مۇسۇلمانلار

ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىش چوڭ گۇناھمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئۇ تەبلىغنى قىلغان كىشى تەبلىغنى چالا قىلىپتۇ ياكى سىز خاتا ئاڭلاپسىز. دىنىمىزدا ئىشتاننى ياكى باشقا كىيىملەرنى ئۇزۇن كىيىش، تەكەببۇرلۇق نىيىتى بىلەن بولسا، گۇناھ بولىدۇ. ئەگەر تەكەببۇرلۇق قىلىش (ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش) نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكىدە جەمئىيەتنىڭ ئادىتى بىلەن بولغان بولسا، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى:

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئىشتان دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «ئىزار» دۇر. ئىزار كەلىمىسىنىڭ مەنىسى چاپان، تون، پۈركەنجە، خالات، پىلاش، پەلتۇ، تاشقى كىيىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرچىدىكى ئىشتان ئەرەبچىدە سىرۋال، سىرۋالە، سىرۋىل دېگەن كەلىمىلەرنىڭ بىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىكى: «مەن جەررە ئىزارەھۇ خۇيەلائە…» جۈملىسىنى «كىمكى ئىشتىنىنى تەكەببۇرلۇق قىلىش نىيىتى بىلەن سۆرىسە (ئۇزۇن كەيسە)» دەپ تەرجىمە قىلماستىن «كىمكى كىيىمىنى تەكەببۇرلۇق قىلىش نىيىتى بىلەن سۆرىسە (ئۇزۇن كەيسە)» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

1 ـ ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كىشى بار. قىيامەت كۈنى ئاللاھ تەئالا ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك بىر ئازاب بار» دېدى ۋە بۇ سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى.

مەن: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇنداقتا ئۇلار چوڭ زىيانغا ئۇچراپ كېتىدۇ ۋە تامامەن تۈگىشىدۇ. ئۇلار كىملەردۇر؟» دېگەن ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىيىمىنى تەكەببۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن يەرگە قەدەر ئۇزارتقان، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغان، مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن بازارغا سالغان كىشىلەردۇر!» بۇ ھەدىس، (مۇسلىم، ئىمان 171؛ ئەبۇ داۋۇد، لىباس 28؛ تىرمىزى، سىھىر 5؛ نەسەئى، سىھىر 5) دا ئۆتىدۇ.

2 ـ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ كىيىمىنى كىبىر قىلىش ئۈچۈن سۆرىگەن كىشىگە قارىمايدۇ» دېگەن ئىدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يا رەسۇلەللاھ! مېنىڭ ئىزارىم (تاشقى كىيىمىم) ئۇزۇن. دىققەت قىلمىسام سۆرۈلۈپ قالىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن بۇنى تەكەببۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن قىلغانلاردىن ئەمەس» دېدى. بۇ ھەدىس، (بۇخارى، لىباس 5، 1، 2، فەزائىلۇل ئەسھاب 5 ئەدەب 55؛ مۇسلىم، لىباس 45؛ ئەبۇ داۋۇد، لىباس 28؛ نەسەئى، زىنەت 102، 105) دا ئۆتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر