مۇسۇلمانلار
ئىنسان قانداق مۇسۇلمان بولىدۇ؟ 1

ئىنسان قانداق مۇسۇلمان بولىدۇ؟

ئىنسان قانداق مۇسۇلمان بولىدۇ؟

ئىسلامدا ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەت، چېركاۋ، ئورگان ۋە دىنىي تەبىقىگە،   ئاللاھقا ۋەكالەتەن ئىنسانلارنى مۇسۇلمانلىققا قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بېرىلمىگەن. ئىسلامغا كىرىش، ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا ۋاسىتىسىز، ۋەكىلسىز ۋە بىۋاستە بولىدىغان بىر ئەھدىدۇر. ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئىختىيارى ھالدا ئاللاھقا تەسلىم بولۇش يولىنى تاللىشى يېتەرلىك بولىدۇ. بىر ئىنساننىڭ مۇسۇلمان بولۇش بولماسلىقى تامامەن شۇ كىشىنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلگەندۇر. شۇڭلاشقا نەبىيلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ۋەھىينى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش بولغان پەقەت. زورلاش، مەجبۇرلاش بولمىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ فَمَن يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَى لَا انفِصَامَ لَهَا وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ٢٥٦﴾

«دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرىلىق ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 256 – ئايەت).  

﴿فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ وَقُل لِّلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوا وَّإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ٢٠﴾

«…ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، توغرا يولغا كىرگەن  بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 20 – ئايەت).

ئىنسان، ئاۋۋال چىن قەلبىدىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىش ۋە كەلىمە شاھادەتنى تەلەپپۇز قىلىش ئارقىلىق ئىسلامغا كىرگەن بولىدۇ. بۇ ئىنسانغا بۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمان دېيىلىدۇ.

كەلىمە شاھادەت – ئەشھەدۇئەن لائىلەھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ (مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن) دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.

شاھىد – گۇۋاھچى، بىر ھادىسە ياكى نەرسىنى نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشى دېمەكتۇر. بىر ئىشقا شاھادەت (گۇۋاھلىق) بېرىش ئىسلام ئەڭ ئېتىبار بەرگەن ئىشلاردىن بىرىدۇر؛ مەسىلەن: ئىنسان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھوقۇق، مالىيە ھەتتا ئىمان مەسىلىسىدىمۇ ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقى مۇھىم ئورۇنغا قويىلىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن شاھادەت (گۇۋاھلىق بېرىش)نىڭ ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامنىڭ ئىنسانغا نەقەدەر قىممەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بولمىسا ئاللاھ تائالا بىرىنىڭ ئىلاھ دېيىشىگە ياكى بىرىنى گۇۋاھچى قىلمىسىمۇ بىۋاستە ھۆكۈم قىلىشقا قادىردۇر.

ئىنساننىڭ بۇ گۇۋاھلىقنى بېرىشى، مەن قۇلچىلىق قىلىشىمغا ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر شەيئىي ۋە شەخسنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قىيامەتكىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن ماڭا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىم ۋە ئۈلگە ئېلىشىم كېرەكلىكىنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلدىم، ئىشەندىم، دىلىم بىلەن تەستىقلىدىم دېگەنلىكى بولىدۇ.

بۇ گۇۋاھلىقنى بېرىش ئارقىلىق ئىسلام ئىشىكىدىن كىرگەن كىشىنىڭ مۇئمىنلەرگە خاس بىر ھاياتنى ياشايدىغانلىقىغا تۆۋەندىكى ئىككى ئامىل يول كۆرسىتىدۇ:

1 – قۇرئاننىڭ جانلىق يول كۆرسىتىشى

2 – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى تەتبىقلىغان ئەمەلىي  ھاياتى

بۇ ئىككى ئامىل ئەسلىدە بىر – بىرىگە پاراللىل مەنبە ئەمەس. چۈنكى كېيىنكى دەۋرلەردە «سۈننەت» دەپ ئاتالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جانلىق ئۈلگىلىك ھاياتى، ئۇنىڭ قۇرئاندىن ئۆگەنگەنلىرى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن «سۈننەت» قۇرئاننىڭ شىرىكى ئەمەس، قۇرئاننىڭ رېئال ھاياتقا تەدبىقلىنىشىدۇر. شۇڭا قۇرئان دىننىڭ شەرتسىز بىردىنبىر مەنبەسىدۇر.

شاھادەتنىڭ ئىسلام جامائىتى ئالدىدا ئېلان قىلىنىشى «ئىسلامغا كىرىش» مۇراسىمى بولماستىن، پەقەت يېڭى شاھادەت ئېيتقان كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىنسانلارغا ۋە باشقا مۇئمىنلارغا بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.             

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر