مۇسۇلمانلار

ئۆگەي بالا بىلەن بېقىۋالغان بالىنىڭ پەرقى بارمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم!

1 ـ ئۆگەي قىزنىڭ مەسىلىسى باشقا، بېقىۋالغان بالىنىڭ مەسىلىسى باشقىدۇر. ئاللاھ تەئالا نىسا سۈرىسىنىڭ 23 ـ ئايىتىدە ئەر كىشىگە ئۆگەي قىزى بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ مەڭگۈ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 37 ـ ئايىتىدە بىر كىشى بېقىۋالغان بالىسىنىڭ ئېلىپ قويۇپ بەرگەن خوتۇنىنى ئالسا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ، ئىككىسىنىڭ تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

2 ـ ئۆگەي قىزىڭىزنى ھەر چاقىرغاندا دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ چاقىرىشىڭىز كېرەك ئەمەس. ئەگەر مەسىلىنى بۇنداق چۈشىنىپ قالغان بولسىڭىز خاتا چۈشىنىپ قېلىپسىز. بەلكىدە مەن چۈشەندۈرەلمىگەن بولۇشىم مۇمكىن.

مېنىڭ چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىم: ئۆگەي قىزىڭىزنىڭ ئىسمى زەينەب، ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن، سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئەھمەد بولسا، ئۇ قىزنىڭ كىملىكىدە ۋە نوپۇس دەپتىرىدە زەينەب تۇرسۇن دەپ يەنى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى يېزىلىشى، شۇنداقلا جەمئىيەتتە زەينەب تۇرسۇن دەپ تونۇلۇشى كېرەك. ئۇ قىز ھېچبىر رەسمىيەتتە زەينەب ئەھمەد بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

لېكىن نورمال ئەھۋالدا سىز ئۇ قىزنى قىزىم دېسىڭىز، ئۇ قىزمۇ سىزگە دادام دېسە، بۇنىڭ بىر زىيىنى يوق. بەلكىدە بۇ سىزنىڭ ئۇ قىزغا بولغان مېھرىبانلىقىڭىزنى، ئۇ قىزنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۆيلەنگەن. بۇ چاغدا بۇ ئايالنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆگەي ئىككى بالىسى بار ئىدى. سىز ئۇ قىزنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش بىلەن چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىز. بۇ ئايرىم مەسىلە.

3 ـ ئۆگەي بالا بىلەن بېقىۋالغان بالىنىڭ ھۆكمى تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ. بۇنى بۇ جاۋاب بىلەن تۈنۈگۈنكى جاۋابنى تەكرار ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر