مۇسۇلمانلار

ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ناماز

 سوئال:
نامازدا سەتر ئەۋرەت شەرت، دەپ باركەن، سەتر ئەۋرەت دېگەن نېمە؟ ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب:
لۇغەتتە «ياپماق، يۆگىمەك، يوشۇرماق، مەخپىي قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سەتر «ستر» دېگەن كەلىمە بىلەن «بەدەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان ئۇياتلىق قىسمى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئەرۋەت «عورة» دېگەن كەلىمىدىن تەركىب تاپقان سەتر ئەرۋەت «ستر عورة»، نامازدا ۋە نامازنىڭ تېشىدا بەدەندىن يۆگەشكە تېگىشلىك بولغان يەرلەرنى يۆگەشنى ئىپادىلەيدۇ[1].
«يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا وَلِبَاسُ التَّقْوَى ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ»
«ئى ئادەم بالىلىرى! بىز سىلەرگە ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم نازىل قىلىپ بەردۇق…»- ئەئراف7/26.
«يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ…»
«ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز قىلىدىغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار…»- ئەئراف 7/31.
بىرىنچى ئايەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ بىز ئادەم بالىلىرىغا بىرى ئەۋرەت يەرلىرىمىزنى ياپىدىغان، يەنە بىرى بىزگە زىننەت بولىدىغان ئىككى تۈرلۈك كىيىم نازىل قىلىپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى ئايەتتە بولسا ئاللاھ تەئالانىڭ بىز ئادەم بالىلىرىنى ناماز ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا ئۆزىمىزگە زىننەت بولىدىغان كىيىمىمىزنى كىيىشكە ئەمر قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ناماز ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا «ئەۋرەت يەرلىرىمىزنى ياپىدىغان كىيىمىمىز» بىلەن بىرلىكتە «زىننەتلىنىدىغان» كىيىمىمىزنىمۇ كىيىشىمىز لازىم. كىندىك بىلەن تىز ئارىسىنى يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىم بىلەن ياكى ئۇخلاش كىيىمى (پىجاما) بىلەن ناماز ئوقۇغانلار ئەنە شۇ ئايەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ.
سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدە ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئايال كىشىنىڭ يۈزى، ئىككى قولى (بېغىشىغىچە) ۋە ئىككى پۇتى (ئىككى ئوشۇقىنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى يۆگىلىشى كېرەك بولغان «زىننەت» دەپ بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ «زىننەتلىنىدىغان» كىيىمى ئۇنىڭ ئەنە شۇ «زىننەت» ى بولغان ۋۇجۇدىنى يۆگەيدىغان شەكىلدىكى كىيىمى ۋە ياغلىقىدۇر.
ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئايەتتە (سۈرە ئەئرافنىڭ 31- ئايىتىدە) «ئادەم بالىلىرى» بولغان ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى ناماز قىلىدىغان چاغلىرىدا زىننەت بولىدىغان كىيىملىرىنى كىيىشكە ئەمىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاياللار نامىزىنى ئۆيىدە  ئوقۇسۇن سىرتتا ئوقۇسۇن، يېنىدا نامەھرەم بولسۇن بولمىسۇن «زىننەتلىنىدىغان» كىيىمى بىلەن ئوقۇشى كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئايال كىشى نامازنى يۈزى، ئىككى قولى (بېغىشىغىچە) ۋە ئىككى پۇتى (ئىككى ئوشۇقنىڭ ئاستى قىسمى) قاتارلىق يەرلىرىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى، سىرتقا چىققان چېغىدا ياكى نامەھرەم كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە يۆگىگەندەك كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش، بېشىغا چوڭ بىر ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق يۆگەپ تۇرۇپ ئوقۇشى كېرەك.

[1]– فاتىھ ئوقۇمۇش، «سەتر ئەۋرەت» تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 2009، 36- جىلد، 576- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر