مۇسۇلمانلار

ئىسىم قانداق يۆتكىلىدۇ؟

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
بىر سۇئالىم بار ئىدى:
ئىنىم يېڭى تۇغۇلغاندا ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا «جەسۇر» دەپ ئىسىم قويماقچى بولۇپ بىر قارى كىشىنى ئىسىم قويۇپ بېرىش ئۈچۇن تەكلىپ قىلغان. ئەمما ئۇ كىشى بۇ ئىسىم ئېغىزغا كەلمەيدىكەن دەپ، ئىنىمگە «نەسۇرۇللا» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەزان چاقىرىلغان ئىسمى شۇ بولۇپ قالدى، لېكىن نوپوستىكى ئىسمى ھېلىھەم «جەسۇر». بۇ ئىشقا ئويدىكىلەر سەل قاراپتۇ. بۇ يىل ئىنىم 7 گە كىردى. ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا ئەزان چاقىرىپ «جەسۇر» دەپ قويسا بولامدۇ؟ مەن ئاكىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەزان چاقىرىپ قويسام بولامدۇ؟ (ئاتام تۈگەپكەتكەن)، سىلىدىن جاۋاپ كۈتۈپ ـ ئەزىمەت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئۇنىڭغا ئەزان چاقىرىش كەتمەيدۇ. بالىنىڭ ئىسمىنىڭ قايسى ئىسىم بولۇشىنى خالىساڭلار، ئۇنى شۇ ئىسىم بىلەن ئاتىساڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئەزان، بالا دۇنياغا كېلىپ تۇنجى قېتىم ئىسلامنىڭ شۇئارىنى ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ئاڭلىسۇن دەپ، تۇغۇلغان چېغىدىلا ئوقۇلىدۇ. بۇ، سۈننەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بار.
دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىنسان سەكراتتا چاغدىمۇ ئۇنىڭغا تەۋھىدكەلىمىسى تەلقىن قىلىنىدۇ (يەنى ئۇنىڭ يېنىكىدىكى كىشى ياكى يېنىدىكى كىشىلەردىن بىر كىشى ئۇنىڭغا تەۋھىد كەلمىسىنى ئۆگىتىشى، ئەگەر ئوقۇيالمىسا ئۆزى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ). بۇ، سۈننەتتۇر. دېمەك ئىنسان دۇنياغا كەلگەن چېغىدا تۇنجى قېتىم تەۋھىد كەلىمىسىنى ئاڭلايدۇ. دۇنيادىن كەتكەن چېغىدىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا تەۋھىد كەلىمىسىنى تىلىغا ئېلىپ ياكى ئاڭلاپ كېتىدۇ.
بالىنىڭ ئىسمىنى قويغاندا «ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئوقۇلىشى» غا دائىر ھېچقانداق ئاساس يوق. شۇنداقتىمۇ بۇ ئادەت پەيدا بولۇپ، بۇنىڭ تۈپەيلىدىن بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەزان ئوقۇش سۈننىتى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن. بۇ سۇننەت ئۆز جايىدا ئادا قىلىنسا ياخشى بولىدۇ. بۇ سۈننەت، بالا تۇغۇلغان ھامان بىرىنىڭ ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ نامازغا ئوقۇغاندەك بىر ئەزان ئوقۇشى بىلەن ئادا بولىدۇ.
يېغىپ ئېيتقاندا بالىنىڭ ئىسمى، تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى قويۇلىدۇ. بۇ، «بۇ بالىنىڭ ئىسمى مۇنداق بولسۇن» دەپ بالىنىڭ ئەقىقىسىگە يىغىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىشتىنلا ئىبارەت. ئىسىم قويغاندا، ئىسىم يۆتكىگەندە ئەزان- تەكبىر ئوقۇلمايدۇ.
ئەسكەرتىش:
بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئەزاننى ئۇ يەردە ئەر كىشى بولسا، ئەر كىشى ئوقۇيدۇ. ئەر كىشى بولمىسا ئايال كىشى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەزان ئىنسانلارنى نامازغا چاقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر