مۇسۇلمانلار
ئېلىم - سېتىم پاي چېكى ئويناش 1

ئېلىم – سېتىم \ پاي چېكى ئويناش

3§. پاي چېكى ئويناش

تىجارەت، مال ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىنى ياكى مەلۇم بىر خىزمەتنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ تۈزۈشكەن بىر توختام بىلەن ئېلىش ۋە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن: بىر كىشى بىر قويىنى ساتىمەن دەپ بازارغا سالسا، يەنە بىر كىشى ئۇ قويغا خېرىدار بولىدۇ. ساتقۇچى تەرەپ بۇ قوي مۇنچە پۇل دەيدۇ، قارشى تەرەپ تەكلىپىنى سۇنىدۇ. ئۇيانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساتقۇچى قويىنى خېرىدارغا، خېرىدار قوينىڭ بەدىلىنى ساتقۇچىغا تاپشۇرىدۇ ۋە سودا پۈتىدۇ.

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىشى مەن مۇنداق ئىشنى قىلالايمەن، كۈنلۈك ئىش ھەققىم ياكى بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققىم مۇنچىلىك بولسا ئىشلەپ بېرىمەن دەيدۇ. يەنە بىر كىشى ئۇنىڭغا دېگىنى بويىچە ياكى ئۇنىڭ بىلەن باھا تالىشىپ، ئاخىرى ئىككىسى كېلىشكەن بويىچە بەدىلىنى تۆلەپ، ئۇنىڭدىن ئۇ خىزمەتنى سېتىۋالىدۇ. ھۈنەر – سەنئەت ساھەسىدىكى مۇئامىلىلەر بۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مانا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئىسمى ئېلىم – سېتىمدۇر، تىجارەتتۇر، شۇنداقلا ھالالدۇر.

ئاللاھ تائالا 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 275 – ئايىتىدە «ئېلىم – سېتىمنى ھالال» قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 4 – سۈرە نىسانىڭ 29 – ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ۋە تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان ئېلىم – سېتىم» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

تىجارەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مال ياكى خىزمەت ئېلىم – سېتىمىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس.

ئەمما پاي چېكى ئويناش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغاندەك ئۇ تىجارەت ئەمەس، قىماردۇر. چۈنكى تىجارەتتە قارشى تەرەپتىن مال ياكى خىزمەت (ئىش) سېتىۋېلىنىدۇ. پاي چېكى بولسا، بىرەر شىركەتنىڭ مەلۇم ھەسسىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان قۇرۇق قەغەزدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئېلىم – سېتىم مۇئامىلىسى ئەمەس، ئويۇن (قىمار) بولغانلىقى ئۈچۈن سېتىۋالغۇچى ئۇ قەغەزنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئۇ شىركەتتىن ئۆز پېيىنى تەلەپ قىلالمايدۇ. بارغان تەقدىردە ئۇنى شىركەتنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ. ئۇ كىشى مەن بۇ شىركەتتىن مانچىلىك پاي سېتىۋالدىم، شۇ ھەققىمنى ئالىمەن دېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ مەلۇم پېيىنى ئەمەس، ئۈستىگە مەلۇم سانلار يېزىلغان گۈللۈك قۇرۇق قەغەزنى سېتىۋالغان.

 پاي چېكى ئەسلىدە كاپىتالىستلارنىڭ خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللارنى يېغىۋېلىش ئۈچۈن چىقارغان بىر ھىيلىسىدۇر، بىر ئويۇنىدۇر. ئۇلار ئاكسىيە بازىرى دەپ بىر بازار قىزىتىپ بۇ بازاردا ئېلىم – سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۇ قۇرۇق قەغەزلەرنى ئېلىپ – سېتىپ پۇل تاپىدۇ. ئۇلار قولىدىكى ئۇ قۇرۇق قەغەزلەرنى بىر يالغان خەۋەر بىلەن باھاسىنى ئۆستۈرۈپ ساتىدۇ، يەنە بىر يالغان خەۋەر بىلەن باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋالىدۇ.

نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان ساددا ئىنسانلار، ئىلكىدىكى مال – بىساتىنى سېتىپ بولسىمۇ پاي چېكى ئوينايدۇ. ئاندىن باھا چۈشۈشكە باشلىسا تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ كەتمەي دەپ دەرھال قولىدىكى قەغەزلەرنى تۆۋەن باھادا ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇللار كاپىتالىستلارنىڭ يانچۇقىغا يىغىلىدۇ. پاي چېكى سېتىۋالغانلار پۇللىرىغا مال ياكى خىزمەت ئەمەس، قۇرۇق قەغەز سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتىدۇ.

خۇلاسە

پاي چېكى ئويناش ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ قىمار ئوينىغانلىق، باتىل يول بىلەن پۇل تېپىشقا ياردەملەشكەنلىك، قولىدىكى پۇلغا مال ياكى خىزمەت ئەمەس، مال ھېسابلانمايدىغان نەرسە سېتىۋالغانلىق بولىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 309 – 310.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر