مۇسۇلمانلار

ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ھەققىدە

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

دىنىمىز نامازنى ۋاقىتلارغا بۆلۈپ پەرز قىلغان. ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئاساستۇر. لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا دېگىنىڭىزدەك پىشىن بىلەن ئەسرىنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان. نامازلارنى يۇقىرىدىكى شەكلىدە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش داۋاملىق بولماسلىق شەرتى بىلەن زەرۆرەتكە باغلىق بىر ئىش بولۇپ، بۇنى داۋاملىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر خىزمەتچىلەر خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يول ئۈستىدە ياكى ئىش ئورنىدىن باشقا يەرلەردە بىرەر ئىككى قېتىم جەمئى قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ.

بىر كىشىنىڭ بىر قانچە يىل نامازلارنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. پۈتۈن ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئادەتتە 8 سائەت ئىشلەيدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئوتتۇرىسدا بىر قېتىم چۈشلۈك تاماققا تارقايدۇ. بۇ ئارىدا ۋاقىت چىقىرىپ پىشىننى ئوقۇلسا، ئىشتىن چۈشكەن ھامانلا كۈن كىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئەسرىنى ئوقۇۋالسا قىينىلىپمۇ قالمايدۇ. پەرزنىڭ ئالدى كېيىندىكى سۈننەتلىرىنى ئوقۇش بۇيرۇق بولماستىن، بىر تەۋسىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇماي پەرزنىلا ئوقۇۋېلىپ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر