مۇسۇلمانلار
ئىسلامدا زىنانىڭ جازاسى 1 1

ئىسلامدا زىنانىڭ جازاسى 1

ئىسلامدا زىنانىڭ جازاسى

مۇقەددىمە:

ئاللاھ تائالا زىنا قىلغان ئاياللارنىڭ جازاسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَاللَّاتِي يَأْتِينَ الْفَاحِشَةَ مِن نِّسَائِكُمْ فَاسْتَشْهِدُوا عَلَيْهِنَّ أَرْبَعَةً مِّنكُمْ فَإِن شَهِدُوا فَأَمْسِكُوهُنَّ فِي الْبُيُوتِ حَتَّى يَتَوَفَّاهُنَّ الْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ اللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلًا١٥ وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنكُمْ فَآذُوهُمَا فَإِن تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَّحِيمًا١٦﴾

«ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە[1] قىلغۇچىلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سىلەردىن تۆت كىشىنىڭ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە ئۇ ئاياللارنى ئۆلۈپ كەتكىنىگە قەدەر ياكى ئاللاھ ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۆيلەردە تۇتۇڭلار. سىلەردىن ئۇ پاھىشىنى قىلغۇچى ھەر ئىككى كىشىگە تاپا – تەنە قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلىشتىن توختاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 15 ~ 16 – ئايەتلەر).

﴿الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا مِائَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ٢﴾

«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار. مۇئمىنلاردىن بىر جامائە ھازىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن» – (24 – سۈرە نۇر، 2 – ئايەت).

بۇ ئۈچ ئايەتنىڭ بىرىنچىسىدە زىنا قىلغان ئايالغا بېرىلىدىغان ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش جازاسى بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچىسىدە زىنا قىلغان ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىگە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى بايان قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى ئايەتتە  (نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە) بولسا، يۇقىرىدىكى جازالار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا «زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇش» جازاسى بېكىتىلىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە زىنا جىنايىتى ئۈچۈن بۇ جازالاردىن باشقا جازا بېرىلمەيدۇ.

ئۇنداقتا رەجم جازاسى قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى؟

رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) جازاسى بەرگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ مەسىلىدە قۇرئاننىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئوچۇق ھۆكمى بولسىمۇ، مەزھەپ ئىماملىرى بۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپلا، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى يا مەنسۇخ دەپ قارايدۇ ياكى مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ رەجم جازاسىنى «قۇتقۇزۇپ» قېلىشىدۇ.   

 ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم  جازاسى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىنسا، رەجم جازاسىنىڭ تەۋراتقا ئاساسلانغان بىر جازا ئىكەنلىكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇ جازانى مەنسۇخ قىلغانلىقى (ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى) ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

بۇ مەسىلىنى ئۇبدان چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك:

﴿مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ١٠٦﴾

«بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 106 – ئايەت).

ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش لازىم. شۇنداق بولغاندا مەسىلىنىڭ ئەسلى ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ھەدىسنى قۇرئاندىن ئايرىغانلارنىڭ بۇ دىنغا نېمىلەرنى قىلغانلىقى بىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

1- نەسخ (نسخ)

نەسخ – لۇغەتتە، بىر نەرسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىر نەرسىنى تۇرغۇزۇش، بىر نەرسىنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش، ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئىستىلاھى (ئاتالغۇ) مەنىسى  بولسا، «بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ياكى تېخىمۇ ياخشىسىنى كەلتۈرۈش[2]» دېگەن بولىدۇ‏.

ئايەتلەرنى نەسخ قىلىش ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ١٠٦﴾

«بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» – (2 – سۈرە بەقەرە، 106 – ئايەت).

﴿وَإِذَا بَدَّلْنَا آيَةً مَّكَانَ آيَةٍ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوا إِنَّمَا أَنتَ مُفْتَرٍ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ١٠١﴾

«بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتكە ئالماشتۇرغاندا – ئاللاھ ئۆزىنىڭ نازىل قىلىدىغان ئايەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ -، ئۇ مۇشرىكلار ساڭا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئويدۇرمىچىسەن» دېيىشتى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ‏» – (16 – سۈرە نەھل، 101 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە «نەسخ» قىلىشنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

﴿شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ١٣﴾

«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلىۋاتقان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ» – (42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت).

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قىسم ئايەتلىرى نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ۋەھيى قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئوخشىشى بولغان بولىدۇ. بىر قىسمى بولسا، پەقەت پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا ۋەھىي قىلىنغان يېڭى ئايەتلەر بولغان بولىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇرۇن نازىل قىلغان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى نەسخ قىلغان.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: نەسخنىڭ ئىككى شەرتى بار:

1- ئايەتلەر ئارىسىدا بولۇشى.

2- نەسخ قىلغۇچى ئايەتنىڭ نەسخ قىلىنغۇچى ئايەت بىلەن ئوخشاش ياكى تېخىمۇ ياخشى بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى.

ھەدىسلەر ئايەتلەرنىڭ تەتبىقاتى، بايانى ۋە ئىزاھى بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىگە ئەگىشىدۇ. ھەدىسلەر ئايەتلەرنى مەنسۇخ قىلالمايدۇ. بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى ئۆزگەرتتى دېگەنلىك بولىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق قىلىشقا ھوقۇقى يوق، ھەم ئۇنداق قىلمايدۇ.  ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئوچۇق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآنٍ غَيْرِ هَذَا أَوْ بَدِّلْهُ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِن تِلْقَاءِ نَفْسِي إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ١٥﴾

«ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇنى ئالماشتۇرغىن» دېدى. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇنى مەن ئۆز خاھىشىمچە ئالماشتۇرالمايمەن. مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. چۈنكى مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».‏» – (10 – سۈرە يۈنۈس، 15 – ئايەت).

خۇلاسە

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىن مۇنۇ قائىدىلەر چىقىدۇ:

ئا- بىر ئايەت نەسخ قىلىنغان ھامان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ نەسخ قىلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نېمە ۋەھىي قىلىنسا ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىيگە خىلاپ ھالدا بىر نەرسە سۆزلەش ياكى بىر ئىش قىلىش ھوقۇقى يوق.

ئە- بىر ئايەت نەسخ قىلىنسا، ئۇنىڭ مەنىسىمۇ بىرلىكتە نەسخ قىلىنىپ كېتىدۇ. بىرەر ئايەتنىڭ لەۋزى مەنسۇخ بولۇپ كېتىپ، ھۆكمى باقىي قالىدىغان ئىش يوق. چۈنكى بىر ئايەتنىڭ نەسخ قىلىنىشى، باشقا بىر يېڭى ئايەت بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇ يېڭى ئايەت، ئۆزىنىڭ لەۋزى ۋە مەنىسى بىلەن بىرلىكتە نازىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنقى ئايەتنىڭ لەۋزىنى ۋە مەنىسىنى بىرلىكتە نەسخ قىلىدۇ.

ب- نەسخ قىلغۇچى ئايەت، نەسخ قىلىنغۇچى ئايەتتىن ئېغىر بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بايان قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ تەقەززاسىدۇر:

﴿الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنجِيلِ يَأْمُرُهُم بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنزِلَ مَعَهُ أُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ١٥٧﴾

«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».‏» – (7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت).

بىر ئايەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر ئايەت بىلەن نەسخ قىلىنغانلىقىغا زىنا جازاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مىسال بولىدۇ. تەۋراتتا ۋە ئىنجىلدا زىنانىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر. بۇنى پەيغەمبىرىمىزمۇ بىر مۇددەت ئىجرا قىلغان. ئاندىن قۇرئان كەرىم ئۇ ھۆكۈمنى نەسخ قىلغان.

داۋامى بار….

[1]  «پاھىشە»نىڭ مەنىسى قەبىھ گۇناھ بولۇپ بۇ يەردە زىنا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.‏

[2] ئەزھەرى، «نسخ»، 7: 84؛ ئىبنى فارىس، «نسخ»، 5: 24؛ راغىب ئىسفھانى، «نسخ»، 801؛ ئىبنى مەنزۇر، «نسخ»، 3: 61

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر