مۇسۇلمانلار

ئۆيدە جامائەت دۇرۇسمۇ

سوئال:
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەلۇم نامازدا مەسچىتكە چىقالمىغاندا نامازلارنى ئائىلىدە ئەر، ئايال، بالىلار جامائەت بولۇپ ئوقۇسا بولامدۇ؟
جاۋاب:
قېرىندىشىم! نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش بەك مۇھىم. بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە ئىشارەت بار. ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 43 ـ ئايىتىدە» :رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار» دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بەرگەن:
1 ـ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابىدىن 27 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2 ـ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىر ئەما كىشى كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئادەم يوق»، دەپ رەسۇلۇللاھتىن نامازنى ئۆيدە ئوقۇشقا رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، رەسۇلۇللاھ چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلامسەن؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «ھەئە»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسا نامازغا كەلگىن»، دېدى. – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
3 ـ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئوتۇنغا بۇيرۇسام، ئوتۇن ئېلىپ كېلىنسە، ئاندىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇسام، ئەزان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى بۇيرۇسام ئىمام بولسا، ئاندىن ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى قالدۇرۇپ، نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭكىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىسام، دەيمەن»– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
4 ـ ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەيلى ئاۋات جاي بولسۇن ياكى ئاھالىسى شالاڭ جاي بولسۇن، ئۈچ نەپەر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلىدۇ. جامائەتنى چىڭ تۇتۇڭلار، چۈنكى پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەپ كېتىدۇ»ـ ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: ئامال بار مەسچىت-جامەلەرگە چىقىش، ھېچبولمىغاندا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە جامائەت بولۇپ ئوقۇش لازىم. جامائەتكە ئاياللارمۇ قېتىلغان تەقدىردە ئۇلار ئارقا سەپتە تۇرىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر