مۇسۇلمانلار

ئېرىم مېنىڭ قەلبىمنى چۈشەنمەيدۇ، قانداق قىلىمەن؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

ئىنساننىڭ چىن قەلبىنى، ئۇ قەلبنىڭ ياراتقۇچىسىدىن باشقا ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. بۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز ۋە ئېرىڭىزنىڭ قەلبىڭىزدىكىنى چۈشىنىشىگە ساقلاپ تۇرماي ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشىڭىز كېرەك.

سىز بەلكىدە ئىشنىڭ بېشىدا ئېرىڭىزنىڭ دىن ـ دىيانەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ھازىر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلمايدىغان بىر ئايال بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. بېشىڭىزغا كەلگەن بۇ خاپىلىقلار شۇ سەۋەبتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، اﷲ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)» ـ (شۇرا سۈرىسى 30 ـ ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئەگەر ئاللاھتىن يىراقلىشىپ، شەيتانغا يېقىنلىشىپ قالغان بىر ئايال بولسىڭىز دەرھال تەۋبە قىلىپ ئۆزىڭىزنى تۈزىتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئائىلىڭىزدە ھۇزۇر بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر