ياكى رىۋايەتلەرنى كۆرۈپلا ئايەتلەرگە قارىماستىن ھۆكۈم چىقىرىۋەتكەن ۋە ياكى رەسىم ۋە ھەيكەلدىن مەقسەت قىلىنغان نەتىجىنى ئېتىبارغا ئالمىغان، شۇنداقلا مەسىلە ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرالمىغان.        

رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەل ياساشتىن مەنئى قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش يارىتىش دەيدىغان بەزى رىۋايەتلەر بار.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش ئوچۇق – ئاشكارا كۇفرىلىقتۇر، دىندىن چىققانلىقتۇر. چوقۇنۇلغان نەرسە ھەيكەل بولسۇن ياكى ئىنسان بولسۇن ياكى بىرەر ھايۋان ۋە ياكى تەبىئەت مەنزىلىرىدىن بىرەر مەنزىرە بولسۇن ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ قانداقلا بىرىگە چوقۇنۇش كۇفرىلىقتۇر، شېرىكتۇر، ھارامدۇر. لېكىن بىرەر نەرسىگە چوقۇنۇش ئۇ نەرسىنىڭ يامان نەرسە ياكى ھارام نەرسە ۋە ياكى ياسىلىشى چەكلەنگەن نەرسە ئىكەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ. مەسىلەن: خىرىستىيانلار ئىيسا ۋە مەريەم ئەلەيھىسسالاملارغا چوقۇنىدۇ، بىز مۇسۇلمانلار ئۇلارغا ئىسمى زىكىر قىلىنسا سالاتۇسالام يوللايمىز. قۇياشقا ۋە ئايغا چوقۇنىدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى ئايىتى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

ئەگەر بىرەر قەۋم بىرەر تۈرلۈك ئاپتوموبىلغا چوقۇنسا، بۇ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش ئۈچۈن ئۇ ئاپتوموبىلنى ياساشنىڭ ھاراملىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. يەر يۈزىدە كالىغا چوقۇنىدىغانلار بار، لېكىن ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشى بىلەن كالىنىڭ ھارام بولۇپ قالغىنى يوق.

ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش يارىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىنساننىڭ ياسىشى ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن، ئىنساننىڭ ياسىغىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش ئەقىلنى ئىشلەتمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر، خالاس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

﴿… أَمۡ جَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُواْ كَخَلۡقِهِۦ فَتَشَٰبَهَ ٱلۡخَلۡقُ عَلَيۡهِمۡۚ قُلِ ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّٰرُ ١٦﴾

«… ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر‏»[14].‏

‏بۇ ئايەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق مەنتىقلىق دەلىلىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىلاھلىق ۋە ياراتقۇچىلىق سۈپەتلىرىدە يەككە – يېگانىدۇر، ئاللاھنىڭ پېئىلى ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرىنىڭ پېئىلى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەر پېئىلى مۆجىزىدۇر (باشقىسى ئوخشىشىنى قىلالمايدىغان ئالاھىدىلىكتىدۇر)، ئىنساننىڭ پېئىلى مۆجىزە ئەمەس، بىر ئىنسان قىلغاننى يەنە بىر ئىنسان قىلالايدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالا ياراتقاندەك يارىتالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

﴿أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ  ٣٥ أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ  ٣٦﴾

«ياكى ئۇلار ھېچ نەرسىسىز يارىتىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار ياراتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار جەزمەن ئىشەنمەيدۇ»[15].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٞ فَٱسۡتَمِعُواْ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَن يَخۡلُقُواْ ذُبَابٗا وَلَوِ ٱجۡتَمَعُواْ لَهُۥۖ وَإِن يَسۡلُبۡهُمُ ٱلذُّبَابُ شَيۡئًا لَّا يَسۡتَنقِذُوهُ مِنۡهُۚ ضَعُفَ ٱلطَّالِبُ وَٱلۡمَطۡلُوبُ  ٧٣ مَا قَدَرُواْ ٱللَّهَ حَقَّ قَدۡرِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ ٧٤﴾

«ئى ئىنسانلار! بىر مىسال بايان قىلىندى. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار: سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىرەر چىۋىن يارىتالمايدۇ، ھەتتا چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسە ئېلىپ قاچسا، چىۋىندىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئالالمايدۇ. دېمەككى، تەلەپ قىلغۇچىمۇ، تەلەپ قىلىنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر! ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر»[16].‏

توغرا، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بىر دانە چىۋىن يارىتالمايدۇ. رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ۋە ھەيكەل ياساش ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش ياراتقانلىق بولىدۇ دېگەنلىك، ئالدى بىلەن ئۇ ئىشلارنى قىلغانلىقنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىغا ئوخشاتقانلىق،  ئاندىن رەسىم بىلەن ھەيكەلنى ئاللاھ ياراتقان مەخلۇققا ئوخشاتقانلىق، نەتىجىدە رەسسام بىلەن ھەيكەلتاراشنى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاتقانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى» دېگەن سۆزى بىلەن بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.

 دەرۋەقە، رەسىمنىڭ ھاراملىقىغا دائىر رىۋايەتلەردىكى «ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش ياراتقانلىق» بولىدۇ دېگەن ئىپادە، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش يارىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رىۋايەتلەرنى ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا چۈشىنىش كېرەك، مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تاشلاپ قويۇپ رىۋايەتكە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقارماسلىق لازىم. بولمىسا ئاجىز رىۋايەتلەردىن، رىۋايەتكە قوشۇلغان جۈملىلەردىن ۋە ئويدۇرما ئىپادىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردىكى تەھدىتلەرنى، چوقۇنۇش ئۈچۈن ھەيكەل ياساش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى ھەيكەل ياساشنىڭ مۇباھلىقى (رۇخسەت بېرىلگەن ئىش ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئايەتلەر بار. ئۇ ئايەتلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. قۇرئان كەرىمدە ھەيكەل ئەيىبلەنگەن ئايەتتە ھەيكەلنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش ئەيىبلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ إِبۡرَٰهِيمَ رُشۡدَهُۥ مِن قَبۡلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَٰلِمِينَ  ٥١ إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا هَٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِيٓ أَنتُمۡ لَهَا عَٰكِفُونَ  ٥٢ قَالُواْ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَٰبِدِينَ  ٥٣ قَالَ لَقَدۡ كُنتُمۡ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ  ٥٤﴾

«بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق.‏ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: ‹شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟‹ دېگەن ئىدى.‏ ئۇلار: ‹ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن‹ دېدى.‏ ئۇ: ‹سىلەرمۇ، ئاتا – بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!› دېدى»[17].‏

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سامىرىينى ئەيىبلىشىمۇ، سامىرىينىڭ موزاينىڭ ھەيكىلىنى مۇسانىڭ ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىلاھى دەپ دەۋا قىلىشىدىن، شۇنداقلا ئىنسانلارنى دىندىن چىقىرىشىدىن بولغان[18].

يىغىپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمدە ھەيكەل ياساش ئەيىبلەنمىگەن، بەلكى ھەيكەلگە چوقۇنۇش ئەيىبلەنگەن. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەل ياساشقا ئەمر قىلغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇش ھەيكىلى ياسىغانلىقى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكەلگە چوقۇنۇشنى ئەيىبلىگەنلىكى قاتارلىقلار ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى، ھەيكەلنىڭ ھۆكمىنىڭ ھارام ياكى مۇباھلىقىنى ئۇنى ياساشتىكى مەقسەت بەلگىلەيدۇ. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇش ئۈچۈن ھەيكەل ياساش قەتئىي ھارامدۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر ئەقىل ئىگىسى شەك قىلمايدۇ. لېكىن باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ھەيكەل ياساش ھارام ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىدىكى ھەيكەللەرنى ئۆرۈۋەتكەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەن چاغدا كەبىدە 360 دانە بۇت بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى ياغاچنى ئۇلارغا سانجىغان ۋە مۇنداق دېگەن[19]:

﴿وَقُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَزَهَقَ ٱلۡبَٰطِلُۚ إِنَّ ٱلۡبَٰطِلَ كَانَ زَهُوقٗا  ٨١﴾

«ھەق كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل چوقۇم يوقىلىدۇ»[20].

چۈنكى ئۇ بۇتلار ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە چوقۇنۇلغان تاغۇتلار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى كەبىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت:

ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدىراھماندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ تەبۇك غازىتىدىن (ياكى خەيبەر غازىتىدىن) قايتقان ئىدى. ئۇ ئەسنادا شامال چىقىپ سۇپامنىڭ پەردىسىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېچىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئويۇنچۇق قىزلىرىم كۆرۈنۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ: «ئائىشە! بۇ نېمە؟» دېدى، قىزلىرىم دېدىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى، ياماقلىقلاردىن ئېتىلگەن ئىككى دانە قانىتى بار بىر ئاتنى كۆرۈپ، «ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرگىنىمچۇ؟» دېدى، ئات دىدىم، «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نېمە؟» دېدى، ئىككى قانات دېدىم، «ئىككى قانىتى بار ئات؟!» دېدى، سۇلەيماننىڭ قاناتلىرى بار ئاتلىرىنىڭ بۇلغانلىقىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا ئېزىق چىشلىرىنى كۆردۈم[21].

خۇلاسە

ھەيكەلتاراشلىق قىلىش جائىز بولىدۇ. بۇ جائىز بولغان يەردە ياخشىلىققا ۋاسىتە قىلىش ئۈچۈن قول بىلەن ياكى كومپيۇتېر بىلەن ھەر تۈرلۈك رەسىملەرنى سىزىش (كارتۇن فىلىملەر)، فوتو ئاپپاراتى بىلەن رەسىمگە تارتىش، سىنغا ئېلىش، ھەيكەل ياساش قاتارلىقلارنى قىلىش تەبىئىي جائىز بولىدۇ. چۈنكى رەسىم سىزىش، رەسىمگە تارتىش ھەيكەل ياساشقا ئوخشاش ھېسابلىنىدىغان، بەلكى ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىشلاردۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 233 – 243.

[1] قاراڭ: ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، «أدب»، 1: 74؛ ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «ئەدەبىيات»، 1: 243.

[2] قاراڭ: ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، «فن»، 3: 1748؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «فن»، 2: 703؛ ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «سەنئەت»، 3: 492.

[3] 26 – سۈرە شۇئەرا، 224 ~ 227 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 21 – سۈرە ئەنبىيا، 5 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 36 – ئايەت؛ 52 – سۈرە تۇر، 30 – ئايەت.

[5] 36 – سۈرە ياسىن، 69 – ئايەت؛ 69 – سۈرە ھاققە، 41 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 227 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 148 – ئايەت؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 194 – ئايەت.

[7] مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل بۇخارى، ئەدەبۇل مۇفرەد، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى، 4 – باسما (سەئۇدى ئەرەبىستان: دارۇسسىددىق، ھ 1418 / م 1997)، 321.  

[8] بۇخارى، «ئەدەب»، 90؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 95؛ تىرمىزى، «ئەدەب»، 69؛ ئىبنى ماجە، «ئەدەب»، 41؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 25: 63، 35: 88؛ دارىمى، «ئىستىئزان»، 68.

[9] 55- سۈرە رەھمان، 3 – ۋە 4 – ئايەتلەر.

[10] بۇخارى، «نىكاھ»، 48، «تىب»، 50؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 93 – 94؛ تىرمىزى، «ئەبۋابۇل بىررى ۋەسسىلە»، 81؛ مۇۋەتتا، «كەلام»، 7؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 4: 486، 5: 26، 52، 156، 194، 6: 318، 7: 360، 8: 275، 9: 188، 217، 498.

[11] قاراڭ: ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، « فن»، 3: 1748؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «فن»، 2: 703؛ ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «ھەيكەلتاراشلىق»، 556، 1107، 1149 ~ 1150.

[12] 5 – سۈرە مائىدە، 110 – ئايەت.

[13] 34 – سۈرە سەبەئـ، 13 – ئايەت.

[14] 13 – سۈرە رەئد، 16 – ئايەت.

[15] 52 – سۈرە تۇر، 35 – ۋە 36 – ئايەتلەر.

[16] 22 – سۈرە ھەج، 73 – ۋە 74 – ئايەتلەر.

[17] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 51 ~ 54 – ئايەتلەر.

[18] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 86 ~ 97 – ئايەتلەر.

[19] مۇسلىم، «جىھاد ۋە سىيەر»، 87.

[20] 17 – سۈرە ئىسرا، 81 – ئايەت.

[21] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 61.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر