مۇسۇلمانلار

ئۆلۈم بولغان ئۆيدە قۇرئان ئوقۇش توغرىسىدا

[جاۋاب] :

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قۇرئان كەرىمنىڭ بىز تىرىكلەرگە نازىل قىلىنغانلىقى راست، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتى، ياسىن سۈرىسىنىڭ 70 ـ ئايىتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ساۋاب ئۈمىدى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنى ئوقۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى قىلغان، ساھابىلەرنى قىلىشقا تەرغىب قىلغان بىر ئىشتۇر. مۇززەممىل سۇرىسىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. دۇئا قىلىش بولسا، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئاللاھتىن بىر نەرسە تىلەشتىن ئىبارەتتۇر.

دۇئا قىلىشتىن بۇرۇن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ ئاندىن دۇئا قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن ھەر نامازدىن كېيىن، روزىنى تاماملاپ ئىپتار قىلىدىغان چاغدا…دۇئا قىلىمىز. ھەج پائالىيىتىدىمۇ مۇھىم بولغان ئىشلارنىڭ بىرى دۇئا قىلىشتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدىن مەلۇم مىقدار ئوقۇپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى، دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، ئەگەر ئەھلى دۇزاخ بولۇپ قالغان بولسا (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئازابىنىڭ يەڭگىل بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىش ياخشى ئىشتۇر. بۇنى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ بالا ـ چاقىلىرى ۋە دوست ـ يارەنلىرى ھەر پۇرسەتتە قىلسا بولىدۇ. ئەمما دىنىمىزنىڭ چەكلەيدىغىنى شۇلاردىن ئىبارەت:

1ـ مەيىت چىققان ئۆيگە قۇرئان تامام قىلىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇيالايدىغانلارنى چاقىرىش،

2ـ يىغىلغانلارنىڭ ئالدىدا پۇل ۋە باشقا نەرسىلەرنى قويۇش،

3ـ قەبرىستانلىققا چىقىپ تۈنەش،

4ـ ناماز ھەققى بىرىش ۋە ئېلىش (ئىسقات)،

5ـ مەيت چىققان ئۆيگە ناماز ھۆلى ئوقۇش ئۈچۈن يىغىلىش،

6ـ مەييىتنىڭ مىراسىنى تەقسىم قىلماي تۇرۇپ ۋارىسلەرنىڭ رازىلىقىنى ئالماستىن مەييىت قالدۇرۇپ كەتكەن ماللاردىن چىقىم قىلىپ يېيىش ۋە باشقىلارغا يىگۈزۈش، (ئەگەر ۋارىسلەرنىڭ ئىچىدە بالاغەتكە يەتمىگەنلەر ياكى ئۆز مال ـ مۈلكىنى باشقۇرالمايدىغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ھەققى بار نەرسىنى يېيىش ھارامدۇر)،

7ـ مەييىتنىڭ ئارقىسىدىن بامدىتى، ئۈچى، يەتتىسى، قىرقى ۋە يىلى دېگەندەك يىغىلىشلارنى قىلىپ، كەلگەنلەرگە زىياپەت بىرىش…بىدئەت ئىشلار بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشلىرى لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى سۈننىتى شۇكى، مەييىت ئەھلىگە تەسەللىي بىرىش، ئۇلار مۇسىبەتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغۇچە (1ـ2 كۈن) ئۇلارنى يىمەك ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشتۇر. بۇنى مەييىت ئەھلىنىڭ ئورۇق ـ تۇققانلىرى، يېقىن ـ يورۇقلىرى ۋە قولۇن ـ قوشنىلىرى قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن ياكى ھەر قانداق بىر مەخسەت ئۈچۈن دۇئا قىلماقچى بولغاندا قۇرئان كەرىمنى تامام قىلىش شەرت ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭدىن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئوقۇساق بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ مەيىتقا ئوقۇلىدىغان، ئوقۇلمايدىغان يەرلىرى بولمىغىنىدەك، مۇھىم ياكى مۇھىم بولمايدىغان يەرلىرى دەيدىغان بىر گەپمۇ يوق. ئۇنىڭ ھەممىسى مۇھىم. بىلگەن يېرىنى ئوقۇسا بولاۋىرىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر