مۇسۇلمانلار

ئۇنداق ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! سىز نېمانداق تەتۈرلۈك قىلىسىز؟ ئۇ ئىمامغا ئاشۇ ئىشلىرى بىلەن كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلالامسىز؟ بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈلگەن يەرگە ئىمام بارسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ناماز قىلىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قاپسىز، شۇنداققۇ! خوش، ئۇنداق يەرلەرگە سىز نېمىشقا باردىڭىز؟ ئىمامغا بولغان گۇناھ سىزگە بولمامدۇ؟ ماقۇل، ئۇ يەردىكى گۇناھلاردىن ئىمام توسماپتۇ، سىز نېمىشقا توسمىدىڭىز؟ سىزمۇ ئوخشاش مۇسۇلمانغۇ؟

بىر كىشى ئوچۇقتىن ـ ئوچۇق كاپىر بولۇپ كېتىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتتە بولمىسىلا ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ. سىز نىيىتىڭىزنى خالىس قىلىپ بىر كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ بىر نامازنى ئوقۇسىڭىز، ئىمام بولغان كىشىنىڭ بىر كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن سىزنىڭ نامىزىڭىزغا دەخلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن:

ئىمام تەرىتى يوقلۇقى ئېسىدە يوق بىر نامازغا ئىمام بولۇپ ئوقۇپ، سالامدىن كېيىن، تەرىتىنىڭ يوقلۇقى ئېسىگە كەلسە، ئىمام تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ، لېكىن جامائەت نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. بۇ، ئىمامنىڭ نامىزىنىڭ ئايرىم، جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭدەك، نامازنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە كەلگەندە ئىمامنىڭ تەرىتى سۇنۇپ كېتىپ قالسا، ئىمام ئارقسىدىكى كىشىلەردىن بىرىنى ئىماملىققا ئۆتكۈزپ قويىدۇ. بۇ كىشى نامازنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرىدۇ. بىرىنچى ئىمام تەرەت ئېلىپ كىرىپ، ئىككىنچى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامىزىنى كەلگەن يەردىن ئوقۇيدۇ؛ نامازنىڭ ئوقۇلۇپ بولغان قىسمىنى سالامدىن كېيىن ئوقۇۋالىدۇ.

مانا بۇلار، ھەر كىشىنىڭ ئۆز نامىزىنى ئۆزى ئوقۇيدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىش دېمەك، نامازنى ئىمام بولغان كىشىگە ئەگىشىپ ئوقۇش دېگەن بولىدۇ. بۇ، ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشنى ئىمامغا يۈكلىۋېتىپ، ئارقىسىدا بىكار تۇرۇش دېگەن بولمايدۇ.

شۇ ڭا ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلسا، ئارقىسىدىكىلەر تىڭشايدۇ، ئايرىم قىرائەت قىلمايدۇ؛ ئىمام قىرائەتنى ئىچىدە قىلسا جامائەتمۇ ئىچىدە قىرائەت قىلىدۇ ۋە ھەر ئىككىلى ئەھۋالدا نامازدا ئىچىدە ئوقۇلىدىغان پۈتكۈل زىكىر ۋە دۇئالارنى جامائەتمۇ ئىچىدە ئوقۇيدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ئىماممۇ ئۆز نامىزىنى ئوقۇيدۇ، جامائەتمۇ ئۆز نامىزىنى ئوقۇيدۇ. بىرىنىڭ قىلىمىشى بىلەن يەنە بىرنىڭ نامىزىغا دەخلى يەتمەيدۇ.

ئىسلام كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. بىر كىشى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن، ئۇنى كاپىر دېيەلمەيسىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا كاپىر مۇئامىلىسى قىلالمايسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر