مۇسۇلمانلار

ئەجەلنىڭ قىسقىرىشى5

ئاللاھ يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلىش

ئىنسانلار جانلىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلىش ئارقىلىق بىكىتىلگەن ئەجىلىنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بۇنداق ئۆلۈمنىڭ مۇكاپاتىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَئِنْ قُتِلْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوْ مُتُّمْ لَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَحْمَةٌ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ.

« ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدىغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر»-ئال ئىمران،3/157.

ئۆلگەن كىشى، ئۆزىنىڭ بىكىتىلگەن ئەجىلىنىڭ تولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلىدۇ. لېكىن، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر، جىنىنى ئاللاھ ئۈچۈن پىدا قىلغانلىقتىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جىنى بەدىلىگە يېڭى بىر جان ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا بَلْ أَحْيَاءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ. فَرِحِينَ بِمَا آَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِمْ مِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ. يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ.

«ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى «ئۆلۈكلەر» دەپ ئويلىما! بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىرىكلەردۇر، بېرىلگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولماقتىدۇر، ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەر بىلەن خۇرسەن بولماقتىدۇر، ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەن مۇجاھىدلارغا: «سىلەرگە قورقۇنچمۇ يوق، غەم-قايغۇمۇ يوق» دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ئۇ مۇجاھىدلارغا ئاللاھنىڭ نېمىتى، پەزلى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ»-ئال ئىمران،3/169-171.

« ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى «ئۆلۈك» دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكلەردۇر، لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر»-بەقەرە،2/154.

ئاللاھ يولىدا شېھىد قىلىنغانلار بەرگەن قات-قات مۇكاپات ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا.

« كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسى بار…»-ئەنئام،6/160.

بۇ ياخشىلىق، ئاللاھ يولىدا مېلىنى چىقىم قىلىش ئارقىلىق قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ بەدىلىگە 700 ھەسسە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِئَةُ حَبَّةٍ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ.

«ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان مېلىنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان بولغان بىر ئۇرۇقنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»-بەقەرە،2/261.

ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىنساننىڭ ئۆمرى قىيامەتكىچىلىك ئۇزارتىلىدۇ. بۇنداق ياخشى مۇكاپاتقا ئۇلاردىن باشقىسى لايىق بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان ئىنسانلاردۇر. مانا بۇ ئاللاھ يولىدا شېھىد بولغان بىلەن كۆرپىسىدە يېتىپ ئۆلگەننىڭ پەرقىدۇر.

ئىبنى مەسئۇددىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەرگە بىر تۆت بۇلۇڭ سىزىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىلغان بىر تۈز سىزىق سىزدى. ئاندىن، تۆتبۇلۇڭنىڭ ئىچى (بۇ تۈز سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپى)گە نۇرغۇنلىغان كىچىك سىزىقلار سىزىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئىچىدىكى سىزىق ئىنساندۇر. ئۇنىڭ ئەتراپىنى پۈتۈنلەي ئوراپ تۇرغان بۇ سىزىق ئۇنىڭ ئەجىلىدۇر. بۇ سىرتىغا چىقىپ تۇرغان سىزىق ئۇنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدۇر. بۇ كىچىك سىزىقلار بولسا، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەردۇر. ئۇ بۇنىڭدىن قۇتۇلسا، بۇ كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا، بۇ كېلىدۇ»- بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

يەنى، ئەگەر بۇ بېشىغا كەلگەن ھەممە ئاپەتلەردىن قۇتۇلۇپ، ھېچقانداق زىيان-زەخمەت كۆرمىسە، يەنىلا ئەجىلى كېلىدۇ ۋە ئۆلىدۇ.

خۇلاسە، قىلىچ بىلەن ئۆلمىسە، ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ.  

ئاللاھ تائالا ئوڭدىن –سولدىن كەلگەن بالا-قازا ئوقلىرىدىن ئىنسانلارنى ھەر دائىم قوغدايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

لَهُ مُعَقِّبَاتٌ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ وَإِذَا أَرَادَ اللَّهُ بِقَوْمٍ سُوءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُ وَمَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَالٍ.

«ھەر كىشىنى ئالدىدىن ۋە ئارقىسىدىن تەقىب قىلغۇچىلار بار. ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە قوغدايدۇ. ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ بىر قەۋمگە يامانلىق ئىرادە قىلسا ئۇنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر قوغدىغۇچىسى يوق»-رەئد،13/11.

– پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر