مۇسۇلمانلار
ئىسلامدا دىن نېمە؟ 1

ئىسلامدا دىن نېمە؟

ئىسلامدا دىن نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئىسلامدا دىن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە ئىلاھىي ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن ياشاش شەكلى ۋە قانۇنلار پۈتۈنلىكىدۇر. دىن ئىنسانىيەتنىڭ پايدىلىنىش كىتابى، يول خەرىتىسى، قىممەت قاراش ۋە پرىنسىپلار مەنبەسىدۇر.

ھەق دىن، ئاللاھ تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان دىندۇر. چۈنكى ياراتقۇچى يارىتىلغاننى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ پايدىلىنىش كىتابىنى ئەڭ توغرا شەكىلدە يازغۇچى دەل ئۇ نەرسىنى ئىجاد قىلغۇچىسىدۇر. شۇنىڭدەك دىنمۇ ئىنساننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنى ياراتقۇچى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەڭ مۇكەممەل بىر كىتابتۇر. ئىنسان ھاياتىدا بۇ كىتابتىن ئايرىلالمايدۇ. ئايرىلغان ھامان ھالاك بولىدۇ.   

﴿إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ …١٩﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر…» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 19 – ئايەت).  

﴿وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ٨٥﴾

«كىم ئىسلامدىن باشقا دىن ئىزدەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 85 – ئايەت).

﴿فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَتَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ٣٠﴾

«ئۇنداقتا سەن يۈزۈڭنى ھەقكە يۆنەلگەن ھالدا بۇ دىنغا توغرىلىغىن، ئاللاھ ياراتقان فىترەتكە بويسۇنغىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ2.» – (30 – سۈرە رۇم، 30 – ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر