مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا ناماز2

بەش ۋاخ ناماز ئىنساننىڭ ئاللاھقا تەزىم قىلغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ۋە جانلىق تۇتىدىغان بىر ئىبادىتى بولۇپ، ئۇ ئىبادەت ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرىدۇر[1].
قۇرئان كەرىمدە كامىل ئوقۇلغان بەش ۋاخ نامازنىڭ يامانلىقلارغا توسالغۇ بولىدىغانلىقى[2]، ئاللاھدىن ياردەم تىلەشنىڭ ئىككى شەرتىدىن بىرىنىڭ بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇش ئىكەنلىكى[3]، بەش ۋاخ نامازنىڭ پەقەت ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلارغىلا ئېغىر كەلمەيدىغانلىقى، قەلبىدە كېسەللىك بولغانلارنىڭ ۋە ئاللاھقا سەمىمىي بولمىغانلارنىڭ بەش ۋاخ نامازغا ھۇرۇنلۇق بىلەن تۇرىدىغانلىقى، بەش ۋاخ نامازنىڭ بۇنداقلارغا ئېغىر بىر جاپا تۇيۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە[4].  
ئاللاھ تائالا بەش ۋاخ نامازغا شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرگەنكى، ھېچبىر شارائىتتا ئۇلارنى تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان، ھەتتا ئۇرۇش ئەسناسىدىمۇ مۇسۇلمانلارنى جامائەتنى ئىككىگە ئايرىپ بولسىمۇ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشقا بۇيرۇغان[5].
ئەينى ۋاقىتتا سەپەر ئۈستىدە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشقا بولىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىپ، بۇ ئىبادەتنىڭ ئاداسى ئۈچۈن بىر قىسىم ئاسانلىقلارنى يولغا قويۇپ بەرگەن. جۈملىدىن قادىر بولالمىغانلارنىڭ ئولتۇرۇپ، يېتىپ، مېڭىپ تۇرۇپ، ئۇلاغ/قاتناش ۋاسىتىسى ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئىشارەت بىلەن بولسىمۇ نامازلىرىنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان[6]. شۇنىڭدەك، بەزى شارائىتلار ئاستىدا پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى، نامازشام بىلەن ناماز خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان[7].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«…إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا»
«…شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/103.
بۇ ئايەتتە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تا قىيامەتكىچە پۈتكۈل مۇئمىنلارغا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرز قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238- ئايىتى، ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتى ۋە ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ بىز ئۇممەتى مۇھەممەدىيەگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. دېمەك، ناماز ۋاقتى بەلگىلەنگەن، ئۆز ۋاقتىنىڭ تېشىدا ئوقۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئىبادەتنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پەرزنى ئادا قىلىشنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆگەتكەن، شۇنداقلا بەش ۋاخ نامازنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان شەرت ئىكەنلىكىنى ھەر پۇرسەتتە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەقىدىمىزگە شېرىك ئارىلىشىپ قالسا ئەقىدىمىز قوبۇل بولمىغاندەك، ئەمەل-ئىبادىتىمىزگە بىدئەت ئارىلىشىپ قالسا ئەمەل-ئىبادىتىمىز قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا بەش ۋاخ نامازنى تەلەپكە لايىق ئوقۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىنى ئايەت-ھەدىستىن ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم.  
مەن كىتابىمنىڭ بۇ بۆلۈمىدە بەش ۋاخ نامازنىڭ تارىخى، ھۆكمى، ھېكمىتى، پەزىلىتى، ۋاقىتلىرى، رەكەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا توختىلىمەن.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[1]– ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى ‹ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى ناماز ئوقۇش، ئۈچىنچىسى زاكات بېرىش، تۆتىنچىسى ھەج قىلىش، بەشىنچىسى روزا تۇتۇشتۇر»- بۇخارى، ئىمان 2؛ مۇسلىم، ئىمان 19-22..

[2]– ئەنكەبۇت 29/45.

[3]– بەقەرە 2/45، 143.

[4]– بەقەرە 2/45، نىسا 4/142، تەۋبە 9/54.

[5]– نىسا 4/102.

[6]– نىسا 4/103.

[7]– قۇرئان كەرىمدە پېشىننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى، نامازشامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى زىكىر قىلىنمايدۇ. بۇ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس كىتابلىرىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ نامازلارنى مۇشۇنداق بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر