مۇسۇلمانلار

ئۇنىڭ نامىزى بولامدۇ؟

سوئال:
بەزىلەر كىيىملىرى كىر، مەينەت ھەتتا بەزىدە سۈيدۈك تېمىپ كەتكەن ھالەتتە ناماز ئۆتەۋىرىدىكەن. ئەگەر تۇسسىڭىز (نىيەت ئەلا) دەپ گېپىڭىزنى رەت قىلىدىكەن، شۇنداقلا تاھارەتنى تولۇق ئالدىم. دەپ ئۆزىنى ئاقلايدىكەن  مۇشۇنداق دېيىش توغرىمۇ؟
جاۋاب:
 ئالدى بىلەن «بەزىلەر» نىڭ، ئۇ «بەزىلەر» گە نازارەتچىلىك قىلىدىغان «ۋەزىپە» سى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كىيىملىرى پاكمۇ، ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا قارىشى كېرەك. خەلق ئىچىدە «ئاۋۋال خىش، ئاندىن كېيىن دەرۋىش» دەپ بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. «ئۆزىنىڭ كۆزى كور تۇرۇپ باشقىنىڭ كۆزىدىكى چاپاق ھەققىدە سۆزلەش» ئۇنچە ياخشى ئىش ئەمەس. بەلكىدە ئۇ چاپاق بولماسلىكى، كور ئادەمگە شۇنداق كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن.
مەسچىتنىڭ ئىمامى جامەئەتكە ئىلمىي ئۇسۇل ۋە يۇمشاق تىل بىلەن نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىنىڭ كىيىمنىڭ پاك بولۇشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
باشقا بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ: «سېنىڭ ئىشتىنىڭ ھۆل تۇرىدۇ، سۈيدۈك چاچراپ كەتكەن گەپ، يۇمىساڭ نامىزىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ كىيىمىڭ مەينەت تۇرىدۇ، نامىزىڭ بولمىدى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ باشقىلارنىڭ كىيىم – كېچىكىدىكى كىر ۋە ھۆللۈكلەر توغرۇلۇق «پەتىۋا بېرىش»، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوقۇغان نامازلىرى ھەققىدە «ھۆكۈم چىقىرىش»  ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر