مۇسۇلمانلار

ئىنشىقاق سۈرىسى

ئىنشىقاق سۈرىسى مەككىدە نازىل بولغان، 25 ئايەت.
ياخشىلىق چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1- ئاسمان يېرىلغان
2- ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى تېگىشلىك رەۋىشتە بەجا كەلتۈرگەن چاغدا،
3- زېمىن سوزۇلغان،
4- ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تېشىغا ئېتىپ قۇرۇقدانغان
5- ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى تېگىشلىك رەۋىشتە بەجا كەلتۈرگەن چاغدا[1].
6- ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن.
7- ئۇ چاغدا كىمنىڭ كىتابى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلسە،
8- ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ،
9- ئۇ، يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ.
10- كىمنىڭ كىتابى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە،
11- ئۇ، يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ
12- ۋە يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ.
13- چۈنكى ئۇ، بىر زامانلار يېقىن – يورۇقلىرى ئارىسىدا خۇشال ئىدى،
14- قايتا تىرىلىپ ھېساب بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى.
15- ئەلۋەتتە ھېساب بېرەتتى. چۈنكى رەببى ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
16- ئۇنداق ئەمەس[2]، شەپەق[3] بىلەن قەسەم قىلىمەن،
17- كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
18- تولۇن بولغان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن،
19- سىلەر ھالدىن ھالغا يۆتكىپ تۇرىسىلەر.
20- ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا نېمە بولدىكىن، ئىمان ئېيتمايدۇ؟
21- ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇلغاندا سەجدە قىلمايدۇ؟
22- بەلكى كاپىرلار راستنى يالغان دەۋاتىدۇ.
23- ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ساقلاۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
24- ئۇنداقتا ئۇلارغا ئېغىر ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
25- ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا. بۇلارغا پۈتمەس – تۈگىمەس مۇكاپات بار.


[1]– دەھشەتلىك ئىشلار بولىدۇ، ھەر ئىنسان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىپ ھېساب بېرىدۇ، شۇنداقلا قىلىمىشىنىڭ جازاسىنى ياكى مۇكاپاىتىنى ئالىدۇ.

[2]– ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس.

[3]– كۈن پاتقاندىن كېيىن كۈن پېتىش ئۇپۇقىدا كۆرۈنىدىغان قىزىللىق .

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر