مۇسۇلمانلار

ئېلىم-سېتىمدىكى شەرتلەر

ئېلىم-سېتىمدىكى شەرتلەر

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

بۇ شەرتلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1- سودىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىدىغان ھەتتا سودىدا قىلىشمىسا بولمايدىغان توغرا شەرتلەردۇر.
2- سودىنى باتىل (كۈچكە ئىگە ئەمەس) قىلىۋىتىدىغان ناتوغرا شەرتلەردۇر.

سودىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىدىغان ھەتتا سودىدا قىلىشمىسا بولمايدىغان توغرا شەرتلەر:

سودا ئەسناسىدا مال ساتقۇچىنىڭ بۇ مالنى مانچە پۇلغا ساتىمەن دېيىشى، سېتىۋالغۇچىنىڭ مانچە پۇلغا بەرسىڭىز ئالىمەن دەپ ئاخىرى ئىككى تەرەپنىڭ مەلۇم بىر مالنى مەلۇم بىر مىقدار پۇلغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقان شەرتلىرى،
ئىككى تەرەپنىڭ، پۇلنىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى نېسىگە قالدۇرۇشنى ياكى مالدا مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىشىشى، مەسىلەن: ھايۋان سېتىۋالغان بىر كىشى ھايۋاننىڭ بوغاز ياكى سۈتلۈك بولۇشىنى شەرت قىلىشى، ياكى قارچىغىنىڭ ئوۋچى بولۇشىنى شەرت قىلىشى، بۇ شەرتلەر تېپىلسا سودا بولىدىغان، تېپىلمىسا سودا بولمايدىغانغا ياكى مالنىڭ بەدىلىنى (دېيىشكەن پۇلىنى) چۈشۈرىدىغانغا شەرت قىلىشى، ساتقۇچىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلىشى. مانا بۇ شەرتلەرنىڭ سودىغا ھېچقانداق دەخلىسى يوق. چۈنكى اللە تەئالا مائىدە سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە مۇئمىنلارنى ئەھدىلەرگە (شەرتلەرگە) رىئايە قىلىشقا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمانلار شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇد ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلىدۇ).
شۇنىڭدەك، ئىككى تەرەپ سودا قىلىشىش جەريانىدا بىردە-بىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر شەرت قىلىشقان بولسا، بۇ شەرتمۇ كۈچكە ئىگە، يەنى بۇ خىل شەرتكىمۇ رىئايە قىلىشى لازىم. مەسىلەن: ئۆي ساتقان بىر كىشى، سودا ئەسناسىدا بۇ ئۆيدە بىر-ئىككى ئاي ئولتۇرىۋىلاي دەپ شەرت قىلغان بولسا، ياكى ئۇلاغ ساتقان بىر كىشى، مەلۇم بىر يەرگە قەدەر ئۇلارغقا مىنىپ ياكى يۈك ئارتىپ پايدىلىنىۋېلىشنى شەرت قىلغان بولسا، ئالغۇچى تەرەپ قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ شەرتلەرگىمۇ رىئايە قىلىش لازىم. بۇخارى ۋە مۇسلىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۈگىنى مۇشۇنداق بىر شەرت بىلەن ساتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

سودىنى باتىل (كۈچكە ئىگە ئەمەس) قىلىۋىتىدىغان ناتوغرا شەرتلەر:

بىر سودىنىڭ ئىچىدە باشقا بىر سودىنى شەرت قىلىش، مەسىلەن:
1- مەن ساڭا بۇنى، سېنىڭ ماڭا پالان نەرسەڭنى سېتىشىڭ ياكى مانچىلىك قەرز بېرىشىڭ شەرتى بىلەن ساتىمەن دەپ شەرت قىلسا، (مانا بۇنداق شەرت سودىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر سودىدا ئىككى شەرت بولمايدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، نەسەئىي ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلىدۇ)
2- ساتقۇچى ئالغۇچىغا مەن ساڭا ساتقان بۇ مالنى سەن ساتمايسەن ياكى ھەدىيە قىلمايسەن دەپ شەرت قىلسا، (بۇ شەرتمۇ سودىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اللەنىڭ كىتابىدا بولمىغان ھېچبىر شەرت كۈچگە ئىگە ئەمەس، گەرچە ئۇ يۈز شەرت بولغان تەقدىردىمۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلىدۇ).
3- مەن ساڭا بۇ نەرسىنى پالانى كىشى رازى بولسا ساتىمەن ياكى سەن ماڭا پالانى نەرسەڭنى بەرسەڭ ساتىمەن دەپ شەرت قىلسا، (بۇ شەرتمۇ سودىنى بىكار قىلىدۇ. چۈنكى بۇمۇ يۇقارقى ناتوغرا شەرتلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ).
مانا جەمئىيەتتە شەرتلىك تىجارەت قىلىشقا بولمايدىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن ئىكەن دېگەن گەپ-سۆزلەردىكى شەرتلەر بۇ ئىككىنچى تۈرلۈك شەرتلەر بولۇپ، بۇلاردىن بىرى ياكى بىرقانچىسى ئارىلىشىپ قالغان سودا دىنىمىزدا سودا ھېسابلانمايدۇ. بۇنداق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ناتوغرا ئىش قىلغان بولىدۇ.
بىرىنچى خىل شەرتلەر بىلەن قىلىنغان سودا توغرا سودا بولىدۇ. ئۇنداق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار خاتا ئىش قىلمىغان بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، بىر مالنىڭ ئىگىسى بىر كىشىگە ياكى بىر قانچە كىشىگە «بۇ مالنى مانچە پۇلغا سېتىڭلار، ئارتۇقى سىلىنىڭ بولسۇن ياكى ساتقىنىڭلارغا قاراپ پايدا ئايرىپ بېرەي» دەپ شەرت قىلىپ مېلىنى ساتقۇزغان بولسا ۋە دېيىشكىنى بويىچە ئۇنىڭغا ياكى ئۇلارغا پايدا بەرگەن بولسا، بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق. يەنى بۇ ئىش قىلىشقا بولمايدىغان شەرتلىك تىجارەت قاتارىغا كىرمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر