مۇسۇلمانلار
ئىلىم - پەن ئۆگىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئىلىم يۇرتلىرى 1

ئىلىم – پەن \ ئۆگىنىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئىلىم يۇرتلىرى

6§. ئۆگىنىشنىڭ سەۋەبلىرى

1.      ھۆرمەتنى ساقلاش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ كَرَّمۡنَا بَنِيٓ ءَادَمَ وَحَمَلۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّمَّنۡ خَلَقۡنَا تَفۡضِيلٗا  ٧٠﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا توشۇدۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى بەردۇق. ئۇلارنى نۇرغۇن مەخلۇقاتىمىزدىن ئۈستۈن قىلدۇق»[1].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەر – ئايال دەپ ئايرىماستىن ئادەم ئەۋلادى بولغان ئىنسانلارنى ھۆرمەتلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ھۆرمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر مۇنداق:

﴿هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ  ٢٩﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسمانلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى يەتتە ئاسمان قىلىپ تەكشىلىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[2].

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡبَحۡرَ لِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ فِيهِ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٢ وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مِّنۡهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ١٣﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۆزى بېكىتىپ قويغان قانۇنيەت بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»[3].

﴿وَمَا خَلَقۡتُ ٱلۡجِنَّ وَٱلۡإِنسَ إِلَّا لِيَعۡبُدُونِ  ٥٦﴾

«مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم»[4].

بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىنساننى پەقەتلا ئۆزىگە (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا قىلغان ھۆرمىتىدۇر. بۇ ھۆرمەتنى ساقلاشنى بىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىش لازىم.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا ئالدى بىلەن كائىناتتىن ئىبارەت بۇ مېھمانخانىنى يارىتىپ، ئۇنى بارلىق نازۇنېمەتلەر بىلەن بېزىگەندىن كېيىن ئىنساندىن ئىبارەت مېھماننى ئۇ نازۇنېمەتلەردىن پايدىلىنالايدىغان قابىلىيەتتە يارىتىپ، ئۇنى بۇ مېھمانخانىغا باشلاپ، ئۇ نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن «قېنى مەرھەمەت!» دېگەن.

شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنساننى ئاللاھتىن غەيرىيگە قۇللۇق قىلىپ «ھۆرمەت»ىنى ئاياغ ئاستى قىلماسلىققا، قۇللۇقنى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى، پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان ئاللاھقىلا قىلىپ، ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە چىقىشقا بۇيرۇغان[5].

ئىنسان ئەنە شۇ ئىلاھى ئەمر – پەرمانلارغا بويسۇنغاندىلا ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاپ ياشىيالايدۇ، شۇنداقلا ئىلاھىي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۇ دۇنيادىكى ئەبەدىي ھاياتىنىڭ جەننەتتە باشلىنىپ، جەننەتتە داۋاملىشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغان بولىدۇ. مەزكۇر ئەمر – پەرمانلارنى تونۇش، ئادا قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىش كېرەك.

2.      شۈكۈر قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذۡ تَأَذَّنَ رَبُّكُمۡ لَئِن شَكَرۡتُمۡ لَأَزِيدَنَّكُمۡۖ وَلَئِن كَفَرۡتُمۡ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٞ  ٧﴾

«ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: ‹ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى ئازابىم بەك قاتتىقتۇر!› دەپ جاكارلىغان ئىدى»[6].

بۇ ئايەت يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان «ھۆرمەت»نى ساقلاش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەت كۆرۈشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يول مەزكۇر نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. «شۈكۈر»نىڭ مەنىسى شۈكۈر سۆزىنى تەلەپپۇز قىلىش ئەمەس، بەلكىدە نېمەت بەرگۈچىنى تونۇش، سۆز ۋە ھەرىكىتى بىلەن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش، نېمەتتىن نېمەت بەرگۈچى رازى بولىدىغان شەكىلدە بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلارنى لايىق رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلىم كېرەك.

3.      ۋەزىپىنى تونۇش 

«ئىنسان» تېمىسىدا زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردىن ئېنىق بىلىنىدۇكى، ئىنساننىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن ئۈچ، ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئۈچ بولۇپ جەمئىي ئالتە ۋەزىپىسى بار:

نەزەرىيە جەھەتتىكى ئۈچ ۋەزىپىسى:

  • كائىناتنى تونۇش،
  • ئۆزىنى تونۇش،
  • ئاللاھنى تونۇش.

ئەمەلىيەت جەھەتتىكى ئۈچ ۋەزىپىسى:

  • توغرا يولدا مېڭىش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ھەسسە قوشۇش،
  • كائىناتتىكى نازۇنېمەتلەردىن توغرا شەكىلدە پايدىلىنىش، ئۆزىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتتىكى نەرسىلەرگە زىيان يەتكۈزمەستىن ئۇلاردىن رۇخسەت قىلىنغان دائىرە ئىچىدە پايدىلىنىشىغا يول ئېچىش خىزمىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش،
  • ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە قۇللۇق قىلىش، ئۆزىنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاللاھقىلا قۇللۇق قىلىش شارائىتىنى يارىتىشقا تىرىشىش.

ئەنە شۇ ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىق يۇقىرىدىكى نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ.

7§. ئىلىم يۇرتلىرى

1.      مەكتەپ

دىنىمىز ئۆگىنىشكە ئەمر قىلغان ئىلىم، يۇقىرىدا (ئىلىم تېمىسىدا) ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، پۈتكۈل ھۈنەر – سەنئەت، بارلىق پەن – تېخنىكا ۋە جىمى ئىلىم – بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ دىنى ئىلىم، پەننى ئىلىم دەپ ئايرىلمايدۇ.  ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىلىملەرنى ئوقۇشقا ئەمر قىلىشى، ئۇ ئىلىملەر ئوقۇتۇلىدىغان جايلارنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا مۇۋاپىق ھالدا تەييارلىنىشىغىمۇ ئەمر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مەزكۇر ئىلىملەرنى مۇۋاپىق شارائىت بولمىسا تەھسىل قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر رايونغا ئېھتىياجنى قامدىغۇدەك مىقداردا، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ھەر تۈرلۈك مەكتەپ، مەدرىسە، ئىنستىتۇت، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەجرىبىخانا قاتارلىقلارنى سېلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە تاماقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسى بويىچە مۇتەخەسسىس بولۇپ يېتىشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش شۇ رايون خەلقىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

2.      مەسچىت       

مەسچىت – جامەلەر ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىنىشىغا ۋە ئىچىدە ئۆز ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا ئىجازەت بەرگەن ئۆيلەردۇر[7]. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىت – جامەلەر يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ جايلىرىدۇر. ئۇ جايلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى يېغىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەڭ، ئۇ جايلاردا ھەر كۈنى بەش قېتىم كېلىپ شاھ، گاداي، خوجايىن، خىزمەتچى، باي، پېقىر، ئالىم، جاھىل مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىر سەپتە تۇرۇپ ناماز ئۆتەيدۇ. بۇ ئارقىلىق تەقۋالىق تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ، قېرىنداشلىق ئېڭى ئۆسىدۇ ۋە ئىتتىپاقلىق روھى جانلىنىدۇ. پۈتۈن بۇلارنىڭ يېنىدا ھەر مۇسۇلمان ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلاردىن ۋاقىپلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشكە ۋە ھەل قىلىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدۇ.

دېمەككى، مەسچىت – جامەلەر جامائەتنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇئەسسەلەردۇر، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدۇر ۋە ھەر ياشتىكى مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇۋاپىق مەكتەپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ مۇئەللىمى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەسرىب دېگەن شەھەرگە ھىجرەت قىلىپ كېلىپ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن تەركىب تاپقان ساھابىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۇنجى قىلغان ئىجتىمائىي پائالىيىتى مەسچىت سېلىش بولغان[8]. بۇ بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش، ئۇلارنىڭ بەش ۋاخ نامازنى بىر جايدا جامائەت بولۇپ ئۆتەش، ئۇلارنىڭ دىنى، ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىلمىي ئىشلىرىنى ئۆگىتىش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ شەھەرنىڭ ئىسلام دىيارىغا ئايلانغانلىقىنى ۋە يېڭى تۇغۇلغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ مەسچىت پۈتۈن دۇنياغا مەنىۋى نۇر چاچقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مەسچىت سېلىنغان شەھەرنىڭ كونا ئىسمى بولغان «يەسرىب» كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ھالدا دېيىشى بىلەن «نۇرلاندۇرۇلغان شەھەر» دېگەن مەنىدە «مەدىنە مۇنەۋۋەرە» دەپ ئاتالغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىت – جامە، ھەر ياشتىكى ۋە ھەر سەۋىيەدىكى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. مەسچىت سېلىش، مەسچىت سېلىشقا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىش، بىر جايدا مەسچىتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولۇش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا يَعۡمُرُ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَلَمۡ يَخۡشَ إِلَّا ٱللَّهَۖ فَعَسَىٰٓ أُوْلَٰٓئِكَ أَن يَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُهۡتَدِينَ  ١٨﴾

«ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن»[9].

بۇ ئايەتتىكى «مەسچىتنى ئاۋات قىلىش» ئومۇمىي بىر ئىپادە بولۇپ، مەنىسى مەسچىتنى ماددىي جەھەتتىن سېلىش، رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش ۋە بۇلارغا ياردەملىشىش، مەنىۋى جەھەتتىن مەسچىتتە ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، زىكىر – تەسبىھ، دۇئا – تىلەكتە بولۇش ۋە ئىلىم ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش دېگەن بولىدۇ. يەنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنى قىلغانلىق «مەسچىتنى ئاۋات قىلغانلىق» بولىدۇ.

3.      ۋەخپە

1)     مەنىسى

ۋەخپە دېگەن سۆز ئەسلى ئەرەبچە «وقف» بولۇپ، لۇغەت مەنىسى تۇرغۇزماق، توختاتماق دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ شەرئىي مەنىسى بولسا، بىرەر مۈلۈكنى (يەر، سۇ، ئۆي – ئىمارەت، كىتاب، مال – چارۋا قاتارلىقلارنى) ئاللاھ يولىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇ مۈلۈكنىڭ پايدىلىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش دېگەن بولىدۇ. ۋەخپە قىلىنغان نەرسىمۇ ۋەخپە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: مەسچىت – جامە، مەكتەپ – مەدرىسە، دارىلئېتام ۋە دارىلئاجىزىن… قاتارلىق خەيرىيەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە تەسەررۇپىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مۈلۈكلەر ۋەخپە دەپ ئاتىلىدۇ. دىنىمىز بۇ ئىشقا تەشۋىق قىلىدۇ.

2)     دەلىلى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّا نَحۡنُ نُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَنَكۡتُبُ مَا قَدَّمُواْ وَءَاثَٰرَهُمۡۚ وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ فِيٓ إِمَامٖ مُّبِينٖ  ١٢﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى يازىمىز. بىز ھەر نەرسىنى روشەن دەپتەردە بىر – بىرلەپ خاتىرىلىدۇق»[10].

﴿إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتۡ ١ وَإِذَا ٱلۡكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتۡ ٢ وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ فُجِّرَتۡ ٣ وَإِذَا ٱلۡقُبُورُ بُعۡثِرَتۡ  ٤ عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ وَأَخَّرَتۡ  ٥﴾

«ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا، دېڭىزلەر بىر – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، قەبىرلەرنىڭ ئىچى تېشىغا قىلىنغان چاغدا، ھەر ئادەم قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرىنى بىلىدۇ»[11].

مانا بۇ ئايەتلەردىكى «قالدۇرغان ئەسەر ۋە نەرسىلەر» بىرەر مۈلكىنى ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلغان كىشى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇ ۋەخپىنىڭ ساۋابى ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشقا تەشۋىق قىلىدۇ.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىكى «سەدىقە جارىيە» ۋە «پايدىلىق ئىلىم» مۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:   

«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمىلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمىلنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، سەدىقە جارىيە (ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە). ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»[12].

3)     شەكلى

ۋەخپە قىلىش ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ بىرى پېئىل يەنە بىرى سۆز. مەسىلەن:

بىر كىشى بىرەر مەسچىت ياكى بىرەر مەكتەپ سالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ مەسچىتنى ياكى مەكتەپنى سالغانلىقى (پېئىلى) ئۇلارنى ۋەخپە قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ مەن بۇ مەسچىتنى ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلدىم دېيىشىگە ھاجەت يوق. چۈنكى ئۇ ئىمارەتلەرنى سېلىش پائالىيىتى ئۇلارنىڭ ۋەخپە قىلىنىدىغانلىقىغا ئوچۇق – ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ.

مەسچىت – جامە ياكى مەكتەپ – مەدرىسەدىن باشقا بىرەر نەرسىسىنى ۋەخپە قىلماقچى بولغان كىشى ئۇ نەرسىسىنى ۋەخپە قىلغانلىقىنى يېزىپ مۆھۈرلىشى ياكى جامائەتنىڭ ھۇزۇرىدا سۆزلەپ ئېلان قىلىشى كېرەك.

ۋەخپىنى سېتىشقا ياكى ھەدىيە قىلىشقا ۋە ياكى مىراس قىلىپ بۆلۈشۈشكە بولمايدۇ. ئۇ قايسى ياخشى يولغا ۋەخپە قىلىنغان بولسا شۇ يولغا تەسەررۇپ قىلىنىشى كېرەك.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 222 – 231.

[1] 17 – سۈرە ئىسرا 70 – ئايەت.

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت.

[3] 45 – سۈرە جاسىيە، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر.

[4] 51 – سۈرە زارىيات، 56 – ئايەت.

[5] بۇ ھەقتە كىتابنىڭ «قۇرئاندا ئىنسان» بۆلۈمىنىڭ «ئىنساننىڭ ھۆرمىتى» قىسمىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

[6] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 7 – ئايەت.

[7] 24 – سۈرە نۇر، 36 – ئايەت.

[8] 9 – سۈرە تەۋبىنىڭ 108 – ئايىتىدە بۇ مەسچىت زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ماختىلىدۇ.

[9] 9 – سۈرە تەۋبە، 18 – ئايەت.

[10] 36 – سۈرە ياسىن، 12 – ئايەت.

[11] 82 – سۈرە ئىنفىتار،1 ~ 5 – ئايەتلەر.

[12] مۇسلىم، «ۋەسىيەت»، 14؛ ئەبۇ داۋۇد، «ۋەسايا»، 14؛ تىرمىزى، «ئەھكام»، 36؛ نەسەئى، «ۋەسايا»، 8؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 14: 438؛ دارىمىي، «مۇقەددىمە»، 46.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر