مۇسۇلمانلار

نامەھرەم بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئىككى نامەھرەم ياش بىر يەردە ئولتۇرۇپ سودا قىلسا ياكى سودا توغرۇلۇق پاراڭلاشسا بۇلامدۇ؟
                                                                                                             ـــ­ مۇخلىسە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
 ئىككىسىدىن باشقا ھېچكىم يوق يەردە بولسا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى،  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ»– (بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى قاتارلىق ھەدىس كىتاپلىرىدا زىكرى قىلىنىدۇ).
 ئاللاھ تەئالا بىر – بىرىگە نامەھرەم بولىدىغان ئەر – ئاياللارنى بىر- بىرىگە تىكىلپ قاراشتىنمۇ قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى).
 شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر»- (بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر