مۇسۇلمانلار

ئۇلۇكلارنىنڭ روھىغا قانداق دۇئا قىلىمىز؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلمايمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى، دەرىجسىنىڭ ئۈستۈن قىلىنىشى، قەبرىسىنىڭ نۇرلۇق ۋە ھېسابىنىڭ يەڭگىل بولۇشى قاتارلىقلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز. قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇنۇ دۇئاسى زىكىر قىلىنىدۇ:

«پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب كۈنىدە (يەنى قىيامەت كۈنىدە)ماڭا، ئاتا- ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن» ئىبراھىم سۈرىسى 41 ـ ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈك ئۈچۈن قىلغان بىر قىسىم دۇئالىرى:

«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلغىن ، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئاخىرەتتىكى جايىنى ئېسىل قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭ قىلغىن، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى سۇ، قار، مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئۇنى خاتالىقلىرىدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكلىغاندەك پاكلىغىن، ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىدىن ياخشى ئۆي، ئۆز ئەھلىدىن ياخشى ئەھىل، ئۆز ئايالىدىن ياخشى ئايال ئاتا قىلغىن، ئۇنى جەننەتكە داخىل قىلغىن، ئۇنى قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».

ئەۋف پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ دۇئالارنى ئاڭلاپ ئېيتىدۇ: «كاشكى، ئاشۇ مىيىت مەن بولۇپ قالسامچۇ؟» . يۇقارىقى دۇئالارنى ئەۋف رەسۇلۇللاھنىڭ بىر مېيتقا ئۇقۇغان ۋاختىدا يادلىۋالغان. – (مۇسلىم، جەنائىز 85؛ تىرمىزىي، شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ 38؛ نەسەئىي، شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ77).

«ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك ۋە تىرىكلىرىمىزنى ۋە چوڭ-كىچىكلىرىمىزنى، ئەر-ئاياللىرىمىزنى، بۇ يەرگە ھازىر بولغانلىرىمىزنى ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام ئاستىدا تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئىمان ئاستىدا ۋاپات قىلدۇرغىن» بۇ تىرمىزى رىۋايەت قىلغان شەكىل. ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان شەكىل مۇنداق: «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۆلۈك، تىرىكلىرىمىزنى، چوڭ-كىچىكلىرىمىزنى، ئەر-ئاياللىرىمىزنى، بۇ يەرگە ھازىر بولغانلىرىمىزنى ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تىرىك قالدۇرساڭ، ئۇنى ئىسلام ئاستىدا تىرىك قالدۇرغىن، كىمنى ۋاپات قىلدۇرساڭ، ئىمان ئاستىدا ۋاپات قىلدۇرغىن. بىزنى ئەجىردىن مەھرۇم قويمىغىن. ئۇنىڭدىن كىيىن بىزنى ئازدۇرۋرەتمىگىن»- ( تىرمىزىي، جەنائىز 37؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60).

«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى مۆلدۈرلەر (راھەت بېغىشلايدىغان رەھمەتلىرىڭ) بىلەن يۇغىن، ئۇنى كىيىم يۇيۇلۇپ پاكىزلانغاندەك يۇپ پاكىزلىغىن» – (تىرمىزىي، جەنائىز 38).

«ئى ئاللاھ! پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچى سېنىڭ ئامانلىقىڭدا ۋە سېنىڭ پاناھىڭدىدۇر، ئۇنى قەبىر ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، سەن ۋاپالىقسەن، مەدھىيىگە لايىق زاتتۇرسەن، ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا مەغفىرەت قىلغىن ۋە رەھمەت قىلغىن، چۈنكى سەن ئەڭ مەغفىرەت قىلغۇچى ۋە مېھرىبان زاتتۇرسەن» – (ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز22.)

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر