مۇسۇلمانلار
ئۆسۈمىنى قانداق قىلىمەن؟ 1

ئۆسۈمىنى قانداق قىلىمەن؟

سوئال:

ئاللاھ سىلەرگە كۆپ ئىنئام بەرگەي! مەن ھەر ئايلىق مائاشىمنڭ بىرقىسمىنى بانكىغا قويۇمەن. ئەلۋەتتە بۇ پۇللارغا ئاز بولسىمۇ ئۆسۈم چىقىدۇ. مەن بۇ پۇللارنىنڭ ئۆسۈمىنى سەدىقە سۈپىتىدە ئاجىزلارغا  ۋە تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئادەملەرگە بەرسەم دۇرۇس بولامدۇ؟ ئەگەر بولمىسا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!

جاۋاب:

مۆھتەرەم قېرىندىشىم! ئالدى بىلەن مەن سىزدىن سوراپ باقاي: مائاشىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى بانكىغا نېمىشقا قويۇسىز؟ سىز مۇسۇلمان تۇرسىڭىز، پۇلىڭىزنى قويىدىغانغا باشقا يەر تاپالمىدىڭىزمۇ؟ سىزگە چىققان ئاز ئۆسۈمنى «سەدىقە» قىلىۋېتىپ «قۇتۇلغىنىڭىز» بىلەن، بانكا سىزنىڭ پۇلىڭىزنى باشقىلارغا قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈمچۇ؟ بۇنىڭغا سىز ياردەملەشكەن بولمامسىز؟ ئەلۋەتتە بولىسىز. ئاللاھدىن قورقىشىڭىز كېرەك! قېرىندىشىم! بانكىنىڭ سىزگە بېرىدىغىنى، سىزنىڭ پۇلىڭىز ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئۆسۈمنىڭ ئازغىنا بىر قىسمى.

ئەگەر بىر كىشى مەجبۇر بۇلۇپ (بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش جەريانىدا پۇلنى يېنىدا ئېلىپ مىڭىشتىن قورقۇپ ياكى پۇلنى ئۆيدە قويسا، ئوغرىلىنىشتىن قورقۇپ) بانكىدا پۇل قويسا، بۇ چاغدا چىققان ئۆسۈمنى ئالماي تاشلىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئېلىپ ئۆزى ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. بۇ پۇلنى ئېلىپ ئاممىنىڭ مەنپەئەتى بولىدىغان بىر ئىشقا ئىشلىتىۋەتسە بولىدۇ. ئۆسۈم سەدىقە بولمايدۇ. چۈنكى سەدىقە قىلىنىغان مالنىڭ پاكىز (ھالالدىن كەلگەن) بولۇشى شەرت. ئۆسۈم قەتئىي ھارامدۇر.

ئېتىراز:

سەئۇدى ئەرەبىستاندا بانكا يوقما؟ ئسلام دۆلەتلىرىدىكى بانكىلارغا شۇ يەردىكىلەر پۇل قويمامدا؟ ئۇلار ئۆسۈمنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ بانكىغا پۇل قويسا مۇسۇلمان بولماي قالماس؟

ئېتىرازغا جاۋاب:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

قېرىندىشىم!سەئۇدىي ئەرەبىستاندا بانكا بولۇشى مۇمكىن، «ئىسلام دۆلەتلىرى» دىكى بانكىلارغا شۇ يەردىكىلەرنىڭ پۇل قويۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن سەئۇدىي ئەرەبىستاندا بانكا بولۇشى، «ئىسلام دۆلەتلىرى» دىكى بانكىلارغا شۇ يەردىكىلەرنىڭ پۇل قويۇشى، ئۆسۈمنىڭ ياكى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنىڭ توغرا بولۇشىغا دەلالەت قىلمايدۇ. دىنىمىز ئالەمشۇمۇل بولغاندەك دىنىمىز مەنئى قىلغان ئىشلارمۇ ئالەمشۇمۇل بولۇپ، ئۇ ئىشلارنى ھەممە كىشىنىڭ قىلىشى ۋە ھەممە يەردە قىلىنىشى ئوخشاشلا مەنئى قىلىنىدۇ.

بىز ئەرەبىستانغا ياكى «ئىسلام دۆلەتلىرى» گە ئىمان كەلتۈرمىگەن. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نېمىگە ئىمان كەلتۈرۈڭ دېگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن. شۇڭا بىز سورالغان سوئاللارغا، بىز ئىمان كەلتۈرگەن رەببىمىزنىڭ كىتابىغا ۋە رەببىمىز ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان، بىز ئىمان كەلتۈرگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە ئاساسەن جاۋاب بېرىۋاتىمىز. بىزدىن يەنى مۇسۇلمانلار تورىدىن بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمى سورالسا، بۇ ئىش ئەرەبىستاندا قانداقتۇ، پاكىستاندا قانداقتۇ…؟ دەپ ئولتۇرمايمىز. قولىمىزدا رەببىمىز ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئەلچىسىنىڭ سۈننىتى بار، بۇ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ.

سىزنىڭ سوئالىڭىز كەلگەندىمۇ ئاشۇ قۇرئان بىلەن ئاشۇ سۈننەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىگە قارىغان ئىدۇق. ئۇلاردىن سوئالىڭىزغا يۇقىرىدىكى جاۋاب چىقتى. بىز بۇنى ئۆز ئەينى سىزگە ئەۋەتىپ بەردۇق. ئۇنچىۋالا چىچاڭلاپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئاللاھقا ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغان بىر ئىشىڭىز بولمىسا، خالىغان پۇلىڭىزنى خالىغان بانكىڭىزدا قويۇپ، بەرگەن ئۆسۈمنى كۆڭۈل راھەتلىقى بىلەن يېسىڭىز بولىدۇ. قانداق ياشاش پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا. بىز پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزۈپ قويدۇق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر