مۇسۇلمانلار

ئىفتىدا

ئىفتىدا (ئايالنىڭ نىكاھ توختامىنى بۇزۇش ھەققى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَأْخُذُوا مِمَّا آَتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَنْ يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ.

«يېنىۋالغىلى بولىدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەر ئايالىنى يا ياخشىلىق بىلەن نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى چىرايلىقچە قويۇۋېتىشى لازىم. ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال-مۈلكۈڭلاردىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىر نەرسە قايتۇرۇېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزىشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. ئۇلاردىن ئۆتمەڭلار. ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتكەنلەر چوقۇم  زالىملاردۇر»-بەقەرە،2/229.

نىكاھىنىڭ  يەنى ئەر-خوتۇنلۇق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىدىن قورققان بىر ئايال، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ياكى يۇرت چوڭلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇلارمۇ، ئۇ ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا، ئايالغا ئىفتىدا (يەنى ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىرقىسمىنى، ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش) ھوقۇقى بېرىدۇ.

ئايال ئاۋۋال نىكاھ توختامىنى بۇزۇشنى قارار قىلسا، ئېرى تەرەپكە ئېرىدىن  ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەردىن ھەممىسىنى ياكى مەلۇم بىرمىقدارىنى بېرىدۇ. ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ بەرگىنىدىن ئارتۇقىنى تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ.

ئايالنىڭ قانچىلىك بېرىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن (مەسىلەن: مەھكىمە)، ياكى يۇرت چوڭلىرى ۋە ياكى ئىككى تەرەپتىن كەلگەن ئىككى ھەققانىي كىشى بەلگىلەيدۇ.

 ئەگەر بۇ ئىشتا ئەرنىڭ ھېچقانداق سەۋەنلىكى بولمىسا، ئەردىن ئالغاننىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

ئايال بەلگىلەنگەن مىقداردىكى نەرسىنى ئېرى تەرەپكە تۆلىگەندىن ئېتىبارەن ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن بولغان  نىكاھى بىكار قىلىنغان بولىدۇ ۋە ئىددەت باشلىنىدۇ. ئېرىنىڭ تالاق قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ. ئارقىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئىدارىغا ئىلتىماس قىلىپ نىكاھنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈشى يەنى ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئېرىدىن ئاجراشقانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرگە ۋە يۇرت-جامائەتكە ئېلان قىلىش لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك زامانىدا بۇ ئىشقا مىسال بولىدىغان مۇنداق ئىككى ھادىسە بولغان:

1- سەھلىل ئەنسارىينىڭ قىزى ھەبىبە، سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ نىكاھىدا ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا چىقىۋېتىپ ھەبىبىنى ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتى ۋە ئۇنىڭدىن: «كىم بۇ؟» دەپ سورىدى، ئايال: «مەن سەھلنىڭ قىزى ھەبىبە، يا رەسۇلەللاھ!» دەپ جاۋاب بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالغا: «نېمە بولدى؟» دېدى. ئايال: «بىز بولالمىدۇق!» دېدى. ئايالنىڭ ئېرى سابىت كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ ھەبىبە! ئاللاھ خالىغاننى سۆزلىدى» دېدى. ئارقىسىدىن ھەبىبە: «يا رەسۇلەللاھ! بۇنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى بار» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىتقا: «ئۇنىڭدىن ئۇ نەرسىلەرنى ئال» دېدى. شۇنىڭ بىلەن سابىت ئايالى ھەبىبىدىن بەرگەن نەرسىلىرىنى ئالدى ۋە ھەبىبە ئائىلىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى[1].

ھەبىبىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئېرىم سابىتقا ئۆچ بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ياشاشقا تاقەت قىلالمايۋاتىمەن» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ[2].

باشقا بىر رىۋايەتتە بۇ ھادىسە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: سەھلنىڭ قىزى ھەبىبە، سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماسنىڭ نىكاھىدا ئىدى. سابىت سەتراق ئادەم ئىدى. ھەبىبە رەسۇلۇللاھقا: «يارەسۇلەللاھ! ئەگەرئاللاھدىن قورقمىسام، يېنىمغا كىرگەندە يۈزىگە تۈكۈرەتتىم» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا ساڭا بەرگەن باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسەن؟» دېدى. ئۇ: «قايتۇرۇپ بېرەي» دېدى ۋە قايتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئايرىۋەتتى.- (ئىبنى ماجە، تالاق 22).

يەنە بىر رىۋايەتتە ھەبىبىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قوشنا ئىكەنلىكى، سابىتنىڭ ھەبىبىنى ئۇرىدىغانلىقى، سابىتنىڭ قوپال بىر ئادەم ئىكەنلىكى، ھەبىبىنىڭ سابىتنى يامان كۆرىدىغانلىقى، سابىتنىڭ ھەبىبىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ[3].

 بۇ ھادىسە يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق زىكىر قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبىبىگە: «ئۇنىڭغا، ساڭا بەرگەن باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسەن؟» دېگەن ئىدى، ئۇ: «قايتۇرۇپ بېرەي، ھەتتا ئۈستەكمۇ بېرەي» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈستەك بېرىشكە بولمايدۇ، باغچىسىنىلا بەرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەبىبە ئېرى (تويلۇق قىلىپ) بەرگەن باغچىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قايتۇرۇپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سابىت ئۈچۈن باغچىنى ئالدى ۋە ئايالنى يولغا سېلىپ قويدى. كېيىن بۇ خەۋەر سابىتقا يەتكەن ئىدى، ئۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلدىم» دېدى[4].

2- بىر ئايال ئۆمەر )رز)نىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. ھەزرىتى  ئۆمەر بۇ ئايالنى ئەخلەت-چاۋار بار بىر ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئايال ئۇ ئۆيدە بىر كېچە قالدى. ئەتىسى ئەتىگەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئادەم ئەۋەتىپ ئايالنى چاقىرىتىپ كەلدى ۋە: «بۇ كېچىنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟» دەپ سورىدى. ئايال: «بۇنداق خۇشال بىر كېچە ئۆتكۈزمىگەن ئىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.

شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر (رز) ئايالدىن ئېرى توغرۇلۇق سورىدى. ئايال ئاۋۋال ئېرىنى ماختىدى، ئارقىسىدىن: «ئۇ بارغۇ، ئۇ! لېكىن قولۇمدىن باشقا بىر ئىش كەلمەيۋاتىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر(رز)  ئۇ ئايالغا ئېرىگە پىدىيە بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا رۇخسەت بەردى[5].

بۇ ئىككى ھادىسىگە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسۇن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئۆچ بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىمىغانلىقىنى كۆرىمىز.

تۆۋندىكى ئايەت ئىفتىدا مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ:

أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا جَاءَكُمُ الْمُؤْمِنَاتُ مُهَاجِرَاتٍ فَامْتَحِنُوهُنَّ اللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِهِنَّ فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِ لَا هُنَّ حِلٌّ لَهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ وَآَتُوهُمْ مَا أَنْفَقُوا وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ أَنْ تَنْكِحُوهُنَّ إِذَا آَتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ وَلَا تُمْسِكُوا بِعِصَمِ الْكَوَافِرِ وَاسْأَلُوا مَا أَنْفَقْتُمْ وَلْيَسْأَلُوا مَا أَنْفَقُوا ذَلِكُمْ حُكْمُ اللَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ.

«ئى مۇئمىنلار! مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ يېنىڭلارغا كەلسە ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، ئۇلارنى كافىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، بۇلار ئۇ كافىرلارغا ھالال ئەمەستۇر، ئۇ كافىرلارمۇ بۇلارغا ھالال بولمايدۇ. ئۇ كافىرلارغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنى بېرىڭلار. ئۇ ئاياللارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كافىر ئاياللارنى نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. چىقىم قىلغان نەرسىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كافىر ئەرلەرمۇ چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- مۇمتەھىنە،60/10.

نەبىمىزنىڭ مەككىلىك مۇشرىكلار بىلەن تۈزگەن ھۈدەيبىيە سۈلھىسىدە مۇنداق بىر ماددە بار ئىدى:

«بىز تەرەپتىن ھەر قانداق ئادەم سېنىڭ يىنىڭغا كەلسە، ئۇ سېنىڭ دىنىڭدا بولغان تەقدىردىمۇ بىزگە قايتۇرۇپ بېرىسەن». بۇ سۈلھىدىن كېيىن ھۈدەيبىيەدە بىر تۈركۈم مەككىلىك مۇسۇلمان ئاياللار چىقىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە يۇقىرىدىكى ئايەت نازىل بولدى[6].

 بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئاياللار نىكاھلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئىمانلىرى سەۋەبىدىن قىچىپ كەلگەن مۇسۇلمان ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ئەرلىرىدىن ئاجرىشىپ كېتىشنى قارار بەرگەنلىكىنى كۆرسىتەتتى، ھەم سۈلھى توختامىدا، بىز «ئادەم» دەپ تەرجىمە قىلغان «رجل-ئەركەك» دېگەن سۆز يېزىلغان بولۇپ، بۇ سۆزدىن ئاياللار ئىپادىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن نەبىمىز، يۇقىرىدىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ئۇ ئاياللارنى قوبۇل قىلدى ۋە قايتۇرۇپ بەرمىدى[7]. بولمىسا بۇ چاغدا ئاجرىشىشنى خالىماي مەككىدە قالغان مۇسۇلمان ئاياللارمۇ بار ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبىبە بىلەن سابىتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋالنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەبىبىنىڭ ئەرز قىلىپ كېلىشى بىلەن، ھېچ تەكشۈرمەيلا مەسىلە توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان ياكى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئايالنى ھېلىقى سېسىق ئۆيگە سولاپ قويغان.

ھەزرىتى ئۆمەر ئايالنىڭ بىر كېچىنى ئۇ ئۆيدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دېگەن سۆزىگە قاراپ، بۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە مەزكۇر ھۆكمىنى (ئېرىگە بىر نەرسە بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى ھۆكمىنى) چىقارغان.

ئاللاھ تائالا ھۇدەيبىيە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَوْلَا رِجَالٌ مُؤْمِنُونَ وَنِسَاءٌ مُؤْمِنَاتٌ لَمْ تَعْلَمُوهُمْ أَنْ تَطَئُوهُمْ فَتُصِيبَكُمْ مِنْهُمْ مَعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ لِيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا.

«(مەككىدە) سىلەر بىلمەيدىغان ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشۇڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى (ئەلۋەتتە اﷲ مەككىگە كىرىشىڭلارغا رۇخسەت قىلاتتى ۋە سىلەرنى كاپىرلارغا مۇسەللەت قىلاتتى)، اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى (دائىرىسىگە) كىرگۈزۈش ئۈچۈن (سىلەرنى مەككىنى پەتھى قىلىشتىن توستى)، ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا (يەنى مۆمىنلەر كاپىرلاردىن ئايرىلسا)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»-فەتىھ،48/25.

[1]  مۇۋەتتا، تالاق 11.

[2] ئىبنى ماجە، تالاق 22.

[3] دارىمى، تالاق 7؛ ئىبنى سەئد 8/326؛ تەپسىرى قۇرتۇبى 3/92.

[4]  نەيلۇل ئەۋتار 6/277.

[5]  ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا 2/341.

[6]  بۇخارى شۇرۇت،15.

[7]  ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبن ھەسەن ئىبن ئەلى بەيھەقى، سۇنەنۇل كۇبرا، مىسىر 1344، 4- جىلد، 218-بەت. سەفىيۇرراھمان مۇبارەك فۇرى، رەھىقۇل مەختۇم، بەيرۇت، 1408/1988، 314-بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر