مۇسۇلمانلار

ئۆلۈككە پايدىسى يوقمۇ؟

سوئال:
مېنىڭ ئانام-دادام تۈگەپ كەتكەن. ئانامغا 4 يىل، دادامغا 5 ئاي بولدى. ھەدىسلەردىن كۆرسەم ئۆلۈپ كەتكەنلەر 3 تۈرلۈك ئىشتىن ساۋاب يېتىپ تۇرىدۇ، دەپتۇ: 1ـ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنتتىن، 2 ـ پايدىلىق ئىلىمدىن، 3 ـ سەدىقە جارىيەدىن. بىراق بىزنىڭ ئاخۇنۇم ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارغا ھېچقانداق ساۋاب يېتىپ بارمايدۇ، دەيدۇ. مەن قايسىسىغا ئىشىنەي. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن جاۋاب بەرسىڭىز!
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر دۇئاسىنى زىكىر قىلىش ئارقىلىق بىزگە ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيدۇ.
«رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ»
«رەببىمىز! ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە مېنى، ئاتا- ئانامنى ۋە مۇئمىنلارنى ئەپۇ قىلغىن»– ئىبراھىم 14/41.
مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت مۇنداق:
«إِنَّا نَحْنُ نُحْيِ الْمَوْتَى وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآثَارَهُمْ وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُبِينٍ»
«شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى يازىمىز. بىز ھەر نەرسىنى روشەن دەپتەردە بىر-بىرلەپ خاتىرىلەپ قويغانمىز»- ياسىن 36/12.
«إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ. وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ. وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ. وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ. عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ»
«ئاسمان يېرىلغان چاغدا،يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا،دېڭىزلەر بىر – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،قەبىرلەرنىڭ ئىچى تېشىغا قىلىنغان چاغدا،ھەر ئادەم قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرىنى بىلىدۇ»- ئىنفىتار 82/1-5.
مانا بۇ ئايەتلەردىن بالا ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن قىلغان دۇئانىڭ، ئۆلۈپ كەتكۈچىلەر ئارقىسىدا قالدۇرغان پايدىلىق ئىلىم ۋە سەدىقە جارىيە (ئومۇمغا مەنپەئەتى توختىماي يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە) لەرنىڭ ساۋابىنىڭ ئۇلارنىڭ نامە ئەمال دەپتىرىگە ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقى چىقىدۇ. بۇنى مۇنۇ ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسچىت، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- (مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494).
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئاللاھ تەئالانىڭ ئايەتلىرى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىڭ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر