مۇسۇلمانلار

ئۈزۈك تاقاش سۈننەتمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

دىنىمىزدا ئەر كىشىنىڭ، قولىغا ئالتۇندىن باشقا نەرسىلەر بىلەن ئىشلەنگەن ئۈزۈكلەرنى تاقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ، سۈننەت ئەمەس، رۇخسەت. بۇنى ئايرىپ چۈشىنىشىمىز لازىم!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈزۈك تاقىغان، لېكىن باشقىلارنى ئۈزۈك تاقاشقا بۇيرۇمىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگە ساغقان، ياماق يامىغان، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. يەنە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان.

بۇ گۈن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈزۈك تاقىغان ئىكەن. بۇ، ئۈزۈك تاقاشنىڭ سۈننەتلىكىگە دالالەت قىلىدۇ» دەپ قولىغا ئۈزۈك تاقىغان كىشىنىڭ، تۆگە سېغىش، ياماق ياماش، ئاش ـ تاماق ئېتىش ۋە ئۆي سۈپۈرۈش …قاتارلىق ئىشلارنىمۇ سۈننەت دەپ قىلىشى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلارنىمۇ قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر