مۇسۇلمانلار
ئېلىم - سېتىم سۇغۇرتا 1

ئېلىم – سېتىم \ سۇغۇرتا

3§. سۇغۇرتا

1.      ئېنىقلىمىسى

ئىنسانلار تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۆزىگە ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتىغا تەبىئىي ئاپەت ياكى كۈتۈلمىگەن ھادىسە تۈپەيلىدىن زىيان – زەخمەت يېتىشى، ئۆي – جايلىرى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ كېتىشى ياكى سۇدا ئېقىپ كېتىشى ۋە ياكى ئوغرىلىنىشى، كېمە – پاراخوتلىرىنىڭ بوران – چاپقۇنغا يولۇقۇپ چۆكۈپ كېتىشى، ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئادەملەرنى سوقۇۋېتىپ يارىلاندۇرۇپ قويۇشى، ياشانغاندا ھەر جەھەتتىن قىينىلىپ قېلىشى، ئۆلگەن چېغىدا بالا – چاقىسىنىڭ چارىسىز قېلىشى … قاتارلىق ئىشلاردىن قورقىدۇ، ئۇلاردىن ساقلىنىشقا، ناۋادا يۈز بەرگەن تەقدىردە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشقا ئېھتىياج ھېس قىلىدۇ.

سۇغۇرتا تۈزۈمى ئەنە شۇ ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي تۆلەم تۈزۈمىدۇر. بۇ تۈزۈمدە سۇغۇرتىلاش سۇغۇرتىلانغۇچى مۇئەييەن ھەق تۆلەيدىغان، سۇغۇرتىلىغۇچى ئۇ ھەقنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك زىيىنىنى تولدۇرۇش، ئۇ ئۆلگەن ياكى مىيىپ بولغان ۋە ياكى كېسەل بولغان ۋاقىتلاردا ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ياش چېكىگە يەتكەندە ئۇنىڭ تەرىپىگە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان تىجارىي پائالىيەتتۇر.

بۇ پائالىيەت ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئازساندىكى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئەزالارنىڭ زىيىنىنى، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئەزالار ئۈستىگە ئېلىش كېلىشىمىدۇر، قانۇنىي نۇقتىدىن قارىغاندا سۇغۇرتىلىغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا ياكى ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان تۆلىمى تۆلەشنى ئۈستىگە ئېلىش، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىلىغۇچىدىن سۇغۇرتا سېتىۋىلىش ئارقىلىق زىياننى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش  كېلىشىمىدۇر.

2.      مەقسىتى

1)     ھەمكارلىشىش

بۇ خىل سۇغۇرتىدا بىرقانچە كىشى ئۆزئارا رازىلىشىپ ھەر بىرى ھەر ئاي مەلۇم مىقداردا مەبلەغ قويۇپ بىر فوند يىغىشقا، ئاندىن ئۆز ئەزالىرىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى ئۇ فونددىن تۆلەپ بېرىشكە كېلىشىدۇ. مانا بۇ ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى ياكى ئىئانە سۇغۇرتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. قوشۇلغان پايلار چىقىمدىن ئاشسا ئەزالارنىڭ ئۇ پايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققى بولىدۇ، ئەگەر يېتىشمىسە ئەزالار قوشۇمچە پاي قوشىدۇ. ھەمكارلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئەزالىرى پايدا تېپىشقا ئەمەس، بەلكىدە ئەزالارغا يەتكەن زىياننى تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسلىدە ئەزالىرىنىڭ بەزىسىگە يەتكەن زىياننى ئۈلۈشۈپ تولدۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن توختام تۈزۈشكەن. ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ئۆز ئارىسىدا ئايلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەم سۇغۇرتىلىغۇچى ھەم سۇغۇرتىلانغۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۇغۇرتا ھەمكارلاشقۇچىلار سايلىغان ھەيئەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى سايلىغان ھەيئەتنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن پىرىنسىپلەر ئىچىدە نازارەت قىلىدۇ ۋە زۆرۈر تاپسا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرى قارارلاشتۇرغان ۋاقىتتا باشقىسىنى سايلايدۇ.

2)     پايدا تېپىش

بۇ خىل سۇغۇرتىدا سۇغۇرتىلانغۇچى تەرەپ، سۇغۇرتىلىغۇچى تەرەپ دەپ ئىككى تەرەپ بولىدۇ. سۇغۇرتىلىغۇچى تەرەپ پايدا تېپىشنى، سۇغۇرتىلانغۇچى تەرەپ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. سۇغۇرتىلىغۇچى تەرەپ توختام بويىچە پۈتۈشكەن مۇددەتتە بەلگىلەنگەن پاينى تۆلەيدۇ. سۇغۇرتىلىغۇچى تەرەپ ئۇنىڭغا مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە يەتكەن زىياننى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. ناۋادا ئۇ زىيان تارتمىغان بولسا تۆلىگەن پايلىرى سۇغۇرتىلىغۇچى تەرەپكە قالىدۇ، ئاز زىيان تارتقان بولسا چىقىمدىن ئاشقان پۇلى قالىدۇ، كۆپ زىيان تارتقان بولسا  بۇ تەرەپ زىيان تارتقان بولىدۇ. بۇ سۇغۇرتىنى سۇغۇرتا شىركىتى دۆلەتنىڭ تىجارەت قانۇنىدىكى بەلگىلىملىرىگە ئاساسەن باشقۇرىدۇ.

3.      ئوبيېكتىلىرى

1)     مال

مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى ماددىي بايلىق ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پايدا – مەنپەئەتنى سۇغۇرتا ئوبيېكتى قىلغان سۇغۇرتا تۈرىدۇر. ئاساسلىقى دېڭىز سۇغۇرتىسى، يۈك توشۇش سۇغۇرتىسى،  قۇرۇلۇش سۇغۇرتىسى، ئاۋىئاتسىيە سۇغۇرتىسى، ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى، ئائىلە مۈلكى سۇغۇرتىسى، ئوغرىلىنىش سۇغۇرتىسى، تىجارەت ئۈزۈلۈپ قىلىش سۇغۇرتىسى (بۇ پايدىنىڭ توختاپ قېلىش سۇغۇرتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قاتارلىقلاردۇر.

2)     جان

جان (جىسمانىي) سۇغۇرتىسى ئىنساننىڭ تېنىنى ئوبيېكتى قىلغان سۇغۇرتا تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى بەدەننىڭ تاسادىپىي زەخىملىنىش سۇغۇرتىسى، كىسەللىك سۇغۇرتىسى (داۋالىنىش سۇغۇرتىسىمۇ دېيىلىدۇ)، ئۆمۈر سۇغۇرتىسى (بۇ، ھايات سۇغۇرتىسىنى ياكى ئۆلۈم سۇغۇرتىسىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3)     مەسئۇلىيەت

بۇ سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ھەق – تەلەپ زىيىنىنى تۆلەش مەسئۇلىيتىنى سۇغۇرتا نىشانى قىلغان سۇغۇرتا تۈرىدۇر. قانۇنغا ئاساسەن سۇغۇرتىلانغۇچى باشقىلارنىڭ زىيىنىغا ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەشكە توغرا كەلگەندە، ھەممىنى سۇغۇرتىلىغۇچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ خىل سۇغۇرتا ئادەتتە زىياننى تۆلەش سۇغۇرتىسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: كېمە سۇغۇرتىسى، ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى، ئايروپىلان سۇغۇرتىسى، قۇرۇلۇش سۇغۇرتىسى، دېڭىز – ئوكيان نېفىت ئېچىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار سۇغۇرتىلىغۇچىغا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ زىيىنىنى تۆلەش مەسئۇلىيىتى يۈكلەيدۇ. بۇ سۇغۇرتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) جامائەت مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى. بۇنىڭدا سۇغۇرتىلىغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ باشقىلارغا يەتكۈزگەن جىسمانىي  ياكى ئىقتىسادىي زىيىنىغا تۆلەم مەسئۇلىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

(2) ياللىغۇچى مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى (بۇ ئەمگەك سۇغۇرتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇنىڭدا سۇغۇرتىلىغۇچى ياللىغۇچىنىڭ ياللانغۇچىغا يەتكۈزگەن جىسمانىي زەخمىلىنىشگە ئىقتىسادىي تۆلەم مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(3) مەھسۇلات مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى. بۇنىڭدا سۇغۇرتىلىغۇچى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىدىن كېلىپ چىققان تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

(4) كەسپىي مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى. بۇنىڭدا سۇغۇرتىلىغۇچى دوختۇر، ئادۋوكات، بوغالتېر، ئېنژىنېر قاتارلىق ئەركىن كەسىپتىكىلەرنىڭ خىزمەتتىكى سەۋەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرىنى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

(5) كاپالەتلىك تۆلەم سۇغۇرتىسى. بۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى كاپالەت ۋە تۆلەم سۇغۇرتىسى بولۇپ، بۇنىڭدا  سۇغۇرتىلىغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ياكى سەل قارىشى تۈپەيلىدىن ئۈچىنچى تەرەپكە يەتكەن زىيانلىرىنى  تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

4)     ئىناۋەت

ئىناۋەت سۇغۇرتىسى. بۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سۇغۇرتىلانغۇچىغا ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىنى نىشان قىلغان سۇغۇرتا تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) سەمىمىيەت كېپىللىك سۇغۇرتىسى. بۇنىڭدا ياللىغۇچى ياللانغۇچىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(2) ۋەدىسىدە تۇرۇش سۇغۇرتىسى. بۇنىڭدا سۇغۇرتىلىغۇچى توختام تۈزۈشكەن تەرەپلەردىن بىرىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

4.      سۇبيېكتىلىرى

1)     شەخس

 بۇ يەككە سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى كىشى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ھەر تۈرلۈك كاپالەت ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن قىلىدۇ. بۇ ئاساسەن ئىختىيارىي بولىدۇ. بۇنىڭدا سۇغۇرتا توختامىنى ئىككى تەرەپ باراۋەر، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىختىيارىي ھالدا تۈزىدۇ، يەنى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆز ئىختىيارى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قاتناشماسلىقنى، سۇغۇرتا ئوبيېكتىنى، سوممىسىنى ۋە مۇددىتىنى بەلگىلەيدۇ. سۇغۇرتىلىغۇچىمۇ سۇغۇرتا قىلىش قىلماسلىقنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا تۈرلىرى ۋە مەزمۇنىنى تاللىيالايدۇ.

2)     كوللىكتىپ

كوللېكتىپ (ئىجتىمائىي) سۇغۇرتا ئادەتتە جىسمانىي سۇغۇرتا بولۇپ، ئۇ سۇغۇرتا توختامى ئارقىلىق، بىر كوللىكتىپنىڭ ئەزالىرىغا جىسمانىي سۇغۇرتا كاپالىتى تەمىنلەيدىغان سۇغۇرتىدۇر. جىسمانىي سۇغۇرتىدا سۇغۇرتىلاتقۇچى «كوللىكتىپ تەشكىلات»، مەسىلەن: ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان ئورۇنلار بولۇپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلار كوللىكتىپ ئىچىدىكى خادىملاردۇر. كوللىكتىپ سۇغۇرتا كوللىكتىپنىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، تەمىنلىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىملىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى (دەم ئېلىشقا چىقىش) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۇغۇرتىلار كۆپىنچە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

بۇ ئاساسەن مەجبۇرىي بولىدۇ. بۇ قانۇنىي سۇغۇرتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇنى ھۆكۈمەت سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چىقارغان قانۇنى ۋە يولغا قويغان سىياسىتى بىلەن بەلگىلەيدۇ. تەرەپلەر بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە، خالىسۇن – خالىمىسۇن چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا بېجىرىشى كىرەك. بۇ سۇغۇرتا باشلانغان چاغدا سۇغۇرتىلىغۇچى تەرەپنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى ئۆزلۈكىدىن باشلىنىدۇ، ئۇ سۇغۇرتا سوممىسىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئالىدۇ، بۇنى تەرەپلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزى تاللىيالمايدۇ. مەجبۇرىي سۇغۇرتىنىڭ يەنە بىر شەكلى بولسا ھۆكۈمەت مەلۇم كەسىپ ياكى مەلۇم ئىگىلىك ۋە ياكى مەلۇم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قاتنىشىشنى مەجبۇرىي قىلغان، بولمىسا ئۇلارنى شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى قويمايدىغان سۇغۇرتىدۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 295 – 300.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر