مۇسۇلمانلار

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش توغرىمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل مەقسەتلەر ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتەك غەربلىكلەرگە قارشى ھەركىتىگە ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ ھەجابا بۇ خىل ئۆزىنى ھالاك قىلىش ھەركىتى ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش گۇناھىغا كىرەمدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئىسلام دىنى قانداق سەۋەب بىلەن بولسا بولسۇن ۋە قانداق شەكىلدە بولسا بولسۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن قەتئىي مەنئى قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ جازاسى، جەھەننەم ئوتىدا مەڭگۈ كۆيۈشتۇر، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە لەنىتىگە قېلىشتۇر، ئاللاھ تەييارلاپ قويغان چوڭ ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر»- (نىسا 4/93).
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر»- (نىسا 4/29).
ئاللاھ تەئالا يەنە ئىسرا سۈرىسىنىڭ 33- ئايىتىدە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن توسىدۇ.
بۇ ئايەت (ئىسرا 17/33- ئايىتى) بىلەن باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن، ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنى قىساس ئېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش ھەق ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك، ئادەم ئۆلتۈرمىگەن بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈش ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقارقى ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى، سەۋەب نېمە بولسا بولسۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭمۇ ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:
1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىم ئۆزىنى تاغدىن ئېتىپ ئۆلۈۋالسا، دوزاختا ئۆزىنى مەڭگۈ تاغدىن ئېتىپ تۇرىدۇ. كىم زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا، دوزاختا مەڭگۈ زەھەر ئىچىپ تۇرىدۇ. كىم ئۆزىگە بىرەر تۆمۈر پارچىسى تىقىپ ئۆلۈۋالسا، دوزاختا ئۇ تۆمۈرنى قارنىغا مەڭگۈ تىقىپ تۇرىدۇ»- (بۇخارى، تىب 56؛ مۇسلىم، ئىمان 175؛ تىرمىزى، تىب 7؛ نەسىئى، جەنائىز 68؛ ئەبۇ داۋۇد، تىب 11).
2- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە خەيبەر ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدۇق. ئارىمىزدىن بىر كىشى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ، ئەھلى دوزاختۇر» دېدى.
 ئۇرۇش باشلىغاندا ئۇ كىشى ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشتى ۋە يارىدار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى ساھابىلەر: يا رەسۇلەللاھ! بايا ئۆزلىرى: «ئەھلى دوزاختۇر» دېگەن كىشى دۈشمەن بىلەن ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشۇپ ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ئۇ، ئەھلى دوزاختۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇسۇلمانلار شۈبھلەنگىلى تاس قالدى. بۇ ئەسنادا بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇ، تېخى ئۆلمەپتۇ، لېكىن ئېغىر يارىدار بوپتۇ» دېدى. كېچىسى ئۇ كىشى يارىسىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىيالماي قىلىچى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
بۇ ئەھۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلىنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەللاھۇ ئەكبەر! گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇرمەن» دېدى ۋە بىلالنى مۇنداق ئېلان قىلىشقا بۇيرۇدى:
«جەننەتكە پەقەت مۇسۇلمانلارلا كىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇ دىننى فاجىر (يولدىن چىققۇچى) بىر كىشى بىلەنمۇ كۆچەيتىدۇ»- (بۇخارى، جىھاد 182، مەغازى 38، قەدەر 5؛ مۇسلىم، ئىمان 178).
3- جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بىر كىشىنىڭ خەۋىرى بېرىلگەن ئىدى، «مەن ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇمايمەن» دېدى- (ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 51).
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بىر مۇئمىننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى بىلەن باشقا بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر، ئوخشاشلا ھارامدۇر.
شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى: بىزنىڭ ساۋاب بولىدۇ دەپ قىلماقچى بولغان ھەر ئىشىمىز، شۇ ساۋابنى بېرىدىغان ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. بولمىسا، ئاللاھقا ئىبادەت قىلدۇق دەپ، شەيتاننى ياكى نەپسى خاھىشىمىزنى ۋە ياكى «بەزى شەيخلەر» نى ئاللاھقا شېرىك قىلغان بولىمىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر