مۇسۇلمانلار
ئېلىم - سېتىم لاتارىيە 1

ئېلىم – سېتىم \ لاتارىيە

4§. لاتارىيە ئويناش

لاتارىيە ئويناش بىر تۈرلۈك قىماردۇر. چۈنكى ئۇتقانلار ئۇتتۇرغانلاردىن تىككەن پۇل ياكى بۇيۇمنى ئېلىش شەرتى بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇنلار «قىمار» دەپ ئاتىلىدۇ. قىمار توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡخَمۡرُ وَٱلۡمَيۡسِرُ وَٱلۡأَنصَابُ وَٱلۡأَزۡلَٰمُ رِجۡسٞ مِّنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَٱجۡتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ  ٩٠﴾

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار[1]، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[2].

بۇ ئايەتتە قىمار ئويناش دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مەيسىر ﴿ٱلۡمَيۡسِرُ﴾ بولۇپ، مەيسىرنىڭ لۇغەت مەنىسى «ئاسانلىق، ئاسان يول» دېگەن بولىدۇ. دىنى ئىستىلاھتا بولسا، پۇلنى ئاللاھ بېكىتىپ قويغان قانۇن – نىزام بويىچە (مەسىلەن: ئىشلەپ ياكى تىجارەت قىلىپ) تېپىشقا تىرىشماي، ئاسانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوينالغان ئويۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچىدىكى قىمار كەلىمىسى بۇنى تولۇق ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن دىنى كىتاپلاردا كەلگەن مەيسىر كەلىمىسىنىڭ ھەممىسى قىمار دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىلىرىدە بولسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇرچە دىنى كىتابلاردا بولسۇن قىمار دېگەن سۆزدىن يۇقىرىدىكى (ئاللاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئاسانلىق بىلەن پۇل ياكى بۇيۇم قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوينالغان ئويۇنلار دېگەن) مەنىلەرنى چۈشىنىش لازىم.

شۇنداق چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا لاتارىيە ئويناشنىڭمۇ قۇرئان كەرىمدە چەكلەنگەن قىمارنىڭ ئۆز ئەينىسى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھىمىز قالمايدۇ. چۈنكى لاتارىيە ئويناش پۇل ياكى بۇيۇم ئۇتۇش ئۈچۈن ئوينالغان ۋە ئوينىلىدىغان بىر ئويۇندۇر.

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ «ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار» دېگەن قىسمى لاتارىيە بېلىتى سېتىش، سېتىشقا ياردەملىشىش، باشقىسىنىڭ ئېلىشىغا ياردەملىشىش… قاتارلىق ئىشلارنىڭمۇ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنى بۇ ئىشلارنى  قىلغانلار قىماردىن ساقلانمىغان بولىدۇ. بىر ئىشنى قىلماسلىق بىلەن ئۇ ئىشتىن ساقلىنىشنىڭ پەرقى بار: قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ساقلىنىش ئۇ ئىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇساپە قويۇش دېگەن بولىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 311 – 312.

[1] ‎ جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلار بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۈركەپ قويۇلاتتى. بۇ ئايەت بىلەن ئەنە شۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلارمۇ مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان. قاراڭ: فەخرۇددىن رازى ، مەفاتىھۇل غەيب – تەفسىرۇل كەبىر، 11: 285.

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر