مۇسۇلمانلار

ئىلىم بىلەن جىھاد

3- دۈشمەن: ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشىلىق قىلىدىغان ئىنسانلار ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد
ھەر كىشىگە مەلۇمكى، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشىلىق قىلىدىغانلار كاپىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىكلار بولۇپ، ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىش پەرزدۇر. بۇ جىھاد ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1- ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
 ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى قىلىنىدىغان جىھادنىڭ بىر تۈرى ئىلىم بىلەن قىلىنىدىغان جىھاددۇر. چۈنكى پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى جاھالەتتۇر. ھەقكە يەتمەكچى بولغان كىشىنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇشى لازىم، ھەقنى يەتكۈزمەكچى بولغان كىشىنىڭمۇ كېرەكلىك ئىلىم بىلەن پۇختا قوراللىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ادْعُ إِلِى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
«سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»- نەھل 16/125.
ئىلمىي تەبلىغ ۋە ھېكمەتلىك دەۋەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلامىيەتتە تەبلىغ ۋە دەۋەت پائالىيىتىنىڭ ئىسمى «ئىلىم بىلەن جىھاد»دۇر. بۇ قۇرئان كەرىمدە «قۇرئان بىلەن جىھاد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُمْ بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا﴾
«كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ۋە ئۇلارغا قارشى قۇرئان بىلەن بۈيۈك جىھاد قىلغىن»- فۇرقان 25/52.
بۇ ئايەتتە قۇرئان بىلەن قىلىنغان جىھادنىڭ «چوڭ جىھاد» دېيىلىشى قۇرئاننىڭ ئىلىم بىلەن جىھاد قىلىشقا نەقەدەر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى قۇرئان بىلەن جىھاد قىلىش ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، ئۇنىڭدىكى ھەق ۋە ھەقىقەتنى ھېچ نەرسىدىن قورقماستىن ۋە ھېچكىمدىن تارتىنماستىن ئۆز پېتى سۆزلەش بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ بىر تۈرلۈك جىھاددۇر، ھەتتا «چوڭ جىھاد»دۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەش چوڭ جىھاددۇر»[1].
تەبلىغ ۋە دەۋەت قىلىش ئەسناسىدا «ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت»نىڭ پايدىسى بولماي، قارشى تەرەپ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە توغرا كېلىپ قالغان تەقدىردە يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە «ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە» مۇنازىرىلىشىش كېرەك. يەنى كاپىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىكلارغا ھەقنى ئۇيغۇن زاماندا، ئىلمىي يوسۇندا، چىرايلىق رەۋىشتە، تاتلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرۈش، زېرىكمەي-تېرىكمەي يەتكۈزۈش كېرەك. خۇددى بىر كېسەل ئادەمنى داۋالىماقچى بولغان دوختۇردەك سوغۇققانلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. مانا بۇ ئۇلارغا قارشى قىلىنغان جىھادنىڭ بىر تۈرىدۇر.

[1]ئىبنى ماجە، فىتەن 4011.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر