مۇسۇلمانلار
ئىلىم - پەن 1

ئىلىم – پەن

1§. «ئىلىم»نىڭ مەنىسى ۋە رولى

«ئىلىم»نىڭ لۇغەت مەنىسى شەيئىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەك دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھىي (ئاتالغۇ) مەنىسى بولسا ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىي تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بىرەر نەرسە ياكى بىرەر ساھە توغرىسىدا توپلانغان مەلۇمات دېگەن بولىدۇ[1]. بۇ ئۇيغۇرچىدا «ئىلىم – پەن» دەپ ئاتىلىدۇ[2].

قۇرئان كەرىمدە ئىلىمنىڭ، سىياسى ۋە ئەسكەرىي ئەمەل تۇتۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سالاھىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ[3]. ئايەتلەرنى توغرا چۈشىنىش، ئاللاھ تائالانى توغرا تونۇش، ئاخىرەت ھاياتىنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلىش، كائىناتتىكى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ماھىيىتىنى ۋە بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش قاتارلىقلارنىڭ قورالى ھېسابلىنىدۇ[4].     

2§. «ئىلىم»نىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسى

ئاللاھ تائالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱقۡرَأۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلَّذِي خَلَقَ  ١ خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِنۡ عَلَقٍ  ٢ ٱقۡرَأۡ وَرَبُّكَ ٱلۡأَكۡرَمُ  ٣ ٱلَّذِي عَلَّمَ بِٱلۡقَلَمِ  ٤ عَلَّمَ ٱلۡإِنسَٰنَ مَا لَمۡ يَعۡلَمۡ  ٥﴾

«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»[5].

ئايەتتىكى «ئوقۇغىن» ھازىر ساڭا نازىل قىلىنىشقا باشلىغان قۇرئاننىڭ لەۋزىنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلغىن ۋە مەنىلىرىنى زېھنىڭدا جەملىگىن دېگەن بولىدۇ. «رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن» دېمەك،  ئوقۇشنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن باشلىغىن، ھەر ئوقۇشىڭدا ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئۇنىڭغا تېۋىنغىن، ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىشتا پەقەت ئۇنىڭ رىزاسىنىلا كۆزلىگىن، شۇنداقلا سۆز – ھەرىكەتلىرىڭنى بۇنىڭغا قارىتا قىلغىن. شۇنىڭدەك، ھەر ئوقۇشۇڭدا ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتنى يوقتىن ياراتقان، ئۆزىنىڭ ھەر مەخلۇقىنى لازىملىق نەرسە بىلەن تەمىنلەۋاتقان، پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە بارلىق مەۋجۇداتنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان زات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىن دېگەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ بىرىنچى ئايەتتە ئوقۇشقا ئەمىر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىلىق سۈپىتىنى، ئىككىنچى ئايەتتە ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئاللاھ تائالانىڭ بىرى نازىل قىلغان كىتابى، يەنە بىرى ياراتقان كىتابى بولۇپ، ئىككى تۈرلۈك كىتابى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايىتىدە ئالدى بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاندىن ئۇنىڭ ھەر ئۇممىتىنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغان ۋە ياراتقان ئايەتلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:

«ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىن! مەن ھازىر نازىل قىلىشقا باشلىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇغىن، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگەنگىن! شۇنىڭدەك، مەن تەبىئەتتە ياراتقان ئايەتلەرنى ئوقۇغىن، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگەنگىن!».

ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلىشى، ھەر مۇسۇلماننى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى بىلىشكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا ئىلاھىيات ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بۈگۈنكى تەجۋىد، تەفسىر، ھەدىس، فىقىھ، ئەخلاق، ئاقائىد ۋە دىنلەر تارىخى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەر ئەسلىدە ئەنە شۇ ئىلاھىيات ئىلىملىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ ئىلىملەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە ئۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ۋاسىتە بولىدىغان مورفولوگىيە، سىنتاكسىس ۋە ئىسىتىلىستىكا قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇشقىمۇ ئەمىر قىلغان بولىدۇ.  

ئاللاھ تائالانىڭ تەبىئەت ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەمر قىلىشى، ھەر مۇسۇلماننى ئۆزىدىن باشلاپ ئەتراپىدىكى تەبىئەت (مەخلۇقات)نىڭ ماھىيەتلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشكە ئەمر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىلىمنى ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا تەبىئىي پەن ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاللاھ تائالا دەسلەپتە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە بىزنى فىزىكا، خىمىيە، مېدىتسىنا، بىناركارلىق، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق بىلىملەرنى ئوقۇشقا ئەمر قىلغان.

«ئوقۇغىن! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر» دېمەك، ئاللاھ تائالا تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان، سەن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇلاردىن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى ئۆگەنگىن دېگەن بولىدۇ. بۇ پۈتكۈل پەن – تېخنىكا ۋە ھۈنەر – سەنئەتنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

«ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»

ئاللاھ تائالانىڭ ئوقۇشقا ئىككى قېتىم ئەمر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قەلەم بىلەن ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتكەنلىكىنى زىكىر قىلىشى، ئىنساننى قەلەم بىلەن ئۆگىنىلىدىغان بارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئەمر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىلىمنى ئوقۇش كۈنىمىز تىلىدا ئىجتىمائىي پەن ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا بىزنى تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە سەنئەت، سىياسەت، ئىقتىساد، تارىخ، پىسخولوگىيە، تىل – ئەدەبىيات، ئەخلاق قاتارلىق ئىلىملەرنى ئوقۇشقىمۇ بۇيرۇغان.

ئەسكەرتىش:

ئايەتتىكى قەلەم كۈنىمىزدىكى خەت يېزىش ۋە شەكىل سىزىش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: قەلەم، ماشىنكا، كومپيۇتېر ۋەھاكازا قاتارلىق ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسى قەلەم ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان بىلىملەرنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن كىشى ئالىم، ئۇنداق قىلمىغان كىشى جاھىل ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىنسان بۇ دۇنياغا جاھىل كېلىدۇ. جاھىل ئۆزىنىڭ بۇ جاھىللىقى بىلەن قالغان كىشىدۇر، ئالىم ئاللاھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىدىكى جاھالەتنى يوقاتقان كىشىدۇر[6]. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنسان ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ[7].

3§. ئىلىمنىڭ ئەھمىيىتى

ئىنسان بۇ دۇنياغا بىكار يارىتىلمىغان[8]، ئەكسىچە ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان[9]. «ئىبادەت»نىڭ مەنىسى ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلماق دېگەن بولۇپ[10]، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش – ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىتائەت قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش ۋە نەسىھەتلىرىگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىش دېمەكتۇر. بۇلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇش ۋە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك سەۋىيەدە ئىلىم بولمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تۇنجى نازىل قىلغان ۋەھىيسىنى «ئوقۇغىن!» بىلەن باشلىغان، شۇنداقلا ئۇ ۋەھىيدە پۈتۈن ئىلىم – پەنلەرنى ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ۋە قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇغان.

4§. ئىلىمنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَمَّنۡ هُوَ قَٰنِتٌ ءَانَآءَ ٱلَّيۡلِ سَاجِدٗا وَقَآئِمٗا يَحۡذَرُ ٱلۡأٓخِرَةَ وَيَرۡجُواْ رَحۡمَةَ رَبِّهِۦۗ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُونَ وَٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ  ٩﴾

«ئەنە شۇ كافىر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئەندىشىسى ۋە رەببىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن كىشى ياخشىمۇ؟ ئېيتقىنكى: ‹بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟› بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ»[11].‏

﴿… يَرۡفَعِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ دَرَجَٰتٖۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ  ١١﴾

«… ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر‏»[12].‏

﴿… إِنَّمَا يَخۡشَى ٱللَّهَ مِنۡ عِبَادِهِ ٱلۡعُلَمَٰٓؤُاْۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ  ٢٨﴾

«… ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا ئەيمىنىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»[13].‏

5§. ئۆگىنىشنىڭ ھۆكمى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱقۡرَأۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلَّذِي خَلَقَ  ١ خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِنۡ عَلَقٍ  ٢ ٱقۡرَأۡ وَرَبُّكَ ٱلۡأَكۡرَمُ  ٣ ٱلَّذِي عَلَّمَ بِٱلۡقَلَمِ  ٤ عَلَّمَ ٱلۡإِنسَٰنَ مَا لَمۡ يَعۡلَمۡ  ٥﴾

«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»[14].

قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپتە نازىل بولغان بۇ ئايەتلىرى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ[15]. نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرى ئىلىمنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئالىملارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ[16]. شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال ھەر كىشىنىڭ ئوقۇغۇچى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلىقنىڭ ئالىملىق سەۋىيەسىگە يېتىشى ئۈچۈن بۇنى كىچىك ياشتىلا باشلاش كېرەك. ياخشى، لاياقەتلىك، پايدىلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى، ئاتا – ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلىشى، ئوقۇتۇشى ۋە يېتەكلىشىگە باغلىق. بۇ توغرىدا كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

جەمئىيەت ئەر – ئاياللاردىن تەركىب تاپقانلىقى ۋە بۇ جەمئىيەتكە ئاللاھنىڭ رەھمىتى يېغىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى جىنسنىڭ «ياخشى ئىش قىلغۇچى» بولۇشى كېرەك[17]. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم شەرت، چۈنكى ياخشى – ياماننى بىلمىگەنلەرنىڭ ياخشى ئىشنى تەلەپكە لايىق قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا ھەر ئىككى جىنسنىڭ يەنى ئوغۇللارنىڭ ۋە قىزلارنىڭ ئوخشاشلا ئوقۇشى، ئىلىملىك بولۇپ يېتىلىشى كېرەك. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر ئوغۇل بالىنى ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندەك قىز بالىلارنى ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى،  ئاللاھ تائالا بىزنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتقان[18]، بىزگە قىز – ئوغۇل پەرزەنتلەر بەخش ئېتىپ[19]، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىمىزنى زىننەتلىگەن[20]. نەتىجىدە ئىنسانلار ئەر ۋە ئايال دەپ ئىككى جىنسقا ئايرىلغان[21]. ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادا ئاللاھقا بەندە، رەسۇلۇللاھقا ئۇممەت بولۇپ ياشاش تەكلىپى ھەر ئىككى جىنسقا قارىتىلغان[22].

شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەرلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغاندەك ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر. ئەرلەرنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان نازۇنېمەتلەردىن قانچىلىك بەھرىمەن بولۇش ھەققى بولسا ئاياللارنىڭمۇ شۇنچىلىك ھەققى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئاللاھقا قانداق شۈكۈر قىلىش مەجبۇرىيىتى بولسا ئاياللارنىڭمۇ شۇنداق مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلغان. جۈملىدىن ھەر ئىككى جىنسقا روھ، ئەقىل، دىل ۋە بەش سەزگۈ ئەزا قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى بەرگەن. ئالاھىدىلىكلەر ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن  ۋەزىپىلەر ئوخشاش يۈكلەنگەن. رۇخسەتلەر ئوخشاش بېرىلگەن، ئىمكانلار ئوخشاش سۇنۇلغان. مەسىلەن:

ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام ئەركانلىرى ھەر ئىككى  تەرەپكە ئوخشاش يۈكلەنگەن. سەپەر ئۈستىدە، كېسەللىك ھالەتتە روزىنى كېيىن تۇتۇش رۇخسىتى، نامازنى ئادا قىلىشتا بەزى شارائىتقا قاراپ تۇغدۇرۇلغان (قادىر بولالمىغانلارنىڭ تەيەممۇم قىلىپ، ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ ناماز ئوقۇشى… قاتارلىق رۇخسەتلەرگە ئوخشاش) ئاسانچىلىقلار بېرىلگەن. ھەر ئىككى جىنس ئوخشاش ئىنسانىي ئالاھىدىلىك بىلەن يارىتىلىپ، كائىناتتىكى نازۇنېمەتلەر ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئوخشاش مۇساپىدە قويۇلغان.

ئىككى جىنسنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىگە قاراپ ئۇلارغا يۈكلەنگەن بەزى ۋەزىپىلەرنىڭ شەكلى پەرقلىق بولغان. جۈملىدىن: ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا ھەر جىنسنىڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرى دىققەتكە ئېلىنىپ ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان. مەسىلەن: ئانىلارغا بالىلارنى ئېمىتىش ۋەزىپىسى، ئاتىلارغا ئانىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. ئائىلىنى بېقىش ۋەزىپىسى ئەرلەرگە، ئائىلىنىڭ ئامانەتدارلىق ۋەزىپىسى ئاياللارغا يۈكلەنگەن.

پۈتۈن بۇ ۋەزىپىلەرنى تونۇپ لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىلىم بولمىسا بولمايدۇ. ئاللاھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرنى توغرا ئىشلىتىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەۋىيە بولمىسا بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن دىنىمىز ھەر ئىككى جىنسقا ئىلىم تەلەپ قىلىشنى پەرز، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى زۆرۈر قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئايەت – ھەدىسلەردە بولمىسۇن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت – ھەدىسلەردە بولمىسۇن ئىلىم ئوقۇشقا تەشۋىق قىلىدىغان، ئىلىم ئوقۇشقا ئەمر قىلىدىغان، ئىلىم ئوقۇشنى پەرز قىلىدىغان ھېچبىر ئايەتتە ياكى ھېچبىر ھەدىستە قىز – ئوغۇل پەرقى يوقتۇر. چۈنكى يۇقىرىدىكى ۋەزىپىلەرنى تونۇش ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئەر – ئايال ئايرىماستىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەرزدۇر.

مانا بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئوغۇل بالىلارنى ئوقۇتۇش قانچىلىك مۇھىم بولسا قىز بالىلارنى ئوقۇتۇشمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر، ھەتتا تېخىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى قىزلار ئانا نامزاتىدۇر، ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، دەسلەپكى تەربىيەچىسى ۋە ئاۋۋالقى يېتەكچىسىدۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 215 – 222.

[1] قاراڭ: ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، «علم»، مۇئجەمۇل لۇغەتىل ئەرەبىييەتىل مۇئاسىرە (سەئۇدى ئەرەبىستان: ئالەمۇل كۇتۇب، ھ 1429 / م 2008)، 2: 1541؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «علم»، 2: 624؛  ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «ئىلىم»،  ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (قىسقارتىلمىسى)، (ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999)، 1352.

[2] قاراڭ: ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «ئىلىم – پەن»،  1352.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 247 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 7 – ۋە 18 – ئايەتلەر: 28 – سۈرە قەسەس، 80 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 28 – ئايەت.

[5] 96 – سۈرە ئەلەق، 1 ~ 5 – ئايەتلەر.

[6] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 78 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 115 – ئايەت؛ 75 – سۈرە قىيامەت، 36 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 51 – سۈرە زارىيات، 56 – ئايەت.

[10] راغىب ئىسفەھانى، «عبد»، 542؛ ئىبنى مەنزۇر، «عبد»، 3: 273؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «عبد»، 2: 579.

[11] 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت.

[12] 58 – سۈرە مۇجادەلە، 11 – ئايەت.

[13] 35 – سۈرە فاتىر، 28 – ئايەت.

[14] 96 – سۈرە ئەلەق، 1 ~ 5 – ئايەتلەر.

[15] قاراڭ: 96 – سۈرە ئەلەق، 1 – ئايەت.

[16] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 247 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 7 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 162 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 49 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 6 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 28 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت؛  58 – سۈرە مۇجادەلە، 11 – ئايەت.

[17] «چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر» (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ئايەت).

[18]  قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 40 – ئايەت.

[20]  قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 46 – ئايەت.

[21] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت.

[22] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 35 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر