مۇسۇلمانلار

ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرۇش شەكلى قانداق بولىدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئەتتەھىياتۇ… دا ئولتۇرۇش شەكلى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى ئوڭ پۇتنى تىكلەپ، سول پۇتنى ياتقۇزۇپ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. (بۇ ھەدىسلەرنى ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلىدۇ).

بەزى ھەدەسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆت رەكئەتلىك ياكى ئۈچ رەكئەتلىك نامازلاردىكى بىرىنچى ئولتۇرۇشتا يۇقرىدىكى شەكىلدە، لېكىن ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىنى (تاپىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا توغرا كېلىدىغان شەكىلدە) ياتقۇزۇپ، كاسىسىنى يەردە قويۇپ ئولتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. (بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلىدۇ).

ئەتتەھىياتۇ… دا ئولتۇرۇش جەريانىدا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىش توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنى مەزھەب ئالىملىرى پەرقلىق چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشلىرى پەرقلىقتۇر. مەسىلەن:

شاپىئىيلار كۆرسۈتكۈچ بارمىقىنى ئەتتەھىيياتۇنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ» دىكى «ئىللە للاھ» دا بىر قېتىملا كۆتۈرىدۇ.

ھەنەپىيلەر كۆرسۈتكۈچ بارمىقىنى «ئەشھەدۇ ئەنلا» دىكى «لا» دا كۆتۈرۈپ، «ئىللەللاھ» دا قويىدۇ.

مالىكىيلار كۆرسۈتكۈچ بارمىقىنى ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندىن باشلاپ تا سالام بەرگۈچىلىك ئوڭ ۋە سول تەرەپلەرگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ھەنبەلىيلەر كۆرسۈتكۈچ بارمىقىنى ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندىن باشلاپ تا سالام بەرگۈچىلىك ئوقۇلىدىغان «ئەتتەھىيياتۇ… ئاللاھۇممە ساللىئەلا…. ئاللاھۇممە بارىكئەلا… رەببەنا…..» لاردا «ئاللاھ» زىكىر قىلىنغانلا يەردە كۆتۈرىدۇ.

«يەنەبىر سۇئالىم نامازدا تۇرغاندا قىچىشقان ئورۇننى قاشىلاپ قۇيۇش توغرىمۇ؟»

ئۇزۇن قاشلىماسلىق شەرتى بىلەن قاشلاشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇزۇن قاشلاش كۆپ ئىش ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن نامازغا دەخلى يەتكۈزىدۇ، قىسقىغىنا قاشلاش ئاز ئىش ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر